ﻣﻪﮬﻜﯘﻣﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩــﺮەﺭ ﺗﯧﻜﺴــﺘﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ھــﻮﺯﯗﺭ ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳـــــــــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩـــــــــﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻏـــــــــﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎھﺎ ﺑﯧــﺮﯨﺶ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ھﻪﻗﻘﯩﻘﯩــﻲ ﺋﻮﻗــﯘﺵ ﺷــﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﺗــﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻜﺴــﺖ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴــﺖ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴــﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﻭھﯩﻲ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩــﻦ ﺋﯧﺘﻪﻟﯩﺸــﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﻛﺴــﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩــﻚ ﺋﯩﻨﺘــﺎﻳﯩﻦ ﻛــﯚپ ﺧﯩﻠــﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻨﯩــﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨــﺪﯗﺭ .ﺋﻪﻟﺒﻪﺗــﺘﻪ ،ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﺗﯧﻜﺴــﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ھــﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ .ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚپ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻘــﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩــﺮﻻ ﺧﯩﻠــﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻘــﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴــﺎﺟﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﺴـــــﻰ ﺗﯧﻴﺰﻟﻪﺷـــــﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﯩـــــﯟﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳـــــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼﺷــﻘﺎﻥ ۋە ﺑﯩــﺮ ﺧﯩﻠﻼﺷــﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨــﺎﻧﻼﺭ ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩــﯔ ﻛــﯚپ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸــﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩــﺪﯗ .ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﻗﻮﺭﻗــﯘﺵ ﺭﻭھﯩــﻲ ﻣﻪھﻜﯘﻣﻠــﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺋﯩﻨﺘــﺎﻳﯩﻦ ﻛــﯚپ ﺧﯩﻠــــﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩــــﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻘــــﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴــــﺎﺟﻠﯩﻖ ،ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﺴــــﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ،ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻣﯜﺭەﻛﻜﻪﭘﻠﻪﺷــﻜﻪﻥ ۋە ﺋــﯚﺯ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩــﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐــﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨــﺎﻧﻼﺭ ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻧﻤﺎﺱ ﻣﻪﻧﯩـــﯟﯨﻲ ﺗﻪﻟﻪپ ﺭﻭھﯩـــﻲ ﺋـــﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩـــﺪﯗ .ﻗﻪﺩﯨﻤﻜـــﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ ﺋﯩﻨﺘــﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺴــﻘﺎ ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺳــﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﯩــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩــﮕﻪ 500 ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺶ ﺋﻪﭘﺴــﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴــﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟـــﯘپ ،ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻨﯩـــﯔ ﭼﻮﯕﻘـــﯘﺭ ۋە ﻛﻪڭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩـــﯔ ﻣﻪھﺴــﯘﻟﯩﺪﯗﺭ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟــﯘﻕ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜــﻰ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ،ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﮔــﺎﺩﺍﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩــﻢ ﺋــﯘﭼﺮﺍپ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺗﯩﻠــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜــﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﻛﯧﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩــﯟﯨﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨــﭗ، ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺑﯩﺸـــﺎﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻘﻼﺷـــﺘﯘﺭﯗﺵ ۋە ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﻠﻪﺷـــﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻭھﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪھﻜﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺟــﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜــﻰ ﺋﻪﭘﺴــﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﺧــﺎﻥ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﭘﯧﺮﺳــﻮﻧﺎﺝ ﻛﯩﺸــﻰ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯧﺮﺳﯘﻧﺎﺟﻨﻰ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸــﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴــﺎﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﻛﯩﺸــﻰ ﺑﻮﻟﺴـــﺎ ﺗـــﯘﭘﺮﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩـــﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩـــﭽﻪ ﺋـــﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗـــﯘﭘﺮﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐـــﺎ ﻳﻮﺷـــﯘﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ،ۋە ﺑﯘﻧﯩـــﯔ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـــﯔ ﺋـــﺎﻳﺮﯨﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳـــﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩــﺪﯗ .ﺑــﯘ ﺋﻪﭘﺴــﺎ ﻧﯩــﻤﻪ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯘﻧﺘــﯘپ ﻛﯧﺘﯩﻠــﺪﻯ؟ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩــﮕﻪﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺘــﯘپ ﻛﯧﺘﯩﻠﻤﯩــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩــﭗ ﺋﺎﯕﺴــﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗــﯘﺭﯗپ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ،ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩــﺰ ﺋــﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩــﺰ .ﺑﯩــﺰ ﺑــﯘ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ ﺩەپ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩــﺮ ﺋﻪﭘﺴــﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳــﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳــﻪۋەﺏ ﻧــﯧﻤﻪ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺭﺍ ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘــﯘﻕ .ﺑﯩــﺰ ﺋــﯚﺯﯛﻣﯩﺰﮔﻪ ﺋــﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺯﯗﻟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸــﻨﯩﯔ ﻳــﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ،ﺋﯩﻨﺘــﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﭙﯩــﻖ ،ﻣﻪﻧﯩﺴــﻰ ﻣــﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﯧﻜﺴﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﻧﻜﯩﺮﯨﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎﻣﻠﯧﺘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘــﯜﺭﯛپ ﺩﺍﺩﯨﺴــﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﺎﺳــﯩﻨﻰ ﺋــﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﺎﻧــﺎ ﺷــﯘ! ﺩەپ ﻧــﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﻕ .ﺑﯩﺰ ﺗﺎﻏﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻮﻏﯘﺯﻻپ ﺗﺎﺷﻼﭘﻼ ،ﺗﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﻟﯩﺪﯗﻕ .ﺷــﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴﯩﺘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺗﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻠﯩﺴﺎﻡ :ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩــﯔ ﻣﻪھﺴﯘﻟﻰ .ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺖ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﺸــﻨﯩﯔ ﻣﻪھﺴﯘﻟﻰ .ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴﯩﺖ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟــﯜﻙ .ﻳﯧﭙﯩــﻖ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﯩﭽﻪ. ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴﯩﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩەﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻴﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺩەﺭەﺥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﻳﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﻳﯜﺭەﻙ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ. ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺩەﺭەﺥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ۋە ﺋﺎﻏــﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺵ ھﺎﻟﯩﺘﯩــﺪە ﺗﯘﺭﻏـــــﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﮔـــــﺪﯗﺭ .ﺋﯘﻧﯩـــــﯔ ﻗﯘﺭﯗﺷـــــﻘﺎ ھﻪﺭ ﺑﯩـــــﺮ ﺩەۋﺭﻧﯩـــــﯔ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴــﻰ ،ھﻪﺭﺑﯩــﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻨﯩــﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴــﻰ ،ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜــﯜﺭ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴــﻰ ۋە ﺗﯩــﻞ ﺗﯘﻳﻐــﯘﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸــﯩﺪﯗ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺑــﯘ ﺩەﺭەﺥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏــﺎﺯ ﺩەﺭﻳﺎﺳــﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩەﺭەﺥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﺎﻳﺘﯘﻏﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪۋﯗﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺩەﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺸــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﭘﯩﺴــﺨﯩﻜﺎﻣﺪﺍ ﺑــﯘ ﺩەﺭﻳــﺎ ﭼﯚﻛــﯜﺵ ۋە ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐــﯘ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴــﺎ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺍۋﻧﯩــﯔ ﺋﯧﯖﯩــﺪﺍ ﺟﯩﻨﺴــﯩﻲ ﻳﯘﻗـﯘﺭﻯ ﭘﻪﻟــﻠﻪ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺟــﺎﻥ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋــﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﻪﺳــﺘﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳــﯘ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﺴــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ 502 ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺧــﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﺴــﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳــﯘ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺭﻭھﯩــﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻤــﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺩﯦــﻤﻪﻙ ﺑــﯘ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺖ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻗﯘﺭﯗﻟــﯘﺵ ھﺎﻟﯩﺘﯩــﺪە ﺗﯘﺭﯨــﺪﯗ ۋە ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺗﯧﻜﺴﯩﺘﺘﯘﺭ .ﺑﯘ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸــﯩﻨﻰ ﺗﯧﻜﺴــﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ )①(signifiant ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳـــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ) (signifierﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴـــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳـــﯩﯟەﺕ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﯩﮕﻪﻥ .ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺩەﺭەﺥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩــﻲ ﺭﯦﺌــﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩــﺮ ﺗــﯜپ ﺩەﺭەﺥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﺋﯚﺯﮔـﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺗﯘﺭﻏـــﺎﻥ ،ﭼﻪﻛﺴـــﯩﺰ ﺋﯩﻤﻜـــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩـــﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳـــﯩﯟەﺕ .ﺑـــﯘ ﺧﯩـــﻞ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﻛﯩﺸــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋــﻮﻳﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨــﺪﯗ .ﺋــﻮﻳﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯦــﻤﻪﻙ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜــﯜﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜــﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘــﯘﺭ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺑــﯘ ﺑﻪﺯﯨــﺪە ﺳﯩﻴﺎﺳــﻰ ﺋﯩــﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤــﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ .ﻳﻪﻧــﻰ ﺳـــﯚﺯﻟﻪﺵ ﺋﻪﺭﻛﯩـــﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ،ﭘﯩﻜﯩـــﺮ ﻗﯩﻠﯩـــﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩـــﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳـــﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ) ﺳــﯩﮕﻨﯩﻔﯩﺌﻪﺩ( ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ) ﺳﯩﮕﻨﯩﻔﯩﺌﻪﺭ( ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺋــﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩـــﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـــﺪﯗ .ﺑـــﯘ ﺧﯩـــﻞ ﻣﯘﻧﺎﺳـــﯩﯟەﺕ ﻛﯩﺸـــﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋـــﻮﻳﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳــﺪﯗ .ﻛﯩﺘﺎﺑﺨــﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﻖ ﺑﯧﺴــﯩﻢ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻳــﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﻼﺟﯩﺴــﯩﺰ ﻗﻮﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺋــﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩــﻚ ﺑﺎﺳــﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩــﻚ ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﺯﻭﺭﻻپ ﺋﻮﻗﯘﺗــﯘﺵ ﺳــﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭﻻﺷــﻘﺎ ﻛﯚﻧــﯜپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻼﺭ ،ﺑﺎﺳــﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺧﯘﻣــﺎﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋﻮﭼــﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ① ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘپ» ،ﻣﻪﻧﺎ« ۋە »ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە« ﺩەپ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴـﺎﺕ ﻧﻪﺯەﺭﯨﻴﯩﺴـﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩـﺖ ﺗﯧﻜﺴـﯩﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴـﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪەﻙ ،ﻡ. ﺑﺎﺳـــﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋـــﯘﭼﺮﺍﺵ ھﻪۋﯨﺴـــﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧـــﺪﯗﺭﻣﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘﻧـــﺪﺍﻕ ﺗﯧﻜﺴﯩﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎھﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯩﯟﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ. ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺳﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻏﺎﺩﺍﻳﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺩەﺭەﺥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﻳﯧﭙﯩــﻖ ﺗﯧﻜﺴــﺖ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤــﺎ ﺷــﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺸــﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑــﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻨــﻰ ﻛﻪﻟﺘــﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘــﺎﺭﻏﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻣﯩﯟﯨﺴــﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸــﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋﺎﻟﻤــﺎ ﺷــﺎﺧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﺑــﯘ ﺳــﯚﺯ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﻡ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷــﺘﻰ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩــﻚ ھﻪﻗﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺷــﻮﺋﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻗﻠﻪﺷﺘﻰ .ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩــﺰﮔﻪ ﻛﻪﻣــﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﻠﯩﺸــﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺳﻪۋﯗﺭ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﯩــﺪﻯ .ﺋــﯘ ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺑﯧﺸــﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭘـــﯘﻻﯕﻼپ ﺗﯘﺭﻏـــﺎﻥ ﺑﯩـــﺮ ﺩەﺭﺭە ﺑﻮﻟـــﯘپ ،ﺑﯧﺸـــﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳـــﻪﻟﻼ ﺗﯩـــﻚ ﺗﯘﺗﺴــﯩﯖﯩﺰﻻ ﺋﯘﺭﯨﻠﯩــﺪﯗ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪڭ ﻗﯩﺰﯨﻘــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧــﺮﻯ ﺷــﯘﻛﻰ، ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪھﻜﯘﻣﻼﺭﭼﻪ ﺋﯧﮕﯩــﭗ ﺗﯘﺭﺳــﯩﯖﯩﺰﻻ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘــﻰ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯗ .ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛــﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳــﻠﯩﻚ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﻧﻪﺳــﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸــﻨﯩﯔ ھﯧﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺭﻭﻟــﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧــﺪەﻙ، ﻧﻪﺳــﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐــﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯧﺸــﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗــﯜﺭەﻟﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﺴــﯩﻼ ،ﺑــﯘ ﺷــﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘــﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ) ﺳـــــــﯩﮕﻨﯩﻔﯩﺌﻪﺩ( ﺑﯩـــــــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳـــــــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ) ﺳـــــــﯩﮕﻨﯩﻔﯩﺌﻪﺭ( ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺑﯧﻜﯩــﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋــﻮﻳﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳــﺪﯗ .ﺋــﻮﻳﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺩەﻝ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ) ﺳــﯩﮕﻨﯩﻔﯩﺌﻪﺩ( ﺑﯩــﻠﻪﻥ 504 ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ) ﺳــﯩﮕﻨﯩﻔﯩﺌﻪﺭ( ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻨﻰ ﻳــﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩــﯟﯦﺘﯩﺶ .ﺑــﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨــﻰ ﻳــﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩــــﺪﯗ .ﮔﯘﯕﮕــــﺎ ﺷــــﯧﺌﯩﺮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ )ﺑــــﯘ ﺋﺎﻳﺘﯘﻏــــﺪﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩــﻤﻪﻥ( ﺋﻪڭ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩــﻚ ﺋــﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘ. ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﺳــﯚﺯﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘــﻰ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﺪە .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺗﯧﻜﺴــﯩﺘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺩەﺭﺧﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﺩەﺭەﺥ ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻛــﯚﺯ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳــﺎﻛﻰ ﺭﻭھﯩــﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜــﻰ ﺩەﺭەﺥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﻪﺳــﺘﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺩەﺭەﺥ ﺑﻮﻟﺴــﯘﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﺩەﺭەﺧــﻠﻪﺭ ھﻪﻗﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﻛﺴــﯩﺰ ﺗﻪﺳــﻪۋﯗﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴــﯘﻥ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﯩﺴﺎ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺑﺴﺘﯩﺮﺍﻛﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺴــﺎ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ھﯧﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﮔﯘﯕﮕــﺎ ﺷــﯧﺌﯩﺮﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩﺴــﻤﻰ ﻳﯧﭙﯩﻖ ﺗﯧﻜﺴﯩﺘﻨﻰ ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﮔﯘﯕﮕﯩﻼﺷــﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴــﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺯﯗﻟــﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸــﺘﯩﻦ ﺧــﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ) ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨــﻰ ﺷــﻪﺭھﯩﻠﯩﺪﻯ( ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـــﺮ ﻗﯩﺴـــﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴـــﺎ ﻛﯚﺭﺳـــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ )ﻳﻪﻧـــﻰ ﺳـــﯚﺯ( ﻧـــﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯩﺘﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳ ـﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩــﮕﻪ ﻗﯩﻠﻤــﺎﻱ، ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯦﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴــﻪ ،ﻣﻪﻥ »ﻳــﺎﻣﻐﯘﺭﺩﺍ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺗــﺎۋﯗﺱ ﺋﻪﻟ ــﻠﻪﻳﯩﻦ« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻻﻣــــﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــــﺪەﻙ ،ﻛﯜﻧــــﺪە ﻣﯩﯖﻨــــﻰ ﻳــــﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩــــﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﯘﺷــﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧــﺪﺍ ﺳــﯩﯖﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳﺎﺷــﻠﯩﻖ ﺟﯩـــﻴﻪﻧﯩﻢ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧـــﺪﺍﻕ ﺑﯩـــﺮ ﺋﻮﻳـــﯘﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎۋﺍﺗﻘـــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ .ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺟﯩﻴﻪﻧﯩﻤﺪﯨﻦ: ﺳﻪﻥ ﻗﯧﻨﻰ؟ ﺩەپ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﻰ. ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘپ ﺗﯘﺭﯗپ: ﻣﺎﻧﺎ ﺩەﻳﺘﻰ. ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﺸــﺎﻧﻪڭ ،ﺩەﻳﺘــﻰ ﺳــﯩﯖﻠﯩﻢ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺳــﻮﺭﺍﻳﺘﻰ ، ﺳﻪﻥ ﻗﯧﻨﻰ؟ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘپ ﺗﯘﺭﯗپ: ﻣﺎﻧﺎ!_ ﺩەﻳﺘﻰ. ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪەڭ ،ﺩەﻳﺘﻰ ﺳــﯩﯖﻠﯩﻢ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺳــﻮﺭﺍﻳﺘﻰ ،ﺳــﻪﻥ ﻗﯧﻨﻰ؟ ﻣﺎﻧﺎ ،ﺩەﻳﺘﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺳﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ. ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻮﺳﯘﻏﯘڭ ،ﺩەﻳﺘﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﺍﻳﯩﺘﺘﻰ ، ﺳﻪﻥ ﻗﯧﻨﻰ؟ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺳﻮﺭﺍۋەﺭﺩﻯ ،ﺑﺎﻻ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﻨــﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯜﺗﯜپ ﺑﯧﻘﯩﭗ ،ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸــﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩــﺪﯨﻨﻰ ﺋــﯜﺯﯛپ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ: ﻳﻮﻕ ،ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳــﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙــﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻛــﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩــﮕﻪ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ﻛﯜﻟــﯜپ ﻛﻪﺗــﺘﯩﻢ .ﺋــﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩـﯔ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩــﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤــﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩــﺪە ﺋﻮﻳﻠــﯘﺩﯗﻡ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋــﯘ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟــﯘﻕ ﺋﻪﻛــﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭەﻟﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎۋﯗ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻜــﻰ ﺷــﯘ ﻣﻪﻥ ،ﺩﯦﺴــﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋــﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩــﯔ ﺋــﯚﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﺋﻪﻛﺴــﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋــﯘ ﭘﯘﺗﯩــﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﺑﯧﺸــﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜپ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪ ،ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ، ﺑﯘ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﯔ ،ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻏــﺪﯗﺭﯗۋﯦﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﯩﻨــﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺭﻭھﯩﻨﯩﻤــﯘ ﺋــﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩــﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩــﺪﯗ .ﺗﻪﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷــﯘ ﺭﻭھﻨــﻰ ﻗﻮﺷــﯘپ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸــﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤــﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪﻗــﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩــﻼ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯﻯ 506 ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻜﻰ ،ﺑﯘﻟﺘﯘﺭﻗﻰ ،ﺋﺎﻟــﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻘــﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤــﯘ ﺑــﺎﺭ .ﻛﻪﻟﮕﯜﺳــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﺋــﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳــﺪﯗ. ﺩﯦــﻤﻪﻙ ﺋــﯘ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳ ـﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸــﻜﻪ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸــﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩەﻝ ﻛﯚﺭﺳـﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳــﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻤــﯘ ﺧﯩــﻞ ﺋﯩﭙــﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳـﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸــﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ .ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸــﺎﺵ .ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﻳــﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩەﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ» ،ﺷﯩﺮە« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺷــﯩﺮەﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺷـــﻰ ﻣـــﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺑﯩـــﺮﺍۋ ﻣﯧﻨﯩـــﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤـــﺪﯨﻜﻰ ﺷـــﯩﺮەﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜپ ﺗــﯘﺭﯗپ» :ﭘﻪﺭھﺎﺗﻨﯩــﯔ ﺋــﺎۋﯗ ﺷﯩﺮەﺳــﻰ« ﺩﯦﺴــﻪ ،ﻛــﯚﺭﯛپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﺑﯩــﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﺋﯘﻗــﯘﻣﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺸــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟـــﯧﻜﯩﻦ ﺋـــﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﺷـــﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧـــﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸــﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨــﺪﯗ. ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﯘﭼﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﻮﻧﺘﯧﻜﺴﯩﺖ ۋە ﺋﯩﺰﺍھﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ ،ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﯩﻨﻰ ﺩەﻝ ﺋﯩﭙــﺎﺩﯨﻠﻪپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺑﯩــﺮ ﭘــﯘﺗﻰ ﺳــﯘﻧﯘپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺷــﯩﺮە ،ﻧــﺎۋﺍﺗﺮەڭ ﺳــﯩﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺷــﯩﺮە ،ﭼــﻮڭ ﺷــﯩﺮە ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪەﻙ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺷــﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﺸــﯩﻠﻪﺭﺩە ﺳﺎﻧﺴــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﭘــﯘﺗﻰ ﺳﯘﻧﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷــﯩﺮە ،ﺳﺎﻧﺴــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧــﺎۋﺍﺗﺮەڭ ﺳــﯩﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺷــﯩﺮە، ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﭼﻮڭ ﺷﯩﺮەﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺩﯗ .ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ »ﺷﯩﺮە« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳــﺎﻛﻰ »ﺷــﯩﺮە« ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﺳــﯚﺯﻧﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨـــﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﺋـــﯚﺯ ﺗﻪﺳـــﻪۋﯗﺭﻯ ،ﺷـــﯩﺮەﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳـــــــﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﭘﯩﺴـــــــﺨﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩـــــــﺮﻯ ،ﺷـــــــﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﺮﯨﻐــﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳــﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﺑﯩﺴــﺘﯩﺮﺍﻛﯩﺖ ۋە ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷــﭽﺎﻥ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﺮەﻧﻰ ﻗﯘﺭﺍﺷــﺘﯘﺭﯗپ ﭼﯩﻘﯩﺸــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋــﯘﻻﺭ ﺑــﺎﺭ ﻛـــﯜﭼﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸـــﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴـــﯩﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘـــﺎ ﻣﻪۋﺟــﯘﺕ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻏﺎﻳﯩــﭗ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘــﺎ ﻳﻪﻧﯩــﻼ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯩﺮە ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴـــــﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﯩﻠـــــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـــــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﺳـــــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯﻯ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯩﺮە ﺑﯩــﺮ ﻣــﺎﺩﺩﯨﻲ ﻧﻪﺭﺳﻪ»،ﺷــﯩﺮە« ﺩﯨــﮕﻪﻥ ﺳــﯚﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﺗﺎۋﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﯨﻜــﻰ ﺑﻪﺵ ھﻪﺭپ. ﺋﺎﺷــﯘ ﻣــﺎﺩﺩﯨﻲ ﺷــﯩﺮە ﺑﯩــﻠﻪﻥ ،ﺳــﯚﺯ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ »ﺷــﯩﺮە« ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷــﺘﻪ ﺑﯩــﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋــﯘﻻﺭ ﺑﯩــﺮ ﺑﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﺋﺎﺟﺮﺍﻟﻐـــﺎﻥ .ﻣﻪﺳـــﯩﻠﻪﻥ ،ﺳـــﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐـــﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـــﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻘﺎ »ﺷﯩﺮە« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋــﯘ ﺑــﯘ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﭼﻪ ﺳــﯚﺯﻧﻰ ﭼﯜﺷــﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺩﯦــﻤﻪﻙ ،ﺑــﯘ ﺳــﯚﺯﻧﻰ ﻣﻪﻧﺎﻏــﺎ ﺋﯩــﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸــﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩـــــﻲ ﺳـــــﺎﻻھﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸـــــﯩﺪﯗ .ﻛﯚﺭﺳـــــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩـــــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷــﻜﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩــﻞ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷــﻘﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ ،ﺩﯦــﻤﻪﻙ ،ﺋــﯘ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﻐﺎ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺋﯚﺯﮔ ـﯜﺭﯛﺩﯗ .ﻣﯘﺷــﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﺗﯘﻳﻐــﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙــﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺋﺎﺷــﯘ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻣــﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸــﻘﺎ ﺳــﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸــﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﯗﺭ . ﭘﻼﺗﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ »ﺷــﯩﺮە«ﻧﻰ ﻣﯩﺴــﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴــﺎﻕ ،ﺷــﯩﺮەﻟﻪﺭ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻳﺎﺳــﯩﻠﯩﭗ ﺗــﯘﺭﯗﺩﯗ ،ﺧﯩﻠﻤــﯘ ﺧﯩــﻞ ،ﺳــﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﻗﺴــﯩﺰ ﺷــﯩﺮەﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘــﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸــﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺑــﯘ ﺷــﯩﺮەﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺸــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰە ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷﯩﺮە ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ،ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷــﯩﺮەﻧﯩﯔ ﺩەﻝ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳــﺎپ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺑــﯘ ﺋﯩــﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷــﯩﺮە ﺑﯩــﺮ ﺋﯩﺠــﺎﺩﯨﻴﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﭼﻪﻛﺴــﯩﺰ ﺋﯩﻤﻜــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪە ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖــﻰ ﺷــﯩﺮە ﺋﯩﺠــﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸــــﯩﺶ ﺋﯩﺴــــﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳــــﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩــــﺪﯗ .ﺷــــﯩﺮە ﻳﺎﺳــــﺎﺵ 508 ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷــﺘﯘﺭﯗﻟﯘپ ،ھﻪﻣــﻤﻪ ﺷــﯩﺮەﻧﯩﯔ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷــﯩﺮەﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸــﯩﺶ ﻳــﻮﻟﻰ ﻛﯧﺴــﯩﭗ ﺗﺎﺷــﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﯩﺠــﺎﺩﯨﻲ ﻛــﯜچ ﺋﯚﻟ ـﯜﺩﯗ .ﺷــﯧﺌﯩﺮﻣﯘ ﻣﯘﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ .ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ھﻪﻣﻤﯩﺴــﻰ ﺑﯩــﺮﻻ ﻗﯧﻠﯩﭙﺘــﺎ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﻳــﺎﻛﻰ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺋﻪﻧــﺪﯨﺰﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺴــﺎ ﺋﯩﺠــﺎﺩﯨﻴﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯘﻟــﯘﺩﯗ .ﻣﯘﻧــﺪﺍﻗﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ،ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻳﻪﻧــﻰ ﺋﯩﻤــﺎگ ،ﺳـــﯩﻤﯟﻭﻝ ۋە ﻣﯩﺘﺎﻓﻮﺭﻻﺭﻏــﺎ ﻛﯚﺭﺳ ـﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺑﻪﻟﮕــﯜﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴــﻪ ،ﺑــﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩــﻤﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻠﯘﺷﯘﺵ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳ ـﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸــﻰ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺴﻪ ،ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴــﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺷﯩﺮە ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷـــﯩﺮەﻣﯘ ﭼﻮﻗـــﯘﻡ ﺋﺎﺷـــﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋـــﻮپ ﺋﻮﺧﺸـــﺎﺵ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧـــﺪەﻙ، ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳـﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺯﻭﺭﻟـــﯘﻕ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ،ﻣﻪﯕﮕـــﯜ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠـــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻧﯩﺸــﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ-ﺩە ،ﺋــﯘﻧﻰ ﺋﯩــﺰﺩەﺵ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺳﺎﻧﺴــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘپ ،ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴــﺖ ﺋﯩﺠــﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳــﺪﯗ! ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷﯩﺮەﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺷﯩﺮەﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﻨـــﻰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻠﻼﺷـــﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴـــﯩﭽﻪ ﺋﯩـــﺪﯨﺌﺎﻝ ﺷـــﯩﺮەﻧﻰ ھﯧﭽـــﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧـــﺪﯗﺭﯗﺵ ﭼﻪﻛﺴـــﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻠﯩﻘﻘـــﺎ ھﺎﻣﯩﻴـــﺪﯗﺭ. ﺋﯩـــــﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩـــــﻖ ﺑﯩـــــﻠﻪﻥ ﺷـــــﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳـــــﺎﻛﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩــﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐــﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺟﺎھﺎﻟﻪﺗﭙﻪﺭەﺳــﻠﻪﺭ ﺋﻪﭘﻼﺗــﻮﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﻧــﻰ ﻣﻪۋﺟــﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ، ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﯚﺭەپ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﯨﺌﺎﻝ ﻧﻪﺭﺳــﯩﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﻖ ﻳﺎﻟﻐــﺎﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻳﺎﺳــﺎپ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ،ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩــﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﭘﯩﻜﯩــﺮ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴــﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧــﯜپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺷــﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻣﯘ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــــﻖ ﺋــــﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩــــﭗ ﺑﯧﺮﯨــــﺪﯗ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷــــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳـــﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺷـــﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳـــﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩـــﺪﯗ .ﺋﯩﻨﯩﻤﯩـــﺰ ﻛﯚﻛﺘﯘﻏﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻚ ﺩەپ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩە ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗــﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻣﻪﻥ -1984ﻳﯩﻠــﻰ ﺋــﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛــﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﯧﯖﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ »ﺟﯩﮕﺪە ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻘﻰ« ۋە »ﻗــﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩــﭻ ﺋﺎﺳــﺘﯩﺪﺍ« ﺩەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺷــﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ-1985 . ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋﺍﻟــﺪﯨﻢ .ﺋــﯘ ﭼﺎﻏــﺪﺍ 16 ﻳﺎﺷـــﺘﺎ ﺋﯩـــﺪﯨﻢ .ﻧﻪﺷـــﺮﯨﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳـــﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗـــﻮﺧﺘﻰ ﺋـــﺎﻳﯘپ ﺋﺎﻛـــﺎ ﺗﻪھﺮﯨــــﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩــــﻜﻪﻥ .ﻣﯧﻨــــﻰ ﻛــــﯚﺭﯛپ ﻣﯧﻨﯩــــﯔ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻤﻐــــﺎ ﺋﯩﺸــﻪﻧﻤﯩﺪﻯ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐــﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ،ﭘﻮﭼﺘــﺎ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛــــﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺩﯗﻏــــﺎﻥ ﺑﻮﻟــــﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺋــــﯘ ﭼﺎﻏــــﺪﺍ ھﻪﻗﯩﻘﯩــــﻲ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩـــﯔ ﻧﯩﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨـــﻰ ۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗـــﻜﻪ ﻧﯩـــﻤﻪ ﺋﯩـــﺶ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﯩﻢ .ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻤﻤﯘ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ،ﻣﺎﻗــﺎﻝ ﺗﻪﻣﺴــﯩﻠﻠﻪﺭ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩــﻚ ﺋﯩﺸـــــﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩـــــﺪﻯ .ﻛﯧـــــﻴﯩﻦ ﺋـــــﯘﻧﻰ ﻧﻪﺷـــــﺮ ﻗﯩﻠﻤـــــﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﺸـــﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳـــﻪۋەﺏ ﺋﯘﻧﯩﯖـــﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﻳـــﺎﺯﺩﯨﻢ ﺩﯨﮕـــﯜﺩەﻙ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩـﺪﻯ .ھــﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺷــﯘ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻧﻰ ﺋــﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺴــﺎﻡ ﺋﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﻛﺘﯘﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺩەﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎھﯩﺸــﯩﺪﯨﻜﯩﺪەﻙ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯖــﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗــﺎﻟﻤﯩﺶ »ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩــﻖ« ﻳﯧﻐﯩــﭗ ﺗــﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﻛﯚﻛﺘﯘﻏﻨﯩﯔ - 2005ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ »ﺗﺎﺭﯨﻢ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩــﯔ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﺳــﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴــﻰ ﺋــﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ،ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺗﯩﻠــﺪﺍ ۋە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷـــﺘﻪ ﺧـــﺎﺱ ﻳـــﻮﻝ ﺗﯘﺗﻘـــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ »ﻣﯩﻠﻠﯩـــﻲ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻘـــﺎ ﺋﺎﺳــــﯩﻠﯩﻖ« ﺩەپ ﺗﻪﻧﻘﯩــــﺪﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻳﯘﻗـــﯘﺭﯨﻘﻰ ﺑﯩــــﺮ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳــــﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ،ﺋﯩﻨﯩﻢ ﻛﯚﻛﺘﯘﻏﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧــﺪﺍ ،ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻨﻘﯩﻼﺭ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺷــﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ .ﺋﯘﻧــﺪﺍﻗﺘﺎ، 510 ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻜﭽــﯘ؟ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩــﻚ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺷــﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻱ :ھﺎﺯﯨﺮ ﻧﻪﺷﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻐﯩﭽﻪ ،ﺷﯘ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ »ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧــﻰ ﻗﯧﺸــﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﺳﺎﻡ ﺑﯘ ﻣﻪﺩەﻧﯩــﻴﻪﺕ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻜﻪﻥ .ﻣﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ » ﺋــﯘﻧﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ، ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﮔــﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸــﺘﯘﺭﯗپ ﺧﯩﺠﯩــﻞ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﺩﻯ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴــﺎﻡ ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ ﭼﯩــﻦ ﺑﻮﻟ ـﯘﺩﯨﻜﻪﻥ .ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ »ﻣﻪﺩەﻧﯩــﻴﻪﺕ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘــﻰ« ﺩﯨـــﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩـــﯔ ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻜﯩــــﮕﻪ ﻗـــﺎﺭﺍڭ .ﺑـــﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩــــﺪﯨﻜﻰ »ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ » ﻏﻪﻳﺮﻯ« ﺩەپ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻗﻼ ﺑــﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ .ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸــﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ،ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩـــﯔ ﮔـــﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛـــﯚﺭﯛپ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻛﺎﺋﯩﻨـــﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑـــﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯەﻟـــﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﺴــﯩﻤﯘ ﺋــﺎﻱ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺧﯩﺠﯩــﻞ ﺑﻮﻟــﯘپ ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﯩــﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑــﯘ ﻳﺎﻟﻐــﺎﻥ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺑــﯘ ﺋﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨــﺪە ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴــﻰ ﭼﯩــﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴــﻰ ﭼﯩـــﻦ ﺑﻮﻟـ ـﯘﺩﯨﻜﻪﻥ .ﺷـــﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧـ ـﯘپ ﻗﺎﻟـــﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﮔﯜﺯەﻝ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚپ .ﺷــﯘﯕﺎ ﻳــﯜﺯ ﻳﯩﻠــﺪﯨﻦ ﺑﯧــﺮﻯ ﺋــﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠــﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤــﺎﻱ ،ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩــﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩـــــﻚ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﻧـــــﻰ ﺑﺎﺷـــــﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﭙﺘـــــﯘﻕ ﺩە! ﺑـــﯘ ﺋﯩﻨﯩﻤﯩـــﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴـــﯩﺪﺍ ،ﻣﯧﻨﯩـــﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩـــﯔ ﭘـــﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩەپ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳــﯚﻛﻜﻪﻥ .ﻛﯧــــﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩــــﯔ ﺋــــﯚﺯﻯ ﺑﯩــــﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸــــﯩﭗ ﭘﯩﻜﯩــــﺮﺩە ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﺘﯘﻕ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﭼﻮڭ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻳﻮﻕ ،ﺋــﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻝ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪپ .ﻣﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯨﻢ :ﺧــﯘﺩﺍ ﺋﺎﻳــﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭘــﯘﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺋﯩــﻜﻪﻥ ،ﻛــﯚﺯﻯ ﻗــﺎﺭﯨﻐﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐــﺎﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺋــﺎﺩەﻡ ﺋﺎﻳــﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪۋﺟــﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑــﯘ ﭘــﯘﺗﻨﻰ ﻛــﯚﺭﯛپ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻏﻪﺭپ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯜﺯﯛﻝ ﻛﯧﺴﯩﻞ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗــﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﯦﺴــــﻪﻙ ،ﭼﻮﻗــــﯘﻡ ﺑــــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐــــﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩــــﯔ ﭘــــﯘﺗﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﺘﯜﺭﯛۋﯦﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻙ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﯘﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﭘــﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐــﺎ ﺋﺎﻟﻤــﺎﺱ ﺑﻮﻟـﯘﻣﯩﺰ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻥ ﺑــﯘ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺵ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴــﺎﻣﻤﯘ ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻣﯩﻨــﻰ ﻏﻪﺭﭘﻨﯩــﯔ ﻏﺎﻟﭽﯩﺴــﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻛﯚﭘﯜﻳـﯜپ ﻛﻪﺗﺘــﻰ .ھﻪﺗﺘــﺎ ﺩﯨﻴــﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭﯨــﺪﺍ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘــﺎﻥ ﺑﯩــﺮﺍۋ ﻣﯧﻨــﻰ ﺳــﺎﺗﻘﯩﻦ ﺩەپ ﺗﯩﻠﻼﭘﺘــﯘ. ﻣﻪﻥ ﺑــﯘ ھﻪﻗــﺘﻪ ﻧﺎھــﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋــﯘﺯﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻧــﺪﯨﻢ .ﻣﻪﻥ ﺳــﺎﺗﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻧﯩﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ﺳﺎﺗﺎﻻﺭﻣﻪﻥ؟ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺳﺎﺗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻳﻮﻕ ،ﺟﻮﯕﮕﯘﻧﻰ ﺳــﺎﺗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ .ۋﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﺗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻣﻪﻧﺪە ۋﯨﺠﺪﺍﻥ ﺗﯧﺨــﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴــﺎ .ﻣﻪﻥ ﻏﻪﺭﭘﻠﯩﻜــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳــﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯧﭽﻨﻪﺭﺳــﻪﻡ ﻳــﻮﻕ ﺗﯘﺭﺳــﺎ ﺋــﯘ ﻣﯧﻨــﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸــﻘﺎ ﺳــﺎﺗﻘﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪﯗ؟ ﺯﺍﺩﯨــﻼ ﺋـــﻮﻳﻼپ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩــﺪﯨﻢ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﮔﻪﭘﻨﯩــﯔ ﭘﻮﺳﻜﺎﻟﻠﯩﺴــﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴــﺎﻡ ﺷــﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﺭﻗﺘﯘﻡ .ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﻳﺎﺯﺳــﺎﻡ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﻘــﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻗﺎﻟــﺪﯨﻢ .ﺋــﯘ ھﯧﻜــﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﯘﻧــﺪﯨﻦ 18ﻳﯩــﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﻯ ﺋﻪﻗﯩﻠﺴــﯩﺰ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ .ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐــﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .ﺋﯚﺗﻜﻪﻧــﺪە ﻛــﺎﻟﻼﻡ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ) ،ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ »ﺋﯩﻠﻬــﺎﻣﻰ ﺗﯘﺗــﯘﺵ« ﺩەﻳــﺪﯨﻜﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻤﻐﺎ ﻣﺎﺱ ھﺎﻟﺪﺍ »ﻛــﺎﻟﻼ ﻗﯩﺰﯨــﭗ ﻛﯧــﺘﯩﺶ« ﺩەﻳــﻤﻪﻥ( ﺑﯩــﺮ ﭘﻮۋﯦﺴــﺖ ﻳﯧﺰﯨــﭗ ﺗﺎﺷــﻼﭘﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺗــﺎﺱ ﻗــﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﺋــﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ .ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ژﯗﺭﻧﺎﻟﻐــﺎ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽــﻰ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﺋﻮﻗــﯘپ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩــﭗ ،ﺑﯩــﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋــﺎھ ﺧــﯘﺩﺍ ،ﻣﯧﻨــﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷــﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋــﺎﺯﺩﯗﺭﯗﭘﺘﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳــﻤﯘ؟ ﺩەپ ﭘﯩﺸــﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﺋــﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺑﯩﻠﻪﻣﺴــﯩﺰ ،ﻣﻪﻥ ﺋــﯘ ﭘﻮۋﯦﺴﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﺯﺩﻭﺯﻧﻰ ﺑــﺎﺵ ﻗﻪھﺮﯨﻤــﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻳﯧﺰﯨــﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ .ﺑــﯘ ﺋﻪﺳــﻪﺭﺩە ﭘــﯘﺕ ۋە ﺋﺎﻳــﺎﻕ 512 ھﻪﻗﻘﯩــﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘــﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺪﺍﻣــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳــﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳــﻤﯘ .ﺋــﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﻮﻳﻼپ ﺑﯧﻘﯩﯖﻪ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺑﺎﻻﻏــﺎ ﻗــﺎﻻﺭﻣﻪﻥ. ﭘﻪﺭھــﺎﺕ ﺗﯘﺭﺳــﯘﻥ ﭘﯜﺗــﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﺎﻳــﺎﻕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﭘــﯘﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﻟﻪپ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ ﺩەپ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﻪۋەﺭﺗﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ۋﺍﻗــﺖ ﺳــﻪﺭپ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻥ ﺋﻪﺳــﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷــﻠﯩﯟەﺗﻜﯜﻡ ﻛﻪﻟﻤﯩــﺪﻯ .ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﻗﺎﻳﺘــﺎ ﺋﻮﻳﻠﯘﻧــﯘﺵ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ،ﺋــﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋــﯘ ﭘﻮۋﯦﺴــﺘﻨﯩﯔ ﺑــﺎﺵ ﻗﻪھﺮﯨﻤــﺎﻧﯩﻨﻰ ﺩﻭﭘﭙﯩﭽــﻰ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋــﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﯩﻢ .ﺑﯘﻣــﯘ ھﻪﺭھﺎﻟــﺪﺍ ﻗﺎﻣﻼﺷــﺘﻰ .ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺑﯩــﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪﻣﯖﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻴﺘﯩــﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦــﺪﯨﻢ ،ﺋــﯘ ﺋﺎﻳــﺎﻗﻨﻰ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩەپ ﺑﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺴــﯩﺰ .ﺑــﯘ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻏﻪﺭﭘﭙﻪﺭﺳﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ،ﺩﯦﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼــﯜﺩﯛﻡ. ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﺪە ﺑﺎﺵ ،ﺋﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﺍﻕ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧـﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤــﺎ ﺋﯩـــﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳـــﻤﯘ .ﺑﺎﺷــــﻘﺎ ﺋﻪھﻤﯩـــﻴﻪﺕ ﺑﯧـــﺮﯨﺶ ﺗﺎﻣــــﺎﻣﻪﻥ ﻏﻪﺭپ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴــﻰ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ھــﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻏﻪﺭﭘﻨﯩــﯔ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻗــﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧــﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴــﺎﺗﻰ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋﻪھﻤﯩــﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸــﻨﯩﯔ ﻣﻪھﺴــﯘﻟﻰ ﺋﯩــﻜﻪﻥ .ﺑــﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ھــﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﺩﯦﻤﻪﻣﺴــﯩﺰ؟ ﺑﯘﻧــﺪﯨﻦ ﺋــﯜچ ﻳــﯜﺯ ﻳﯩــﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﻯ ،ﻳﻪﻧــﻰ ﺋــﻮﻥ ﺳـــﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳـــﯩﺮﺩە ﻳﺎۋﺭﻭﭘـــﺎﺩﺍ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩـــﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘـــﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐـــــﺎﻥ .ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩـــــﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩـــــﯔ ﺑﺎﺷـــــﻼﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻓﻪﻧﻜﻮﺋﯩﺲ ﻣﺎﻏﻰ ﺋﺎﻏﻮﺕ ۋﻭﻟﺘﯧﺮ ،ژﺍﻥ ژﺍﻙ ﻏﻮﺳﻮ ،ﺩﯦــﻨﯩﺲ ﺩﯨــﺪﯦﻐﻮﺕ ۋە ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯘﺋﯧــﻞ ﻛﺎﻧــﺖ ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻧﯩــﯔ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯧﺮﯨــﻚ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩــﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳــﺎﺱ ﺳــﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺩەﻝ ﺷــﯘﻻﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐــﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭژﯗﺋﺎ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ۋە ﺳــﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ! ﺋﯩﻤﻤﺎﻧﻨﯘﺋﯧــﻞ ﻛﺎﻧﺘﻨﯩــﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩــﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩــﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ :ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋــﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷــﺘﯘﺭ .ﭘﯩﺸــﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸــﯩﮕﻪ ﺗــﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴــﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸــﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴــﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ھــﺎﻟﻪﺗﺘﯘﺭ .ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺳــﻪۋەﺑﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩــﯔ ﻛــﺎﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜـــﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯘﺭ .ﻛﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﻛﯧــﺮەﻙ! ﻣﺎﻧـــــــﺎ ﺑـــــــﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩـــــــﻚ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩـــــــﯔ ﺷـــــــﯘﺋﺎﺭﻯ. ﻛﯚﺭﺩﯨﯖﻼﺭﻣﯘ ،ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺋــﯜچ ﻳــﯜﺯ ﻳﯩﻠــﺪﯨﻦ ﺑﯧــﺮﻯ ﺋﯧﺮﯨﺸــﻜﻪﻥ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴــﺎﺗﻰ ﻛــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸــﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ .ﺷــﯘﯕﺎ ﻛﺎﻟﻠﯩﻐــﺎ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻏﻪﺭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯜچ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﻪﻧﯩﺴــﯩﺪﯗﺭ .ﺷــﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴـــﺎ ﻛـــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸـــﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘـــﺎﻳﯩﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩـــﻚ .ﺑﯩﺰﻧـــﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧــﺪﻯ ﻧﻪﺳــﯩﻬﻪﺕ ﻛﯩﺘــﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑــﺎﺭ ،ﺷــﯘﯕﺎ ﻛــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸــــﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھــــﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳــــﻮﻕ .ﻛــــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸــــﻠﯩﺘﯩﺶ ﺷــﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﭘﻪﻧــﺪﻯ ﻧﻪﺳــﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴــﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻐــﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺧﯩﻼﭘﺘﯘﺭ .ھﻪﺗﺘﺎ ﻛﺎﻟﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷــﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺟﯘﯕﮕــﯘ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴــﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴـــﻰ ﺑــﺎﺭ .ﺋـــﯘ ھﻪﻣــﻤﻪ ﻳـــﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜپ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺴــﺎ ،ﺑﯩﺰﻧﯩــﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻛــﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺸــﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨـــﻰ ﺋﯩﻨﻜـــﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸـــﻘﺎ ﺑـــﺎﺭﺍۋەﺭ .ﺷـــﻪﺭﻗﻠﯩﻘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩــﺮ ﻛﺎﻟــﻠﻪﻙ ﮔﯚﺷــﻨﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸــﺎھﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻐــﺎ ﺑــﺎﺵ ﺋــﯘﺭﯗﺵ ۋە ﻛــﺎﻟﻼ ﻣﯘﻧــﺎﺭﻯ ﻳﺎﺳﺎﺷــﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋﯩﺸــﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸــﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ھﻪﺭ ﺑﯩــﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸــﺎھﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠــﯘﻕ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴــﻰ ﺋــﯘ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﺎﻟﻼ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯜﻧﯜﺩﯗ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩــﯔ ﻛــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐــﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸــﻰ ﺋﺎﺷــﯘ ﻛﺎﻟﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧــﺎﺭ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻼﺭﻏﺎ ھﺎﻗﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﻳــﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺩﯦــﮕﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸــﺎھ ﺋﻪﻣﻪﺱ-ﺩە! ﻛــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸــﺎھﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺋــﺎﺩەﻡ ،ﻣﯘﻧــﺎﺭ ﻳﺎﺳﺎﺷـــﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷـــﻘﺎ ﺋﯩﺸـــﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴـــﻪ ﻗﺎﻧـــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟـ ـﯘﺩﯗ؟ ﻣﯧﻨﯩـــﯔ ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﻤﻪﺳــﺘﯩﻦ ﻛــﺎﻟﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﻟﻪپ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﻳــﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻗــﺎﺭﺍڭ! 514 ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺘﯩﻦ ﻏﺎﻝ-ﻏــﺎﻝ ﺗﯩﺘــﺮەپ ﻛﻪﺗــﺘﯩﻢ .ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺋــﯘ ﺋﻪﺳــﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗــﯘپ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﯩــﯔ ﺋﯜﺳــﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸــﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺳﺎﻟﺴــﺎ ﻗﺎﻧــــﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟــــﯘﺩﯗ؟ ﻏﻪﺭﭘﻠﯩﻜــــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸــــﺎﺵ ﺑﺎﺷــــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ،ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴــﺎ ،ﭘﯜﺗﻜــﯜﻝ ﻏﻪﺭﭘﻠﯩﻜــﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸــﺎﺵ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯗ. ﻻ ﺋﯩﻼھﻪ ﺋﯩﻠﻠﻪﻟﻼھ ،ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﯗﺭﺭەﺳﯘﻟﯩﻠﻼھ. ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﯜﺳــﯩﺰ ﮔﯘﻧــﺎھﯩﻢ ﻧﯩــﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴــﯩﺰ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﯜﺷـﯜﻧﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ .ﺑﯩــﺮ ﺗــﻮپ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺟﺎﻥ ﺟﻪھﻠﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻼپ ﻗﺎﻏﺎۋﺍﺗﯩــﺪﯗ .ﻧﯩﻤﯩﺸــﻘﺎ؟ ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺋــﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑــﯘ ﻣــﯘﺭەﻛﻜﻪپ ﺋﻪﺳــــﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋــــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛــــﺎﻟﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸــــﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟــــﯘﺩﯗﻡ. ﺑﺎﺷـــــﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛـــــﺎﻟﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸـــــﻜﻪ ﺯﻭﺭﻻﺷـــــﻨﯩﯔ ﺋـــــﯚﺯﻯ ﻏﻪﺭپ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩـــﯔ ﺯەھﯩﺮﯨـــﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒـــﺎﺭەﺕ ﺋﯩـــﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳـــﻤﯘ! ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷــﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧــﻤﻪﻥ .ﺋﻪﻣــﺪﻯ ھﻪﺭﮔﯩــﺰ ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺋﻪﺳـــﻪﺭ ﻳﺎﺯﻣـــﺎﻳﻤﻪﻥ .ﺋـــﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴـــﯩﻨﻰ ﺑﯩـــﺮ ﺋﯚﻣـــﯜﺭ ﺯﺍﺩﯨـــﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳــﺘﯩﻦ ،ﭘــﺎﻙ ﭘــﺎﻛﯩﺰ ھﺎﻟــﺪﺍ ﮔــﯚﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗــﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﯕﻐﯘﺯﻻﺭﻏــﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻨﻰ ﺋﻪﺳــﻠﻰ »ﺋﯚﺯھــﺎﻝ« ﺗــﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩــﺪە ﺋﯩــﻨﯩﻢ ﺋﯘﺑﯘﻟﻨﯩــﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩە ﺳﯚﺭەپ ﻳــﯜﺭﻣﻪﻱ ﺩﯦـﮕﻪﻥ. ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺷـــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩـــﻨﯩﻢ ﻛﯚﻛﺘﯘﻏﻨﯩـــﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳـــﯩﻐﺎ ﺟـــﺎۋﺍﺏ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪە ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺭەﻧﺠﯩﻤﯩﮕﻪﻱ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ،ﻛﺎﻓﻜﺎ ،ھﯧﻤﯩﯖﯟﯦﻲ ،ﺋﺎﻟﺒﯧﺮﺕ ﻛﺎﻣﯘﺱ ،ﺳﺎﻏﺘﯥ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﺭﻭﻟــﺪ ﭘﯩﻨﺘﯧﺮﻣﯘ ﺑﺎﺭ .ﺋﻪڭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺳــﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻳـــﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘـــﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋـــﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﻧﯩﻤﯩﺸـــﻘﯩﺪﯗﺭ ھﺎﻳﺎﺟـــﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳـــﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸـــﻘﺎ ﻣﻪﭘﺘـــﯘﻥ ﺑﻮﻟـــﯘپ ﻛﻪﺗـــﺘﯩﻢ. ﺑﯘﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﻛﺮﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﻪۋﺍﺋــﻰ ،ﻣﻪﺷــﺮەپ، ﺋﻪﺧــﻤﻪﺕ ﻳﻪﺳﺴــﻪۋﯨﻲ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺳــﺘﯧﻔﺎﻥ ﺯﯨﯟﯦــﮓ ،ھﯧﺮﻣــﺎﻥ ھﯧﺴﺴــﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ھﻪ ﺭﺍﺳــﺖ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﺒــﺮﺍﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺗــﺎﮔﻮﺭﻣﯘ ﺑـــﺎﺭ .ﻛﯧـ ـﻴﯩﻦ ﭼـــﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـــﺪﯨﻦ ﻛﯧـــﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـــﯔ ﺗﻪﺳـــﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭ ﻛﯜﭼﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ .ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ھﻪﻣﻤﯩﺴــﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯜﮔﯜﻧـﯜﻣﻪﻥ ،ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳــﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷــﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸــﯩﻤﻪﻥ .ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺶ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻛﯩﺸــﻰ« ﺋﯩﺴـــﯩﻤﻠﯩﻚ ﭘﯧﺮﺳـــﯘﻧﺎژﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸـــﺎﺵ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩـــﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳـــﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩـــــﺮ ﻳـــــﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻨﺴـــــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑـــــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩەﻧﯩـــــﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ .ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸــﻰ ﺋﯘﺳــﯘﻟﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨــﭗ ﭼﯩﻘﯩــﺶ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋــﯚﺯﻯ ﺋــﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ .ﺋﻪڭ ﻣــﯘھﯩﻤﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽــﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩەﻝ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩــﭗ ﺑﯧــﺮﯨﺶ .ﻣﺎھــﺎﺭەﺕ ﻛﻪﻣﭽﯩــﻞ ﺑﻮﻟﺴـــﺎ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽـــﻰ ﺑﻮﻟﻐـــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻏـــﺎ ﻳﻪﺗﻜـــﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻱ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺴﯩﺰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻھﯩــﺪە ﻗﯩﺴــﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻧﯩــﯔ ﺗﻪﺳــﻪۋۋﯗﺭﻯ ﺋﻪڭ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﻳــﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻪﺳــﻪۋﯗﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﻣﻪﺳــﯩﻠﻪﻥ ،ﺳــﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﻘﯩﻨﯘﺱ ھﺎﺩﯨﺴﺴﯩﺴــﯩﻨﻰ ﻛﺎﻓﻜــﺎ ،ﺑــﻮﺭﺧﯧﺲ ۋە ﮔﺎﺭﺳﯩﻴﻪ ﻣﺎﺭﻛﯘﺯﻻﺭﺩەﻙ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳــﻪۋﯗﺭ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸــﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ .ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻨــﻰ ﻳﺎﺯﺍﻟﯩﺴــﯩﯖﯩﺰﻻ ﺩﯗﻧﻴــﺎﻧﻰ ﺯﯨﻠــﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔــﯜﺩەﻙ ﺋﻪﺳــﻪﺭ ﺑﻮﻟــﯘﺩﯗ. ﻟـــﯧﻜﯩﻦ ﻳـــﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻳـــﺪﯗ .ﻧﯩﻤﯩﺸـــﻘﺎ؟ ﭼـــﯜﻧﻜﻰ ﺋـــﯘﻻﺭ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗــﯘپ ،ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩــﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﯖﯩﺸﺴــﯩﻼ ﻛﯧﺴــﯩﻠﻰ ﺗﯘﺗــﯘپ ﻗــﺎﻟﯘﺩﯗ .ﺑــﯘ ﻛﯧﺴــﻪﻝ ﻧــﯧﻤﻪ؟ ﭘــﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ،ﭘﯩــﭙﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ،ﭘﻪﻧــﺪ 516 ﻧﻪﺳــﯩﻬﻪﺕ .ﺋــﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷــﯘ ﻧﻪﺭﺳــﯩﮕﻪ ﭼﯩﺮﻣﯩﻠﯩــﭗ ﻗﯧﻠﯩــﭙﻼ ﺗﯧﻤﯩﻨــﻰ ﻳﯘﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﺧﯘ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻗــﻮﻟﻰ ﺗﯩﺘــﺮەپ ﺗﻮﺧﯘﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯘﺩﯗ ،ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﻤﯘ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪڭ ﭼــﻮڭ ﺋﯩﺸــﻰ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨــﻰ ﺑﯧﻴﯩــﺘﯩﺶ .ﺗﯩﻠﯩﻨــﻰ ﺑﯧﻴﯩــﺘﯩﺶ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜــﯜﺭﻧﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﻘﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ .ﺗﻪﭘﻪﻛﻜــﯜﺭﻯ ﻧــﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ .ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﺑــﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭ ﺗــﻮﻻ ﺋﯩﺸــﻠﯩﺘﯩﭗ ،ﻳــﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ » ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺋﺎﻳﻤﯘ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﯩــﯔ ﻛﻪﻳــﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗــﯜپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘــﻰ« ﺩﯨــﮕﻪﻥ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴــﺎ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺗﻪﺳــﯟﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳــﯩﺰﻟﯩﻖ ھﯧﺴــﺎﺑﻼﺵ ﻻﺯﯨــﻢ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻟﯩﺸــﯩﺮ ﻧﻪۋﺍﺋﯩــﻴﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨـــﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩـــﭗ ﺋﯩﺸـــﻠﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـــﺎﻥ ﺑـــﯘ ﺗﻪﺳـــﯟﯨﺮﻧﻰ ﺋﯩﺸــﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﻳﻴﻪﺭﻏــﺎ ھﻪﻳﻴــﺎﺭ ﺑﻮﻟــﯘﺵ ،ﺳــﻪﺕ ﮔﻪﭘﻨــﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘۋﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﻟﻪﺷﺘﯘﺭ .ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻼپ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﯟەﺭﺳﻪ ،ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩــﻲ ﺋﯩﭙــﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﯨــﺪﺍ ﻳﯧﯖــﻰ ﻧﻪﺭﺳــﻪ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴــﺎ ،ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗــﻜﻪ ﻧﯩــﻤﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜــﻰ؟ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﺑــﯘ ﺧﯩــﻞ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻘﻨــﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻠﯩﻚ ﺩەپ ﺗﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﺸــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳــﻪۋەﺏ ﺷــﯘﻛﻰ :ﺋــﯘﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩــﯔ ﺋﺎﻟﻐــﺎ ﺑﯧﺴــﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸــﯩﻨﻰ ،ﺷــﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﺵ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯘﻻﺭ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽــﻰ ﺑﻮﻟﯘۋﯦﻠﯩــﭗ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﻛﻮﻧــﺎ ﻣﯘﻗﺎﻣﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ھــﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛــﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯩــﺶ ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ. ﺩﺍۋﺍﻣﻰ: ﺑﺎﺷــــﻘﯩﻼﺭ ﺳــــﯩﯖﻠﯩﻢ ﺑﯩــــﻠﻪﻥ ﺟﯩــــﻴﻪﻧﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺸــﺎﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺩﯨﺌــﺎﻟﻮﮔﻨﻰ ﺋــﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩــﯔ »ﺳــﻪﻥ ﻗﯧﻨــﻰ؟« ﺩﯨــﮕﻪﻥ ﺳــﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ »ﻳــﻮﻕ« ﺩﯨــﮕﻪﻥ ﺋﻪڭ ﺋــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺟــﺎۋﺍﺑﻰ ﻗﯧﻴــﺪﺍﺵ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺩەپ ﺋﻮﻳﻠﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺑــﺎﻻ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺑﯩــﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﺟــﺎۋﺍﺏ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﻳﻮﻗﻠــﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﭽﯩــﻚ ﺑــﺎﻟﯩﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻴﺎﻻﻳــﺪﯗ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋــﯘ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﻳﯩــﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﯨﻼ ﻳــﻮﻕ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﺎۋﺍﻟﻘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑــﯘ ﺑــﺎﻻ ﺗﯧﺨــﻰ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﻧﻪﺭﺳــﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﯩﻐــﺎﻥ .ﺋــﯘ ﺑــﺎﺭﺍ-ﺑــﺎﺭﺍ ﻧﯘﺭﻏــﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ،ﺗﯩﻠــﻰ، ﻣﯩــﺠﻪﺯﻯ ،ﭼﯩﺮﺍﻳــﻰ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻲ ﺋــﻮﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﺴــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺍھــﺎﺗﻼﺭ ﺑــﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩــﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷــﺘﯘﺭﯗپ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﯩﺮ ھﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺑــﯘ ﺑــﺎﻻ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷــﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ھﺎﻟﯩﺘﯩــﺪە ،ﺋــﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. .1ﺑﺎﻻ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩــﯔ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﺴـــﻰ ۋە ﻳﺎﺷـــﺎﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴـــﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧـــﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪەﻙ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﯘﻳﻐــﯘ ﭘﻪﻳــﺪﺍ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷــﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜــﻰ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﻪ ﺋــﯘﻧﻰ ﻳﯘﺗــﯘپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ .ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩﺴــﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗــﺎﻕ ﻳﯚﻧﯜﻟﯜﺷــﻠﯜﻙ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﻣﻪھﻜﯘﻣﻠــﯘﻕ ﺋــﯘﻧﻰ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳــﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸــﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸــﯩﺪﯗ .ﺋــﯘ ﺋﯚﺯﯨــﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﯖﯩﭗ ،ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩــﻖ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺷــﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤــﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــﺘﻪ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﺴــﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩــﻖ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻐــﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھــﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳــﺪﯗ .ﺋﻮﻳــﺪﯗﺭﯗپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐـــﺎﻥ ھﻮﻗـــﯘﻕ ۋە ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘـــﺘﯩﻦ ھـــﻮﺯﯗﺭﻻﻧﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩـــﻠﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗــــﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩــــﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤــــﯘ ﺋﯩــــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐــــﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﯩـــﺪﯗﺭ .ﺑـــﯘ ﺧﯩـــﻞ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩـــﺪە ﺋﯩﻨﺴـــﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻐـــﺎ 518 ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺳــﯚﻳﯜﺵ ۋە ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷــﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ﺭﺍﺩﯨﻜــﺎﻝ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻴﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑــﻮﻳﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩــﻖ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷــﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ھﺎﻟﯩﺘﯩــﺪە ﺗﯘﺭﺳــﺎ ﻣﻪﻟــﯘﻡ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﺗــﺎﻕ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪھﻜــﯘﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯗ .ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗــﺎﻕ ﻳﯚﻧﯜﻟﯜﺷــﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﺴــﯩﮕﻪ ﺑــﻮﻱ ﺳــــﯘﻧﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳــــﺘﯩﻦ ،ﺑﺎﺷــــﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨــــﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩــــﺪﺩﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﯧﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ،ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯗ. ﺷــــــﯧﺌﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳــــــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩــــــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳــــــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺑﯩــﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨــﺪﺍ ﺳــﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧـــﺪەﻙ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ .ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨــﺪﺍ ﻣﯩﺴــﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺑــﺎﻟﯩﻨﻰ ﺷــﺎﺋﯩﺮ ﺑﻮﻟــﯘﺩﯗ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﺴــﺎﻕ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋــﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽــﻰ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳـــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴـــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳـــﯩﯟەﺕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤـــﺎﺋﯩﻴﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩــﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺕ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﯩﺴــﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ،ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﻛﻮﻧﺎ ،ﺗﻪﻛــﺮﺍﺭ ۋە ﻳــﯜﺯەﻛﻰ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋــﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ،ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻴﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩــﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜــﻰ ﺭﻭھﯩــﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳــﻰ ﺋﯩﺰﺩەۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜــﺖ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺗﯘﺭﺍﻗﺴــﯩﺰ ،ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷــﭽﺎﻥ، ﻳﯧﯖــﻰ ۋە ﭼﻮﯕﻘــﯘﺭ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ .ﻣﻪﻧــﺎ ﺩەﺳــﻠﻪپ ﮔﻪﭘــﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ ،ﺋﺎﻧــﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﻘــﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩــﺪﯗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨــﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﻏــﺎ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﺑﺎﺭﯨــﺪﯗ .ﺑــﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧــﺪﺍ ﺋــﯘ ﺋــﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩــﻖ ﺋﯚﺯﮔــﯜﺭﯛﺵ ﺑﺎﺳــﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷــﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼــﯜﺭﯛﺩﯗ .ﻣﻪﻧــﺎ ﮔﻪﭘــﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧــﺪﺍ ﺑﯩــﺮ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯘﻧ ـﯘﺩﯗ ،ﮔﻪپ ﻳﯧﺰﯨﻘﻘــﺎ ﺋﯧﻠﯩــﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﭘﯩﺸﺸــﯩﻘﻼپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷــــﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗــــﯜﺩﯗ .ﺋﺎﺧﯩﺮﯨــــﺪﺍ ﺳﺎﻧﺴــــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــــﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ،ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩــﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴــﻰ ۋە ﺋﻮﺧﺸــﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺘﯧﻜﺴــﺘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪە ﺋــﯘﻧﻰ ﺋــﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼپ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺳــﻮﻗﺮﺍﺕ ﺋﻪڭ ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻟﯩﺴــﺖ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩــﺪﯗ ،ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋــﯘ ﺋﯧﻐﯩــﺰﺩﺍ ﺳــﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨــﭗ ﻗﺎﻟــﺪﯗﺭﻣﯩﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧــﻰ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯩــﺪﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧــﺰﯨﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺸﺸــﯩﻘﻼپ ﺋﯩﺸــﻠﻪﺵ ﺋـــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﻧﻐـــﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﯘﻧـــﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳـــﯘﻗﺮﺍﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻟـــﯘﻍ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮپ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ھﯧﭽــﻨﯩﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩــﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳــﻮپ. ﺋﯘ ھﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ .ھﯧﭽــﻨﯩﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮپ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ؟ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ھﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯩﺪﺩﯨﺌﺎﻟﯩﺴﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷــﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳــﯘﻟﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﻰ ﺩەﺳــﻠﻪپ ﮔﻪﭘﻨﯩــﯔ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯩﺸــﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﻗﯧــــﺘﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﯩــــﯔ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯩﺸــــﯩﺪﯨﻦ ،ﺋــــﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧــــﺘﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ .ﻗﻪﺩﯨﻤﻜــﻰ ﺋﻪﭘﺴــﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩــﻤﻪ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯩﻼھﯩــﻲ ﺗــﯜﺱ ﺑﯧــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ؟ ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋــﯘﻻﺭ ﺋﺎﻻھﯩــﺪە ﺋﯩﭙــﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺷــﻪﻛﻠﻰ ﺋــﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﮔﻪپ ،ﻳﯧﺰﯨــﻖ ۋە ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯩﺸــﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏــﺎﻥ .ﻳﻪﻧــﻰ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﻼﺭ ﺋــﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸــﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩــﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩەپ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐــﺎ ﺋﯩﺸــﻪﻧﮕﻪﻥ ،ﻳﻪﻧــﻰ ﺋــﯘﻧﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩــﯔ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐــﺎﻥ .ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﯩــﯔ ﺑﯘﺭﻣﯘﻟﯩﺸــﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﻳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ھــﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳــﻮﻕ ،ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺋﻪﭘﺴــﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴــﻰ ﺩﯦﮕــﯜﺩەﻙ ﻳﯧﺰﯨـﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘــﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸــﺘﯩﻦ ﺋــﺎۋﺍﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘــﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﭼﯘ؟ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ۋە ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﺭﻣﯘﻻﺷــﻘﺎ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻗﻤﯘ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﯘﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕــﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﺧــﺎﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻕ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎژ؟ ﻛﯩﺸﯩﭽﯘ؟ ﺋﯘ ﺷﯘﯕﻐﯘپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﭽــﯘ؟ ﺑــــﯘﻻﺭ ﻣﻪﯕﮕــــﯜ ﻗﯘﺭﯗﻟــــﯘﺵ ۋە ﺋﺎﻏــــﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺵ ھﺎﻟﯩﺘﯩــــﺪە ﺗﯘﺭﻏــــﺎﻥ 520 ﭘﯧﺮﺳـــﻮﻧﺎژﻻﺭﺩﯗﺭ .ﻟـــﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴـــﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗـــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴـــﺎﺗﻰ ﺋﯩﻨﺴــــﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴــــﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴــــﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸــــﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏــــﯘﻥ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯩــﺰ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴــﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳـــﻪﻥ ﺑﯩـــﺮ ﭘــﺎﺭﭼﻪ ﺷـــﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩـــﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣــﯘﻣﻜﯩﻦ .ھﻪﻗﯩﻘﯩــﻲ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﯩﺴــﻰ ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯩــﺪﯨﺌﺎﻝ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴــﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯘﺷﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧــﺪﺍﻗﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧــﺪﺍ ،ﺑــﯘ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﺍ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋــﯘ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﯨﻼ ﻣﻪۋﺟــﯘﺕ ،ﺋﻪڭ ﻣــﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯘﺷﯘﺩﯗ. ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻼﺭ ﺷﯩﺮەﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖــﻰ ﺑﯩــﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴــﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳــﺎپ ﭼﯩﻘﺴــﺎ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴــﺎﺩﯨﻜﻰ ﺷــﯩﺮەﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﻠﻤــﯘ ﺧﯩــﻞ ﻗﯩﻠﯩـــﭗ ﻳﺎﺳﺎﺷـــﻘﺎ ﺗـــﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑـــﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴـــﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷـــﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﯖﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻣــﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩــﺮ ﺷــﯩﺮەﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳــﻠﻰ ﺗﯩﭙــﻰ .ﺋﯘﻧــﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑــﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺷﯩﺮە ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە؟ ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗــﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻠﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ .ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻥ »ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ« ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠــﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ھﻪﻣﻤﯩﺴــــﻰ ﺋﻪﺳــــﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟــــﯘﺩﯗ .ﻳﺎﺳــــﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﻧﺴــــﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺷـــﯩﺮەﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠـــﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـــﺎﻥ ﻳﯧﯖـــﻰ ﺷـــﻪﻛﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗـــﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴـــــﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗـــــﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻠﯘﻧﯘﺷـــــﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜـــــﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺷﯩﺮەﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﻗﻪﺩەﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ﺩەپ ﺋﺎﺗــﺎپ ﺗــﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ،ﻣﻪﻳﻠــﻰ ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻧﻨﯩــﯔ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﯩﻨــﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩــﺪﯨﺌﺎﻝ ﻳــﺎﻛﻰ ﻛــﺎﺭﻝ ﻳﺎﯕﻨﯩــﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴــﻰ ﺑــﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﻪﻣــﻤﻪﻝ ﺋﺎﺭﻛﺘﯩــﭗ ﺩەپ ﺋﺎﺗــﺎپ ﺗــﯘﺭﺍﻳﻠﻰ، ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﻪﯕﮕــﯜ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ﺑــﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩەﻣﺪﯗﺭ » .ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﯩﻤﺸﯩﻬﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ » ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ھﻪﻗﺎﻳﯩﻖ«ﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻳﯜﻛﻨﻪﻛﯩﻨﯩــﯔ ﺑــﯘ ﻧﯩﺸــﺎﻧﻐﺎ ﻗــﺎﺭﺍپ ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﻟﻪﺵ ﻳــﻮﻟﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻲ ﻗﯩﻤــﻤﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳــﯘۋﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩــــﭗ ﺑﯧــــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ .ﻳــــﯜﺯەﻛﻰ ﻧﻪﺭﺳــــﻪ ﺋﯩﻨﺴــــﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕــــﯜ ﺋﯩﺰﺩەﻳـــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷـــﯘ ﻧﯩﺸـــﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋـــﯚﺯﻯ ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳـ ـﯜﺗﯜﻟﯜپ ،ﺋـــﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﺍﻧﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻣﯩﺴــﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐــﺎﻥ ﺷــﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩـــﻢ ﺩﯦـــﮕﻪﻥ ﺋﯩﻤـــﺎگ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟـــﯜﻙ ﺋﺎﺷـــﯘ ﺩﺍﺋﯩـــﺮە ﺋﯩﭽﯩـــﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳـــﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩــــﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜــــﻰ ﺑﺎﺷــــﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــــﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩــﭗ ﺑﯧــﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻳــﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﻧــﺪﯨﺰە ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯜﺯەﻛﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﻟﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﻜﺴﺘﻠﻪﺭ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯧﻜﺴﺖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺋﯩﻨﻜـﺎﺱ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴــﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ ،ﺑــﯘﻧﻰ ﻛﻪﻣﯩــﻨﻪ ﻣــﯘھﻪﺭﺭﯨﺮ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﻛﻮﭘﻰ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺳـﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺪﯨﻢ .ﺑـﯘ - 2014 ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. 522
Enter the password to open this PDF file:
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-