نا تونۇش ئايالدىن كهلگهن خهت سىتفان زىۋېىگ ]ئاۋىسترىيه[ زۇلپىقار، ئهنۋەر سهلهي تهرجىمىسى ) » دۇنيا ئهدەبىياتى « ژۇرنىلى نىڭ 1983 - يىلى 5 - سا نىدا ئېلان قىلىنغان، كېيىن » چهتئهل ئهدەبىياتىدىكى مهشهۇر ئهسهرلهر « مهجمۇ.ئهسىنىڭ 1 - جىلدى غا كىرگۈزۈلگهن( ئاتاغلىق يازغۇچى R تاغ ئارىسىدا قىلغان يېڭى ھاۋا ئالماشتۇرۇش زىيارىتىدىن قاق سهھهردە ۋېناغا قايتىپ كهلگىنىدە، بىر سان گېزىت سېتىۋالدى. گېزىتنىڭ ۋاقتىغا كۆزى چۈشۈشى بىلهنلا بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكهنلىكىنى ئېسىگه سالدى. بۇ ئۇنىڭ قىرىق بىرىنچى يېشىدى، چاپسانلا كۆڭلىدىن كهچكهن بۇ ئوي ئۇنىڭدا نه خۇشاللىق، نه پۇشايمان ھىسسى ئويغاتمىدى. ئۇ شاراقلاپ تۇرغان گېزىت بهتلىرىگه پهرۋاسىزلىق بىلهن كۆز يۈگ ۈ رتىۋەتكهندىن كېيىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگه ياندى. خىزمهتچىسى ئۇنىڭغا، ئۇ ئۆيدە يوق چاغدا، ئىككى مىهماننىڭ كېلىپ كهتكهنلىكىنى، بىرنهچچه كىشىدىن تېلېفون كهلگهنلىكىنى ئېيتتى، ئاندىن يىغىلىپ قالغان خهت ـ چهكلهرنى پهتنۇستا ئېلىپ كهلدى. ئۇ خهتلهرگه ئېرەڭسىزلىك بىلهن كۆز تاشلاپ، بىر ـ ئىككى پارچه خهتنىڭ ئهۋەتكۈچىسىگه قىزىقىپ، لىپاپىلارنى ئېچىپ كۆزدىن كهچۈردى. بۇ چاغدا ئۇ نا تونۇش پوچۇركا بىلهن ئادرېس يېزىلغان قېلىن بىر پارچه خهتنى قويۇپ تۇردى. شۇ ئارىدا چاي كهلتۈرۈلدى. ئۇ ھوزۇرلانغان ھالدا كىروسلوغا تاشلىنىپ، گېزىت ـ ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ چىقتى، ئاندىن بىر تال سىگارت تۇتاشتۇرىۋېلىپ، ھېلىقى خهتنى قولىغا ئالدى. بۇ ئىككى دۈژنه كېلىدىغان ۋاراقلاردىكى ئىتتىك يېزىلغان ناتونۇش، ئايال كىشىنىڭ پوچۇركىسىدەك خهتلهرنى، خهتتىن كۆرە ئهسهر قوليازمىسى دېگهن تۈزۈكراق ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا، لىپاپىنىڭ ئىچىدە يهنه بىرەر قوشۇمچىسى قالدىمىكىن دېگهندەك تۇتۇپ باقتى. بىراق، لىپاپ قۇرۇق، ئاشۇ ۋاراقلاردىن باشقا نهرسه لىپاپىدا ياكى خهتنىڭ ئاخىرىدا ئهۋەتكۈچىنىڭ ئادرېسىمۇ، ئىمزاسىمۇ يوقىدى. ئۇ »غهلىتىغۇ« دەپ يوقىدى. ئويلىدى ۋە قوليازمىنى قايتا قولىغا ئالدى. ئۈستىدە، ئېچىلىشتىلا شۇنداق سۆزلهر تۇراتتى: »مېنى ئهزەلدىن تونىمايدىغان سىزگه!«. ئۇ ھهيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇ سۆز ئۇنىڭغا قارىتىلغانمۇ ياكى تهسهۋۋۇرىدىكى بىرسىگه قارىتىلغانمۇ؟ ئۇنىڭ قىزغىنلىقى بىردىنلا ئېشىپ، خهتنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا باشلىدى: »مېنىڭ ئوغلۇم تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كهتتى. مهن بۇ گۆدەك، نازۇك جان ئۈچۈن ئهجهل بىلهن ئۈچ كېچه ـ كۈندۈز ئېلىشتىم.تارقىلۇچان زوكام ھۇجۇمىدىن قىزىتمىسى ئۆرلهپ كهتكهندە ئۇنىڭ كارۋىتى يېنىدا توپ ـ توغرا قىرىق سائهت ئولتۇردۇم. سوغۇق داكىنى ئۇنىڭ يېنىۋاتقان پىشانىسىغا قويۇپ، تىنىمسىز كىچىك قوللىرىنى كېچه ـ كۆزلىرىمنى كهلدىم. ھالهتكه يىقىلغۇدەك كهلگهندە ئۆزەم ئاخشىمىغا ئۈچىنچى چىقتىم. تۇتۇپ كۈندۈز ئاچالمايتىم، ئاندىن ئىختىيارسىزلا ئۇخلاپ كېتىپتىمهن. مهن قاتتىق ئورۇندۇقتا ئۈچ ياكى تۆرت سائهت ئۇخلىغان بولۇشۇم چوقۇم، ئهنه شۇ چاغدا ئهجهل ئۇنى ئېلىپ كېتىپتۇ. مانا ئۇ، بىچارە، تاتلىق بالا، ئۆزىنىڭ كىچىك كارۋىتىدا ئۆلۈك ياتىدۇ؛ كىمدۇر ئۇنىڭ ئهقىللىق قارا كۆزلىرىنى يۇمدۇرۇپ، قوللىرىنى ئاق، كېچىلىك مايكىسى ئۈستىگه ئېلىپ قويۇپتۇ. »كارۋاتنىڭ تۆرت بۇلۇڭىدا تۆرت تال شام يورۇق يېنىپ تۇرۇپتۇ. قاراشتىن شۈركۈنىمهن، مىدىرلاشتىن قورقىمهن. شامنىڭ لاپىلدىشى بىلهن ئۇنىڭ يۈزى ۋە مهھكهم يۇمۇلغان ئاغزى ئۈستىدىكى كۆلهڭگىلهر لىپىلداپ، خۇددى قوۋۇزلىرى مىدىرلاۋاتقاندەك، گويا ئۇ ئۆلمىگهندەك، ھازىرلا ئويغۇنۇپ، بالىلارغا خاس يۇمشاق، ساپ ئاۋازى بىلهن بىرنېمىلهرنى دەپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بىراق، مهن بىلىمهن، ئۇ ئۆلگهن. يهنه بىر قېتىم ئۈمىدلىنىپ، ئارقىدىنلا يهنه ئۈمىدسىزلىك ئازاۋى تارتماسلىق ئۈچۈن كارۋات تهرەپكه قارىمايمهن. بىلىمهن، بىلىمهن، مېنىڭ ئ وغلۇم تۈنۈگۈن تۈگهپ كهتتى. ئهمدى دۇنيادا سىزدىن باشقا ھېچكىمىم قالمىدى، پهقهت سىز – ھهققىمدە ھېچنېمه بىلمهيدىغان سىز – قالدىڭىز. پهقهت سىز – شۇ تاپتا بولار ـ بولماس ئادەملهر ۋە ئىشلار بىلهن كۆڭۈل ئېچىۋاتقان سىز – پهقهت سىز – مېنى ئهزەلدىن بىلمهيدىغان، مهن بولسام ھاياتىم بويى سۆيگهن سىز – قالدىڭىز. »مهن بهشىنچى شامنى يېقىپ ۋە شىرەگه قويۇپ، مانا شۇ خهتنى يېزىۋاتىمهن. يۈرىكىمنى بىرسىگه ھهمدە بۇ قورقۇنۇچلۇق مىنۇتلار ئاچماستىن، تۈگهپ كهتكهن ئوغلۇمنىڭ بېشىدا قانداقمۇ تهنها ئولتۇرالايمهن؟ ھهققىدە سىزدىن باشقا كىمگه سۆزلىيهلهيمهن؟ سىزدىن – بۇرۇندىن مېنىڭ بارلىغىم بولغان، ھېلىههم شۇنداق سىزدىن تۇرغان بولۇپ – مېنى سىز ياكى چۈشهندۈرەلمهسمهن ئېنىق ئۆزەمنى بهلكىم كىمگه؟ باشقا چېكىلىرىم لوقۇلداپ، ئوت چىقىۋاتىدۇ؛ پۇت ـ قوللىرىم چۈشهنمهسسىز. بېشىم بهكلا ئېغىرلىشىپ كهتتى؛ قاخشاۋاتىدۇ. زوكام بولسام كېرەك. بهلكىم تارقىلۇچان زۇكاممۇ بولغاندۇرمهن. ھازىر تارقىلۇچان زوكام ئۆيمۇ ـ ئۆي كهزمهكته. شۇنداق بولغان بولسام ياخشىدىغۇ، مهنمۇ ئوغلۇم بىلهن كېتهتتىم ـدە، ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ھاجهت قالمايتى. بهزىدە كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. بهلكىم بۇ خهتنى يېزىپ بولالماسمهن. قهدىرلىكىم، ئهمما مهن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ، سىز بىلهن – ئهزەلدىن مېنى تونىمايدىغان سىز بىلهن مۇشۇ بىر قېتىم، دەل مۇشۇ بىر قېتىم سۆزلهشمهكچىمهن. »سىز بىلهن تهنها سۆزلىشىپ، سىزگه تۇنجى قېتىم ھهممه ئىشنى ئېيتماقچىمهن. سىز مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىم ھهققىدە بىلىشىڭىز كېرەك. ئۇ )ھاياتىم( ھهرقاچان سىزگه مهنسۇپ بولۇپ كهلدى، سىز بولسىڭىز ئۇنىڭ ھهققىدە ھېچنهرسه بىلمهي كهلدىڭىز. لېكىن سىز مېنىڭ سىرىمنى پهقهت مهن ئۆلگهندە بىلىدىغان بولدىڭىز؛ جاۋاپ بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىغان چاغدا بىلىدىغان بولدىڭىز؛ پۇت ـ قوللىرىمنىڭ دەم قىزىپ، دەم مۇزلاپ تۇرىشى ھهقىقهتهنمۇ تۈگهۋاتقانلىقىمدۇر. ئهگهر مهن جهزمهن ياشايدىغان بولسام ئىدى، بۇ خهتنى يىرتىپ تاشلاپ، خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئۈنچىقماستىن يۈرىۋەرگهن بولاتتىم. بىراق، بۇ خهتنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا، بىلىڭكى، ئۆلگهن بىر ئايال سىزگه ھايات ھىكايىسىنى، بارلىق ئويغاق سائهتلىرىنىڭ ھهممىسى سىزگه مهنسۇپ بولغان ھاياتنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلهۋاتقىنىنى بىلىسىز. سۆزلىرىمدىن قورقۇپ كهتمهڭ. ئۆلگهن ئايالنىڭ ئارتۇقچه بار، تهلىپىم بىرلا مېنىڭ يوق. ئىهتىياجى تهسهللىگه ھىسسىداشلىق، سۆيگۈ، بولمايدۇ: تهلىپى دېگهنلىرىمنىڭ ھهممىسىگه، سىزگه ئاشكارە بولغان دەرد ـ ئهلهملىك قهلبىمنىڭ ساداسىغا ئىشهنگهيسىز. كشى ئۆزىنىڭ يالغۇز بالىسى ئۆلۈپ ياتقان كارۋات بېشىدا ئولتۇرۇپ يالغان ئېيتمايدۇ، ھهربىر سۆزۈمگه ئىشهنگهيسىز، بۇنىڭدىن باشقا ھېچ تهلىپىم يوق. »مهن سىزگه پۈتۈن ھاياتىمنى، سىزنى بىرىنچى قېتىم بىلگىنىمدىن كېيىن ھهقىقىي تۈردە باشلانغان ھاياتىمنى بايان قىلىمهن. ئۇندىن بۇرۇنقى ھهممه نهرسه ئاددىي، خۇنۇك، قالايمىقان، خۇددى چاڭ ـ توزاڭ باسقان، ئادەم ۋە نهرسه ـ كېرەكلهر تولغان، ئۈستىنى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كهتكهن گهمىگه ئوخشاش كهچمىشىمنى ھېچ خاتىرىلىيهلمهيمهن، ئۇنى قهلبىممۇ تونىماس بولغان. سىز مېنىڭ ھاياتىمغا كىرىپ كهلگىنىڭىزدە مهن ئون ئۈچ ياشتا ئىدىم ۋە سىز ھازىر تۇرىۋاتقان بىنادا – سىز مېنىڭ مۇشۇ )ئاخىرقى نهپىسىمدىكى( خېتىمنى تۇتۇپ تۇرغان بىنادا؛ بىر قهۋە تته، يهنه كېلىپ، ئىشىكلىرى ئۇدۇلمۇ ـ ئۇدۇل قارىشىپ تۇرغان ئۆيدە ياشايتۇق. سىز بىزنى، ئاشۇ بوغالتىردىن تۇل قالغان بىچارە ئايال )ئۇ ھهمىشه قارىلىق كىيىپ يۈرەتتى( بىلهن ئۇنىڭ ۋىجىككىنه نارېسىدە پهقهتلا ئهسلىيهلمىسىڭىز كېرەك، چۈنكى بىز ئۇششاق بۇرژۇئازىيىچه يوقسۇللۇقىمىز ئىچىگه پېتىپ قىزىنى جىم ـ جىت ياشايتۇق. ئىشكىمىز بېشىدا نام ـ نىشان تاختىمىزمۇ يوق، بىزگه مىهمانغا كېلىدىغانلارمۇ، بىزنى سۈرۈشته قىلىدىغانلارمۇ يوق بولغاچقا بهلكىم سىز بىزنىڭ ئىسىم ـ پهمىلىمىزنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز ئۇزاق بۇلارمۇ كېرەك. بۇلارنى ھهقىقهتهنمۇ سىز ئىشلار. ئاۋالقى يىل ئونئالته ئونبهش، بولغان، زامان ئهسلىيهلمهيسىز، قهدىرلىكىم. ئهمما مهن، ئىه، مهن ھهممه ئۇششاق تهپسىلاتلارغىچه ئهسلىيهلهيمهن. بىرىنچى قېتىم سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىم، بىرىنچى قېتىم كۆرگىنىم. نېمىشكه خاتىرەمدە بولمىسۇن، بۇ مهن ئۈچۈن دۇنيانىڭ باشلىنىشى تۇرسا. سهۋرى قىلىڭ، قهدىرلىكىم، سىزگه ھهممىنى دېمهكچىمهن،ھهممىنى بېشىدىن تارتىپ دېمهكچىمهن. بىردەملىك ئۈچۈن ئاڭلاشتىن زېرىكىپ كهتمهڭ، سىزدىن ئۆتۈنىمهن. مهنمۇ سىزنى ھاياتىم بويى ياخشى كۆرۈشتىن زېرىكمىگهنمهن. »بىنامىزغا سىز كۆچۈپ كىرىشتىن ئىلگىرى، سىز ئولتۇرغان ئۆيدە ئىپلاس، جىدەلخور، ۋەھشىي بىر ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار نامرات ئىدى، ئۇلار بىزگه ئوخشاش بهكرەك نامرات قوشنىلىرىغا ئۆلگىدەك ئۆچ ئىدى. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلهشكهن، تۆۋەن تهبىقه قوپاللىقى بىلهن مۇئامىله قىلىشنى خاھلىمايتۇق. ئېرى ھاراقكهش بولۇپ، خويۇنىنى ئۇراتتى. ھهمىشه كېچىلىرى ئۈستهﷲرنىڭ ئۆرۈلىشى، تهخسىلهرنىڭ سۇنغان ئاۋازلىرى بىزنى ئويغۇتىۋېتهتتى. بىر قېتىم، ئايال باش ـ كۆزى يېرىلغۇچه تاياق يهپ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا پهسكه قاراپ قاچقان، ھاراقكهش ئېرى تاكى كىشىلهر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ساقچى چاقىرىمىز دەپ قورقۇتقانغىچه ئارقىسىدىن قوغلىغان ئىدى. ئاپام باشتىن تارتىپلا ئۇلار بىلهن باردى ـ كهلدى قىلىشتىن ئىهتىيات قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلهن ئوينىشىمنى چهكلهيتى. شۇڭا ئۇلار ھه دېسىلا دەردىنى مېنىڭدىن ئالاتتى، ئهگهر كوچىدا ئۇچرىشىپ قالساق ئارقامدىن ئهپسانه گهپلهرنى دەپ توۋلايتى. ھهتتا بىر قېتىم قاتتىق قار كومىلىچىنى ئېتىپ پىشانهمنى قانىتىۋەتكهنىدى. پۈتۈن بىنادىكىلهرنىڭ ھهممىسى ئۇلارنى يامان كۆرەتتى. مهلۇم بىر ئىش يۈز بېرىپ): بىلىشىمچه، ھاراقكهش ئهر ئوغۇرلۇق قىلىپ، تۈرمىگه قامالغان ئىدى(، ئۇلار تۇيۇقسىزلا لاقا ـ لۇقىسىنى ئېلىپ كۆزدىن يۈتتى، كىشىلهرمۇ يېنىك نهپهس ئالدى. »ئىجارە بېرىلىدۇ« دەپ يېزىلغان تاختا ئالدى ئىشىككه بىرنهچچه كۈن ئېسىپ قويۇلغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىلدى، باشقۇرغۇچىنىڭ بىلدۈرىشىچه، بىر يازغۇچى، سىپايه بويتاق مۇشۇ ئۆينى ئىجارە ئالىدىغان بوپتۇ. شۇ چاغدا مهن سىزنىڭ نامىڭىزنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. ئىلگىرى كېلىپ، سالغۇچىلار گىلهم ۋە تازىلىغۇچى سىرچى، كېيىن ئۆتكهندىن كۈن »بىرنهچچه ئولتۇرغانلاردىن قالغان پاسكىنىچىلىقلارنى ئېرىغداشقا باشلىدى. بىنادىن تاراق ـ تۇرۇق ئاۋازلار، بولقا ئاۋازى، پول سۈرتكهن، تام قىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ئاپام بولسا بهك خوشال ئىدى، بۇ تاراقلاشلار ئۆتكۈنچى ئىدى. مهن سىزنى ھهتتا ئۆيگه كۆچۈپ كىرگهندىن كېيىنمۇ كۆرەلمىدىم. ھهممه ئىش سېنىڭ خىزمهتكارىڭنىڭ باشچىلىقىدا قىلىناتتى. پاكار بويلۇق، جىددىي قىياپهتلىك، كۈلرەڭ چاچلىق بۇ ئهپهندىم بارلىق ئىشلارغا پهس ئاۋازدا سىستېمىلىق كۆرسهتمىلهر بېرىپ تۇراتتى. ئۇ بىزدە چوڭقۇر تهسىر قالدۇردى، چۈنكى، بىرىنچىدىن بىزنىڭ شهھهر ئهتراپىغا جايلاشقان مهھهللىمىزدە مۇلازىمنىڭ پهيدا بولىشى قانداقتۇر ئېسىلزادىلىكتىن بىشارەت بېرەتتى، ئۇندىن باشقا ئۇ ئۆزىمۇ ھهممه كىشىگه بهكمۇ ئهدەپلىك مۇئامىله قىلاتتى، ئۇ ئۆزىنى خىزمهتكاردەك تۇتمايتى، ھهمدە ھهممىگه تونۇش سۆز ـ چۆچهكلهرگىمۇ ئورۇن قالدۇرمايتى. ئۇ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئاپامغا خۇددى ئېسىلزادە خېنىملارغا مۇئامىله قىلغاندەك ئىززەت ـ ھۆرمهت بىلهن مۇراجهت قىلدى ھهتتا مهندەك بىر كىچىك قىزغىمۇ ھهمىشه دوستانه ۋە مۇلايىملىق بىلهن ئهستايىدىل مۇئامىله قىلاتتى. ئۇنىڭ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ھۆرمهت ـ ئىهتىرام بىلهن تىلغا ئېلىشىدىنلا، ئىككىڭىزنىڭ مۇناسىۋىتى مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى خوجايىن ۋە خىزمهتكار مۇناسىۋىتىدىن كۆپ ئۇزاپ كهتكهنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بۇ ئاقكۆڭۈل بوۋاي جون دائىم سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرالىشى، دائىم سىزنى كۈتهلهيدىغانلىقى بىلهن مېنىڭ قهلبىمدە يوشۇرۇن ھهسهت تۇغدۇراتتى، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. » مېنىڭ نهقهدەر تارتىنچاق، يۈرەكسىز قىز ئىكهنلىكىمنى ۋە سىزنىڭ ئۇنى ئىلكىگه ئېلىۋالغان بىر كۈچ ئىكهنلىكىڭىزنى باشتىن تارتىپ چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن مهن بۇ ئىشلارنىڭ ھهممىسىنى سىزگه ئېيتىپ بېرەي، قهدىرلىكىم، بۇ ئۇششاق ـ چۈششهك ئهخمىقانه ئىشلارنى سىزگه بىرمۇ ـ بىر ئېيتىپ بېرەي. ھهتتا سىز تېخى رەسمىي تۈردە مېنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىرمهي تۇرۇپلا، بىر سىرلىقلىق بارىدى. شهھهر ئهتراپىدىكى بۇ كىچىك بىنادا ھهممه ئادەم سهۋرىسىزلىك بىلهن سىزنىڭ كۆچۈپ كىرىشىڭىزنى كۈتتى )تار ماكاندا ياشىغۇچى ھهرقانداق كىشى يېڭى قوشنىسىغا قىزىقى دۇ(، مهن سىزگه بولغان بۇ قىزىقىشنى، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مهكتهپتىن قايتىپ كېلىپ، بىنا ئالدىدا ئۆي جاھازلىرى باسقان يۈك ماشىنىسىنى كۆرگىنىمدە تۇنجى قېتىم ھىس قىلغانىدىم. ھامماللار كۆپ ساندىكى ئېغىر جاھازلارنى توشۇپ بولغان ۋە ئهمدى ئازراق ئۇششاق نهرسىلهرنى توشۇۋاتاتتى. مهن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئهزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان غهلىته، باشقىچه نهرسىلهرنى قىزىقىپ كۆردۈم. ھىندىستاننىڭ بۇتلىرى، ئىتالىيىنىڭ ئويمىلىرى، كۆركهم رەڭلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چوڭ مايبوياق رەسىملهر ۋە كېيىن ئېلىپ كېلىنگهن بىرمۇنچه كىتاپلار شۇنچه كۆپ، شۇنچه چىرايلىق ئىدى، مهن بۇلارنىڭ مۈمكىنچىلىكىگه ئىشىنهلمهيلا قالغان ئىدىم. خىزمهتكارىڭىز بۇ كىتاپلارنىڭ چاڭلىرىنى پهي قاققۇچ بىلهن بىرمۇ ـ بىر قېقىپ، ئىهتىيات بىلهن ئىشىك ئالدىغا تىزىۋاتاتتى. مهن بارغانسېرى ئىگىزلهۋاتقان كىتاپ دۆۋىسىنى ئىهتىيات بىلهن ئايلىنىپ كۆرۈشكه باشلىدىم،خىزمهتكارىڭىز مېنى قوغلىۋەتمىدى ھهم يېقىنراق كېلىشىمگىمۇ ئىجازەت بهرمىدى. يۇمشاق تېرە بىلهن قاپلانغان كىتاپ مۇقاۋىلىرىنى سىلاپ باققىم بولسىمۇ، تۇتۇشقا جۈرئهت قىلالمىدىم. مهن قورۇنغان ھالدا كىتاپلارنىڭ ئىسىملىرىغا قاراشقا باشلىدىم؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدا فىرانسۇزچه، ئېنگىلىزچه كىتاپلار بارىدى ھهم مهن بىلمهيدىغان نۇرغۇن تىللاردىكى كىتاپلار بارىدى. شۇنىسى ئېنىق ئىدىكى، ئاپام چاقىرىپ قالمىغان بولسا، مهن بۇ يهردە كۈن بويى قاراپ تۇرىۋەرگهن بولاتتىم. »تېخى سىزنى بىلمهيدىغان بولساممۇ، پۈتۈن چۈشتىن كېيىن سىزدىن باشقا ھېچنېمه ئويلۇمۇدۇم. مېنىڭ پهقهت قاتتىق قهغهزدە مۇقاۋىلانغان، ئهرزان باھالىق ئوننهچچه پارچه كىتاۋىم بارىدى، ئۇلارنى ھېچنېمىگه تهڭ قىلمايتىم ۋە قايتا ـ قايتا ئوقۇيتىم. ئاشۇ سهرخىل كىتاپلارنىڭ ئىگىسى بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھهممىسىنى ئوقۇپ بولغان، شۇنداقلا شۇنچه كۆپ تىل بىلىدىغان، شۇنچه باي ھهم بىلىملىك بۇ كىشىگه قىزىقىپ قالدىم. بۇ كىتاپلار مهندە بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى ھېيىقىش ھىسسىياتى تۇغدۇردى. مهن سىزنىڭ تهققى ـ تۇرقىڭىزنى تهسهۋۋۇر قىلىشقا ئۇرۇندۇم. سىز مېنىڭ كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ جۇغراپىيه ئوقۇتقۇچىمىزغا ئوخشاش ئاپپاق ئۇزۇن ساقاللىق، كۆزەينهك تاقىغان قېرى ئهپهندى سىياقىدا كېلهتتىڭىز، پهقهت تېخىمۇ مۇلايىم، چىرايلىق، نازاكهتلىك بولسىڭىز كېرەك. سىز مېنىڭ شۇ چاغدىكى تهسهۋۋۇرۇمدا قېرى چال تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سىزنى تولۇق ئىشهنچ بىلهن چىرايلىق دەپ كۆز ئالدىمغا كهلتۈرگهنلىكىمنى بىلمهيمهن. گهرچه تېخى سىزنى كۆرمىگهن بولساممۇ، شۇ كۈنى كېچىسى تۇنجى قېتىم سىزنى چۈشىدىم. »ئىككىنچى كۈنى كۆچۈپ كىردىڭىز، بىراق، پۈتۈن ۋاقتىمنى سهرپ قىلىپ پايلىغىنىمغا قارىماي، سىزنى كۆرەلمىدىم، بۇ بولسا مېنىڭ قىزىقىشىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئاخىرى، ئۈچىنچى كۈنى، مېنىڭ بالىلىق تهسهۋۋۇرۇمدىكى بوۋاينىڭ ئوبرازىغا قىلچه يېقىن كهلمهيدىغان ئوخشىماسلىقنى بايقاشقا نېسىپ بولدى. تهسهۋۋۇرۇمدىكىسى كۆزەينهكلىك، سىپايه، قېرى كىشى بولغان بولسا، سىز – جاغدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن بۈگۈنمۇ شۇ پېتى تۇردىڭىز – ئاچ جىگهررەڭ سپورت كىيىمى كىيىۋالغان ئىدىڭىز ۋە ئۆزگىچه يېنىكلىك، ئهركىن ھهم بالىلارچه تېتىكلىكىڭىزنى نامايان قىلىپ، يوقۇرىغا چىقىشتا دائىم ئىككى پهﷲمپهينى بىر ئاتلايتىڭىز. سىز شىلهپىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىۋالغاچقا، جانلىق ئىپادىلىك، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان يۈزىڭىزنى، ياشلارغا خاس پارقىراپ تۇرغان چېچىڭىزنى بىر قاراشتىلا بايقاپ، ھهيرانلىقىمنى يوشۇرالماي قالدىم. سىزنىڭ شۇنچه ياش، چىرايلىق، چهبدەس ۋە زىلۋا بوي ـ تۇرقىڭىز مېنى ھهقىقهتهنمۇ چۆچۈتىۋەتتى. ئهجهپلىنهرلىك ئهمهسكى، شۇ بىلهن سىز ئهمهس، مهنلا سېزىۋالدىم، خۇسۇسىيهتلىرىڭىزنى ئۆزگىچه سىزنىڭ مىنۇتلاردىلا دەسلهپكى تونۇشىدىغان ھهركىم سىزنىڭ ئىككى خىل خىسلهتكه ئىگه ئىكهنلىكىڭىزنى، يهنى بىر قارىماققا يهڭگىل، ئۆزىڭىز بولسا جهھهتته بىر يهنه ئىكهنلىكىڭىزنى؛ بالا ياش قىزىقىدىغان نهرسىلهرگه غهيرى ئويۇنچى، شۇغۇللىنىۋاتقان سهنئهتته تهڭداشسىز، قهتئىي، ئهستايىدىل، مهسئۇلىيهتچان، ئىنتايىن بىلىملىك، سالاپهتلىك كىشى ئىكهنلىكىڭىزنى سېزەتتى. ئهينى ۋاقتىتتا مهن ئاڭسىز يوسۇندا سىزنىڭ ھهر بىر ئادەمگه شۇنداق تهسىرات قالدۇرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغانىدىم. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا شۇنداق ئىككى تهرەپ بارىدى: بىرى تاشقى دۇنيا ئۈچۈن ھىس قىلىنىدىغان ئوچۇق تهرەپ، يهنه بىرى ئۆزىڭىزگىلا مهلۇم بولغان قاراڭغۇ تهرەپ. بۇنداق چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ئىككى ياقلىمىلىق سىزنىڭ ھايات سىرىڭىز بولسىمۇ، ئهمما مهندەك بىر ئون ئۈ ياشلىق كىچىك بۇ ئىككى خىللىقنى بىر قاراشتىلا بايقىۋېلىپ، خۇددى سېهىرلهنگهندەك سىزگه ئهسىر بولۇپ قالغان ئىدىم. » ئهينى ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ ماڭا ئوخشاش بىر قىزچاق ئۈچۈن چۈشهنگۈسىز مۆجىزە، نهقهدەر مهپتۇن قىلارلىق سىر ئىكهنلىكىڭىزنى ئهمدى بىلگهنسىز، قهدىرلىگىم؟ مهن سىزنىڭ نۇرغۇن كىتاپلارنى يازغان، باشقا بىر دۇنيادا شان ـ شۆھرىتى كۆزگه كۆرۈنگهن، كۆپچىلىك ھۆرمهتلهيدىغان يىگىرمه بهش ياشلىق خۇشخۇي، بهرنا يىگىت ئىكهنلىكىڭىزنى تۇيۇقسىزلا بايقىغان ئىدىم! نېمىسىنى ئېيتاي، شۇ كۈندىن باشلاپ، بىزنىڭ بۇ بىنادىكى بىچارىلارچه ئۆتكهن پۈتكۈل بالىلىق ھاياتىمدا سىزدىن باشقا ھېچنهرسه مېنىڭ ئىشتىياقىمنى قوزغىمىدى، مهن كىچىك قىزلارنىڭ تهنتهكلىكى، تېگىگه يهتمهي قويماسلىقتهك تهرسالىقى بىلهن پهقهت سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا، يوقلاپ سىزنى ۋە تۇرىشىڭىزنى ـ يۈرۈش سىزنى، مهن قىزىقاتتىم. مهۋجۇتلىقىڭىزغىلا سىزنىڭ پهقهت كهلگۈچىلهرنى ئىنچىكىلىك بىلهن كۈزىتهتتىم، سىزنى يوقلاپ كهلگۈچىلهرنىڭ خىلمۇ ىىللىقى سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى ئىككى خىللىقنى ئىسپاتلىغاچقا، بۇلار مېنىڭ قىزىقىشلىرىمنى بوشاشتۇرماقنىڭ ئهكسىچه تېخىمۇ كۈچهيتهتتى. بهزىدە بىر توپ ياش يىگىتلهر – سىزنىڭ دوستلىرىڭىز كېلهتتى، سىز ئۇلار بىلهن روھلۇق كهيپىيات بىلهن كۈلىشهتتىڭلار؛ بهزىدە رەزگى كېيىنگهن ئوقۇغۇچىلار؛ ئاندىن بهزەن خانىملار ماشىنا بىلهن كېلىشهتتى؛ بىر قېتىم ھهتتا ئوپېرا ئۆمىگىنىڭ دىرېكتورى، كاتتا دىرىژور كهلگهنىدى، مهن ئۇنى بۇرۇن سهھنىدىكى ئورنىدا يىراقتىن كۆرگهن ئىدىم. يهنه سودا مهكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان بىرمۇنچه قىزلار كېلهتتى، ئۇلار ئىزا تارتىشىپ غىپلا قىلىپ كىرىپ كېتهتتى. كېلىدىغان خوتۇن ـ قىزلار ئىنتايىن، ئىنتايىن كۆپ ئىدى. مهن بۇنىڭدىن ھېچبىر غهلىتىلىك ھېس قىلمايتىم. ھهتتا بىركۈنى ئهتتىگهندە مهكتهپكه ماڭغان چېغىمدا، يۈزىگه قېلىن چۈمبهل تارتقان بىر خانىم سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كهلدى، بۇمۇ ماڭا غهلىته تۇيۇلمىغان ئىدى. نېمىشكه دېسىڭىز مهن ئۇ چاغدا پهقهت ئون ئۈچ ياشتا بولغاچقا، بۇنداق قىزىقىش، ھهۋەسنىڭ دەل مۇھهببهت ئىكهنلىكىنى بىلمهيتىم. »قهدىرلىكىم، مهن سىزنى پۈتۈنلهي ياخشى كۆرۈپ قالغان، سىزگه ئهبىدىيلىك ئاشىق بولۇپ قالغان ئاشۇ كۈن، ئاشۇ سائهت ھېلىههم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: شۇ كۈنى مهن بىر قىز ساۋاقدىشىم بىلهن بىردەم ئايلىنىپ كهلگهندىن كېيىن دەرۋازا ئالدىدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. شۇ ئهسنادا بىر كىچىك ماشىنا كېلىپ توختىدى. شۇ چاغدا ماشىنىدىن جىددىي ۋە تاقهتسىزلىك بىلهن ئهپچىل سهكرەپ چۈشكهن ھالىتىڭىز ھازىرمۇ قهلبىمنى لهرزىگه سالىدۇ. سىز ماشىنىدىن چۈشكهندىن كېيىن مهن ئىختىيارسىز ھالدا دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىمهن دەپ سىزنىڭ يولىڭىزنى توسىۋالغاچقا، ئىككىمىز سوقۇلۇپ كهتكىلى تاس قالدۇق. سىز شۇ چاغ نۇرلۇق، مۇلايىم، چوڭقۇر مۇھهببهت بىلهن تولغان كۆزلىرىڭىز بىلهن ماڭا قاراپ كۆيۈنگهندەك كۈلۈپ قويغىنىڭىزنى تهسۋىرلهپ ئىنتايىن سىلىق، بهكمۇ بىلهن، كۈلۈمسىرەش ئىپادىلىگۈچى ھاياجاننى ئىچكىي پهقهت بېرەلمهيمهن. يېقىملىق تاۋۇش بىلهن: »كۆپ رەخمهت، كىچىك خېنىم« دېگىنىڭىزنىلا ئېيتالايمهن. »پۈتۈن جهريان مانا شۇنداق، قهدىرلىكىم، لېكىن كۆزۈم سىزنىڭ مۇلايىملىق يېغىپ تۇرغان كۆز نۇرىڭىز بىلهن ئۇچراشقاندىن تارتىپ سىزگه ئهسىر بولۇپ قالدىم. كۆپ ئۆتمهي، سىزنىڭ بۇ كۆز نۇرىڭىز قارشى تهرەپنى قۇچاغلاپ، ئۆز يېنىغا تارتقاندەك، كىشىنىڭ جاسارىتىنىمۇ يوقۇتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇ ھىسسىيات بىلهن تولغان، يۈرەكنى لهرزىگه سالىدىغان تۇغما كۆز نۇرى ئىدى. سىز دۇكانلاردىكى ساتقۇچى ئاياللارغا، سىزگه ئىشىك ئېچىپ بهرگهن ھهر بىر ئايال خىزمهتچىگه ۋە يېنىڭىزدىن ئۆتكهن ھهر بىر ئايالغا ئاشۇنداق نهزەر تاشلايسىز، بۇنداق كۆز نۇرى سىزنىڭ جىسمىڭىزدا مۇھهببهت ۋە ھىسسىيات پهيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بهرمهيتى، بهلكى سىزنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇلايىملىقىڭىز، سىزنى ئۇلارنى كۆرۈش بىلهنلا كۆز نۇرىڭىزنى ئىختىيارسىز يېقىملىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن مهن كىچىك بولغاچقا بۇنى نهدىن بىلهي، سىزنىڭ بايىقى تاتلىققىنا كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ماڭىلا، پهقهت ماڭىلا قارىتىلغان دەپ ئويلاپتىمهن. شۇڭا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچه بولغان مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مهندەك بىر نارېسىدە بىردىنلا ئايالغا، مهڭگۈ سىزگه مهنسۇپ بولغان ئايالغا ئايلاندىم. كىم بۇ؟ دەپ سورىدى قىز ساۋاقدىشىم. مهن دەرھال جاۋاپ بېرەلمهي قالدىم. سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ھهرقانچه قىلىپمۇ ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. مۇشۇ سېكوند ئىچىدە، مۇشۇ بىردىن بىر سېكوند ئىچىدە سىزنىڭ ئىسمىڭىز يۈرىكىمنىڭ قېتىدىكى تهڭداشسىز ۋە مۇقهددەس ئىچ سىرىمغا ئايلاندى. بىزنىڭ بىنادا ئولتۇرىدىغان بىرسى بولمامدۇ، – دېدىم ئاغزىم گهپكه كهلمهي كېكهچلهپ. كېتىسهن؟ قىزىرىپ قويسا قاراپ بىر ئۇ نېمىشقا ئهمىسه خوش، – ئىشلارغا يوقىلاڭ ئۇ دېدى ئارىلىشىۋالدىغان قىزلارنىڭ ئادىتى بويىچه مهسخىرە ۋە تهنه قىلىپ. ئۇنىڭ مهسخىرىسى خۇددى كۆڭلۈمدىكى سىرىمنى ئېچىۋەتكهندەك تۇيۇلۇپ، قېنىم يۈزۈمگه ئۇرغۇدى. مهن ئوڭايسىزلانغىنىمدىن ئۇنى بوغۇۋەتكۈدەك يهرگه يېتىپ، »كالۋا« دەپ زەردەم بىلهن دوق قىلدىم. لېكىن ئۇ تېخىمۇ كۈلۈپ، ئهزۋەيلىگهن ھالدا مهسخىرە قىلىۋەردى. ئاخىرى غهزەپتىن كۆزلىرىمگه ياش تولۇپ، ئۇنىڭ بىلهن كارىم بولماي يۈگۈرگهنچه يوقۇرىغا چىقىپ كهتتىم. »مۇشۇ سېكوندتىن باشلاپ مهن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئاياللارنىڭ سىزدەك ئهركه يىگىتلهرگه دائىم مۇشۇ سۆزنى دەيدىغانلىقىنى بىلىمهن. لېكىن ئىشىنىڭكى، ھېچقانداق ئايال سىزنى ماڭا ئوخشاش قۇللارچه، ئىتتهك ساداقهت بىلهن جانۋارلارچه ياخشى كۆرگهن ئهمهس، ھېلىههم شۇنداق. دۇنيادا ھېچقانداق نهرسه كىچىك قىزنىڭ كۆرۈنمهس، يوشۇرۇن مۇھهببىتىگه تهڭ كېلهلمهيدۇ، چۈنكى، بۇ تاماسىز، سهبى، قۇللارچه ئىتائهتمهن، ھارارەتلىك مۇھهببهت بولۇپ، بالاغهتكه يهتكهن ئاياللارنىڭ ئاچكۆز، ئاڭلىق تاماخور مۇھهببىتىگه زادى ئوخشىمايدۇ. پهقهت غېرىپ بالىلارلا بارلىق قىزغىن ھېسسىياتىنى يىغالايدۇ. باشقا كىشىلهر ئىختىمائىي ئالاقه جهريانىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇھهببىتىنى قالايمىقان سهرپ قىلىپ تۈگىتىۋېتىدۇ: ئۇلار دائىم مۇھهببهت ھهققىدە پاراڭ ئاڭلايدۇ، مۇھهببهت ھهققىدە يېزىلغانلارنى ئوقۇيدۇ، ئۇلار مۇھهببهتنىڭ ھهممه ئادەمنىڭ تهقدىرىدە ئورتاق دۇچ كېلىدىغان بىر ئىش ئىكهنلىكىنى بىلىدۇ. ئادەتته مۇھهببهتنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ. ئۇلار گويا ئوغۇل بالىلار بىرىنچى تال تاماكىنى چهككهنلىكى بىلهن كۆرەڭلىگهندەك، ئۆزلىرىنىڭ مۇھهببهت سهرگۈزەشتلىرىنى كۆز ـ كۆز قىلىشىدۇ. ئهمما، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىپ بهرگۈدەك كىشىممۇ يوق ئىدى. ماڭا يول كۆرسىتىدىغان، مېنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ مهن قىلچىلىك تهجرىبهممۇ يوق، شۈبهه ـ ئىهتىياتمۇ قىلماستىن قىسمىتىم چوڭقۇرلىقىغا بېشىمچىلا كىرىپ كهتتىم. قهلبىمدە ھهممه ئىش ھهمدە چۈشۈممۇ سىزگه بولغان ئىشهنچنى مهركهز قىلىپ كۆكلهيتى. دادام ئاللىبۇرۇن ئالهمدىن ئۆتكهچكه، ئاپامنىڭ كۈنبويى دىلى سۇنۇق، چىرايى تۇتۇق، چهكسىز، ئېغىر خاپىغانلىقى ۋە نهپىقه پۇلىدىن ئهنسىرەپلا يۇرىشى بىلهن ماڭا خۇددى يات كىشىدەكلا ئىدى. ئاز ـ تولا يولدىن چىققان ئوقۇغۇچى قىزلارنىڭ مۇقهددەس تۇيغۇلىرىم بولغان مۇھهببهتنى ئهخلاقسىزلىق بىلهن ئويۇنچۇق قىلىۋېلىشى مېنى سهسكهندۈرەتتى. بۇرۇنقى چېچىلىپ كهتكهن بارلىق ھېسسىياتىمنى – مهركهزلهشتۈرۈپ، تاقهتسىز رەۋىشته ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان خۇلقۇمنى – سىزگه قاراتتىم. سىز مېنىڭ )نېمه دەپ تهرىپلىسهم بولىدىكىن؟ ھېچ ئوخشىتىش يېتهرلىك ئهمهس( ھهقىقهتهنمۇ بارلىقىم، پۈتۈن ھاياتىم ئىدىڭىز. سىزگه مۇناسىۋەتلىك بولماستىن ھېچنهرسه مهۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتى. مېنىڭ بارلىق ھاياتىمنى پۈتۈن مېنىڭ سىز قىلىناتتى. ھېس ئاندىن باغلانغاندىلا بىلهن سىز مهۋجۇدىيىتىممۇ ئۆزگهرتىۋەتتىڭىز. بۇرۇن مېنىڭ مهكتهپتىكى ئوقۇشۇم ياخشىمۇ ئهمهس، يامانمۇ ئهمهس، نورمال ئىدى، ھازىر بىر سهكرەپلا پۈتۈن سىنىپ بويىچه بىرىچى بولۇپ قالدىم؛ مهن تهشنالىق بىلهن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇۋەتتىم. دائىم يېرىم كېچىگىچه ئوقۇيتۇم. بىلهتتىمكى، سىز كىتاپنى ياخشى كۆرەتتىڭىز. مهن بىردىنلا قهيسهرلىك بىلهن پىئانىنو چېلىش مهشقىنى باشلاپ، ئاپامنى بهكمۇ ھهيران قالدۇرىۋەتتىم، چۈنكى سىزنى مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلايتىم؛ سىزنىڭ زوقىڭىزنى كهلتۈرۈش ئۈچۈن كىيىملىرىمنى دائىم تۈزەپ، دەزماللاپ، پاكىز يۈرىدىغان بولدۇم. مهن كونا ئوقۇغۇچىلىق ساراپانىم )ئۇ ئاپامنىڭ كىيىمىنى ئۆزگهرتىپ تىكىلگهن ئىدى(نىڭ سول تهرىپىدىكى تۆرت چاسا ياماقتىن بىزار بولاتتىم. مهن سىزنى مۇشۇ ياماقنى كۆرۈپ قېلىپ مېنى ياراتماي قويمىسۇن، دەپ دائىم پهﷲمپهيدىن چىققۇچه سومكام بىلهن شۇ يهرنى توسۇۋالاتتىم ۋە بۇ ياماقنى كۆرۈپ قېلىشىڭىزدىن ئهنسىرەپ، قورققىنىمدىن تىترەپ كېتهتتىم. لېكىن بۇ نهقهدەر ساددىلىق ئىدى ـ ھه! سىز شۇ قېتىمدىن باشقا بىر قېتىممۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ قويمىدىڭىز. »لېكىن مهنچۇ، مهن كۈن بويى ھېچ ئىش قىلماي سىزنى كۈتهتتىم. سىزنىڭ ھهربىر ھهركىتىڭىزنى كۈزىتهتتىم. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىدە كىچىككىنه مارىغۇچ )تۆشۈك( بولۇپ، بۇ مارىغۇچتىن ئۇدۇل سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى كۆرگىلى بولاتتى، بۇ مارىغۇچ مېنىڭ دۇنيانى كۆرىدىغان كۆزۈم ئىدى – ئاھ، قهدىرلىكىم، سىز كۈلمهڭ، ھهتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاشۇ مارىغۇچ ئالدىدا ئۆتكۈزىۋەتكهن سائهتلىرىم ئۈچۈن خىجىللىق ھىس قىلمايمهن. مهن ئاشۇ ئايلار ۋە يىللار داۋامىدا مارىغۇچ ئالدىدا، مۇزدەك كارىدوردا يېرىم كۈن ـ يېرىم كۈنلهپ سىزنى كۈتهتتىم، ئاپامنىڭ گۇمانسىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولۇمغا كىتاپ ئېلىۋالاتتىم. مهن خۇددى چىڭ تارتىلغان تارغا ئوخشاپ قالغانىدىم، بۇ تار سىزنىڭ كۆرىنىشىڭىز بىلهنلا تىترەشكه باشلايتى. مېنىڭ يۈركىم باشتىن ـ ئاخىر سىزگه يېقىنلىقتىن جىددىيلهشتى، سىز ئۈچۈن سوقتى. لېكىن سىز خۇددى يانچۇغىڭىزدىكى سائهتنىڭ چىكىلدىشىنى سهزمىگهندەك بۇلارنى قىلچه سهزمهيتىڭىز. بۇ سائهت پىنهاندا تۇرۇپ تاقهت بىلهن سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى سانايتى. ئۇنىڭ ئاڭلانماس چىكىلدىشى نهگه بارسىڭىز سىزگه ھهمرا ئىدى. ئاشۇ توختىماي ئۆتۈۋاتقان مىليونلىغان سېكوندلار ئىچىدە سىز ئۇنىڭغا بىر قېتىم مۇنداقلا قاراپ قويدىڭىز. سىزنىڭ ھهممه ئىشىڭىزنى، ھهربىر تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى مهن بىلهتتىم؛ ھهربىر گالىستۇكىڭىز، ھهر بىر قۇر كىيىمىڭىز، ھهممه دوستلىرىڭىز ماڭا تونۇشلۇق ئىدى. دوستلىرىڭىزنى تونۇش بىلهنلا قالماي، ئۇلارنى يهنه پهرقلهندۈرۈپ، مهن ياخشى كۆرۈدىغان ۋە ياخشى كۆرمهيدىغان ئىككى خىلغا ئايرىپمۇ ئالغان ئىدىم. مېنىڭ ئون ئۈچتىن ئون ئالته ياشقىچه بولغان ھاياتىمنىڭ ھهر بىر سائىتى سىزگه تهئهللۇق بولغانىدى. ئىه، مهن قانچىلىغان ئهخمىقانه ئىشكتىن سىز سۆيهتتىم؛ تۇتقۇچلىرىنى ئىشك تهككهن قولىڭىز سىزنىڭ ھه! ـ قىلمىغان ئىشلارنى چىقىۋاتقىچه تاشلىۋەتكهن سگارت قالدۇقىنى تېرىۋېلىپ، ئۇنى مۇقهددەس نهرسىدك ساقلايتىم، چۈنكى ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئاغزىڭىز تهككهن ـ دە! ئاخشاملىرى مهن تۈرلۈك باھانىلهر بىلهن يۈزلهرچه قېتىم تۆۋەنگه چۈشۈپ، تار كوچىدا تۇرۇپ چىراق يېنىپ تۇرغان ئۆيىڭىزگه قاراپ تۇراتتىم. مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلهن سىزنىڭ كۆرۈنمهس مهۋجۇتلىقىڭىزنى، تهسهۋۋۇرۇمدا سىزگه يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم. سىز ساياھهتكه چىقىدىغان ھهپتىلهردە – ئاقكۆڭۈل جون سىزنىڭ سېرىق رەڭلىك ساياھهت سومكىڭىزنى پهسكه ئېلىپ چۈشكهنلىكىنى كۆرسهم يۈرىكىم قورقۇنۇچتىن توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتى – تىرىك تۇرۇپ ئۆلهتتىم. ھاياتنىڭ مهنىسىمۇ قالمايتى. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، زېرىكىش ئىچىدە نېمه قىلارىمنى بىلمهي قالاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگه تولا يىغلاپ ئىششىپ كهتكهن كۆزلىرىمدىن ئۈمىدسىز كهيپىياتىمنى ئاپام بىلىپ قالارمىكىن دەپمۇ ئىهتىيات قىلاتتىم. »مهن ھازىر سىزگه دەۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ ھهممىسى كۈلكىلىك، بىمهنه، بالىلارچه ئهخمهقلىق ئىكهنلىكىنى بىلىمهن، بۇ ئىشلار ئۈچۈن نومۇس قىلىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن مېنىڭ سىزگه بولغان مۇھهببىتىم ئهزەلدىن مۇشۇ گۆدەكلهرچه ھېسسىياتتا ئىپادىلهنگهندەك پاك ۋە قىزغىن ئىپادىلهنمىگهنلىكى ئۈچۈن، مهن نومۇس قىلمىدىم. سۆزلهي دېسهم، ئهينى ۋاقىتتا سىز بىلهن قانداق بىرگه ياشىغانلىقىمنى ئۇدا بىرنهچچه سائهت، بىرنهچچه كېچه ـ كۈندۈز سۆزلىيهلىشىم مۈمكىن. سىزچۇ، سىز ماڭا تۈزۈككىنه تىكىلىپ قارىغىنىڭىزمۇ يوق، چۈنكى ھهر قېتىم سىز بىلهن پهﷲم پهيدە ئۇچراشقىنىمدا خۇددى ئوتتىن قورقۇپ دەرياغا ئۆزىنى تاشلىغان كىشىدەك، سىزنىڭ ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىڭىز بىلهن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ، بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ يۈگۈرگهنچه يوقۇرىغا چىقىپ كېتهتتىم. ئېيتىشقا توغرا كهلسه، سىز ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كهتكهن ئاشۇ يىللارنى ئۇدا نهچچه سائهت، نهچچه كېچه ـ كۈندۈز سۆزلهپ بېرەلهيمهن. سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ئىشلارنى بىرمۇ ـ بىر ئېيتىپ بېرەلهيمهن. لېكىن مهن سىزنى زېرىكتۈرۈشنى، بىئارام قىلىشنى خالىمايمهن، پهقهت سىزگه بالىلىق دەۋرىمدىكى ئهڭ گۈزەل بىر كهچۈرمىشىمنى سۆزل هپ بهرگىم كېلىدۇ. سىزگه نىسبهتهن ئېيتقاندا بۇ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوقلا بىر ئىش، ئهمما ماڭا ئوخشاش بىر بالا ئۈچۈن بۇ ئاجايىپ زور ئىش، شۇڭا مېنى مازاق قىلماسلىقىڭىزنى سورايمهن. بىر يهكشهنبه كۈنى بولىشى كېرەك، سىز ساياھهت قىلغىلى ئهكىرىشكه سۆرەپ ئۆيگه گېلهمنى ئېغىر تۈرۈلگهن تازىلاپ، گېلهمنى خىزمهتكارىڭىز كهتكهنىدىڭىز، تىرىشىۋاتاتتى. بۇ ئاقكۆڭۈل كىشى بۇ ئىشنى ناھايىتى كۈچىنىپ قىلىۋاتاتتى. ماڭا قاياقتىن كهلگهن جۈرئهت بىلمهيمهن، مهن بېرىپ ئۇنىڭدىن »ياردەملىشهيمۇ؟« دەپ سورىدىم. ئۇ ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ قالدى، لېكىن يهن ىلا مېنىڭ ياردەملىشىشىمگه ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلهن سىزنىڭ تۇرار جايىڭىزنىڭ ئىچىنى كۆرۈشكه مۇۋەپپهق بولدۇم. شۇ چاغدا مهندە پهيدا بولغان تارتىنچاقلىق، ساداقهتلىك ھېسسىياتىمنى سىزگه ئېيتىپ بېرىشكه تىلىم ئاجىز. مهن سىزنىڭ دۇنيايىڭىزنى، سىز ھهمىشه ئالىدا ئولتۇرىدىغان شىرەيىڭىزنى كۆردۈم. شىرە ئۈستىدىكى ئىشكاۋىڭىزنى، سىزنىڭ مهن ئىدى. سېلىنغان گۈل دەسته بىر لوڭقىغا كىرىستال رەڭلىك كۆك رەسىملىرىڭىزنى، كىتاپلىرىڭىزنى كۆردۈم. مهن ئالدىراپ ـ تېنهپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئوغۇرلۇقچه كۆز يۈگهرتىپ چىقتىم. سىزنىڭ سادىق خىزمهتكارىڭىز جون مېنىڭ تهپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىمغا يول قويمايتى، ئهلۋەتته. لېكىن مۇشۇنداق بىر قاراشنىڭ ئۆزىدىلا ئۆي ئىچىدىكى پۈتكۈل ئاتموسفرانى سۈمۈرىۋالدىم. بۇ مهيلى ئويغاقبياكى ئۇخلىغاندا بولسۇن، جىمىكى شېرىن خىياللىرىمنى يېتهرلىك ئوزۇق بىلهن تهمىنلىدى. مانا شۇ كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئۆتكهن بىر مىنۇت، بالىلىق دەۋرىمدىكى ئهڭ بهختلىك چېغىم ئىدى. مهن شۇلارنى ئېيتىش ئارقىلىق، سىزگه بىر جان ئىگىسىنىڭ باغلانغانلىقىنى، سىز ئۈچۈن ئىزتىراپقا چۈشكهنلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچىمهن )چۈنكى سىز ئهزەلدىن مېنى تونۇمايسىز ئهمهسمۇ(. مهن بۇ ئهڭ بهختلىك مىنۇتلارنى بايان قىلىش بىلهن بىرگه يهنه شۇ چاغدا يېقىنداپ قالغان ئاشۇ ئهڭ قورقۇنۇچلۇق ئاپامغىمۇ ۋاقىتلارنىمۇ ئېيتىپ بېرىمهن. بۇرۇنلا ئېيتقىنىمدەك، سىزنىڭ ۋەجىڭىزدىن ھهممىنى ئۇنتۇغانتىم، دىققهت قىلماپتىمهن، ھېچكىمگه كۆڭۈل بۆلمهيتىم. مهن ئىننسبرۇكلۇق، ئاپامغا يىراق تۇققان كېلىدىغان، ياشىنىپ قالغان سودىگهرنىڭ ئۆيلىنىش نىيىتى بىلهن پات ـ پات كېلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقىنىغا دىققهت قىلماپتىمهن. ئهمهلىيهتته ئۇنىڭ كېلىشى ۋە بهزى چاغلاردا ئاپامنى ئېلىپ تىياتېر كۆرۈشكه ئېلىپ كېتىشى مېنى خۇشال قىلاتتى، چۈنكى مهن يالغۇز قېلىپ سىزنى ئويلايتىم، كېلىشىڭىزنى كۈتهتتىم، بۇ مهن ئۈچۈن چهكسىز بهخت ئىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئاپام مېنى ئۆزىنىڭ خانىسىغا چاقىرىپ، بىرمۇنچه ۋاتىلداپ، مهن بىلهن جىددىي سۆزلهشمهكچى ئىكهنلىكىنى ئېيتتى. ئاپام بىر نېمىنى سېزىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئهنسىرەپ يۈزۈم بىردىنلا تاتىرىپ، يۈرىگىم دۈپۈلدەپ سېلىشقا باشلىدى. دەسلهپته ئويلىغىنىم سىز ۋە مېنى تاشقى دۇنيا بىلهن باغلاپ تۇرىدىغان سىرىم بولدى. بىراق، ئاپام ئۆزى بهكمۇ خىجىل بولىۋاتقاندەك كۆرۈنهتتى. مېنى مۇلايىملىق بىلهن بىر ـ ئىككى سۆيۈپ )ئادەتته ئۇ مېنى زادىلا سۆيمهيتى(، ئاندىن ئۆز يېنىغا تارتىپ سافاغا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، ھېلىقى تۇققىنىنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ بويتاق قالغانلىقىنى، ھازىر ئۆزى بىلهن تۇرمۇش قۇرۇش تهلىپى قويغانلىقىنى، ئۇ بولسا ئاساسهن مېنىڭ غېمىمنى يهپ رازىلىق بېرىش قارارىغا كهلگهنلىكىنى ئىزا تارتقان ھالدا سۆزلهشكه باشلىدى. يۈرىكىمدە ئىسسىق قان ئۇرغۇدى، شۇ پهيتته مهن سىزنى ئويلىدىم. »ئۇنداقتا بىز يهنىلا مۇشۇ يهردە تۇرامدۇق؟« ئاپامدىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سورىدىم. ياق، بىز ئىننسبرۇكقا كۆچۈپ كېتىمىز، فېردىناندنىڭ ئۇ يهردە چىرايلىق داچىسى بار. »ئۇنىڭ باشقا سۆزلىرى قۇلىقىمغا زادىلا كىرمىدى. ئۇشتۇمتۇت كۆزئالدىم قاراڭغۇلاشتى. كېيىنئاڭلىسام شۇ چاغدا ھوشۇمدىن كېتىپتىمهن. مهن ئاپامنىڭ ئىشىك ئارقىسىدا كۈتۈپ تۇرغان بولغۇسى ئۆگهي دادامغا پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوللىرىمنى كهرگهنچه، خۇددى قوغۇشۇن پارچىسىدەك ئوڭدامغا ئۇچۇپ كېتىپتىمهن. »ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنهچچه كۈن ئىچىدە نېمه ئىشلار بولغانلىقىنى، ماڭا ئوخشاش ئۆزىگه خوجا بولۇش ھوقۇقى بولمىغان بالا، ئۇلارنىڭ ھهممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئىرادىسىگه قانداق قارشى تۇرغانلىقىمنى سىزگه تهسۋىرلهپ بېرىشكه ئاجىزلىق قىلىمهن. شۇلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ قهلهم تۇتقان قولۇم تىترەۋاتىدۇ. مهن ھهقىقى مىجهزىنىڭ كاژلىق، ئۆزلىرىچه قارشىلىقلىرىمنى مېنىڭ ئۇلار نهتىجىدە، ئاشكارىلىيالمايتىم، سىرىمنى ئوساللىقى دېيىشىپ، مېنىڭ بىلهن كارى بولماي، ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچه قىلىشتى. مهن مهكتهپتىن كهلگىچه دائىم ئۆيدىكى بىرەر جابدۇق ئېلىپ كېتىلگهن ياكى سېتىۋېتىلگهن بولاتتى. ئۆيىمىز قاراپ تۇرۇپ بوشاپ قېلىۋاتاتتى، شۇنىڭغا ئهگىشىپ ھاياتىممۇ نابۇت بولماقتىدى.. بىر كۈنى مهن ئۆيگه چۈشلۈك تاماققا كهلگهندە ھامماللار بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى يۆتكهش ئۈچۈن يىغىشتۇرىۋاتقان ئىكهن، قۇپ ـ قۇرۇق بۇ ئۆيدە يىغىشتۇرۇپ تهييارلاپ قويۇلغان ساندۇقلار بىلهن ئاپام ئىككىمىزنىڭ ئاخىرقى بىر كېچىنى ئۆتكۈزىشىمىز ئۈچۈن راستلاپ قويۇلغان ئىككى دانه سهپهر كارۋىتى تۇراتتى، ئهته ئىننسبرۇكقا كېتهتتۇق. ياشىيالمايدىغانلىقىمنى بولمىسام يېنىڭىزدا سىزنىڭ ئۇشتۇمتۇت، كۈندە، بىر ئاخىرقى ئهڭ »مۇشۇ جهزملهشتۈردۈم. سىز مېنىڭ بىردىن بىر نىجات يۇلتۇزۇم سىز. ئهينى ۋاقىتتا قانداق ئويلىغانلىقىمنى، ئاشۇ ئۈمىدسىزلىك ئهسىر قىلىۋالغان پهيتته ھهقىقىي سهگهكلىك بىلهن پىكىر يۈرگۈزدۈممۇ ـ يوق، بۇنى مهڭگۈ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمهيمهن. لېكىن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كهتتىم، مهكتهپ فورمىسىنى كهيدىم )ئاپام ئۆيدە يوق ئىدى(، سهۋدالهرچه مهست ـ مۇستهغرەق سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم. ياق ماڭمىدىم، پۇت ـ قوللىرىم قاتقان، ئۆزەمنى بىلهلمهيدىغان بىر ھالدا سىز تهرەپكه قاراپ سۈرۈلدۈم. بۇرۇنلا دېگىنىمدەك، بۇ سهبى، ئون بهش ياشلىق مهستانه قىز ئۈستىدىن كۈلىشىڭىز مۈمكىن، بىراق، قهدىرلىكىم، ئهينى ۋاقىتتا جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق كارىدوردا تۇرۇپ، قورققىنىمدىن پۈتۈن ئهزايىم ياغاچتهك قېتىپ كهتكهنلىكىنى، ئهمما يهنه چۈشهنگىلى بولمايدىغان بىر كۈچنىڭ تهسىرىدە ئالغا قاراپ قهدەم باسقانلىىمنى، توختىماي تىترەپ تۇرغان قولۇمنى قانچىلىك كۈچ بىلهن ئۇزۇتۇپ )بۇ كۆرەش قورقۇنۇچلۇق بىرنهچچه سېكوندتا بولۇپ ئۆتكهن بولسىمۇ بۇ ۋاقىت ماڭا تولىمۇ ئۇزۇن مازاق ھهرگىزمۇ مېنى ئىدى، بىلسىڭىز باسقانلىقىمنى كونۇپكىڭىزنى قوڭغۇراق كهتكهنتى( بىلىنىپ قىلمىغان بولاتتىڭىز. قۇلاقنى يارغىدەك قوڭغۇراق ئاۋازى ھېلىههم قۇلىقىم تۈۋىدە سادا بېرىپ تۇرىدۇ. قوڭغۇراق جاراڭلاپ، ئارقىدىنلا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. يۈرىكىم سوقۇشتىن توختاپ، پۈتۈن بهدىنىمدىكى قانمۇ قېتىپ قالدى. مهن پۈتۈن دىققىتىم بىلهن سىزنى ئىشىكنى ئاچقىلى كېلىۋاتامدۇ، دەپ جىمجىت تىڭشاپ تۇردۇم. »لېكىن سىز كهلمىدىڭىز. ھېچكىم كهلمىدى. دەرۋەقه بۇ ئاخشام سىز ئۆيدە يوق ئىدىڭىز، جونمۇ ئىش بېجىرىشكه چىقىپ كهتكهن بولىشى ئىهتىمال، شۇڭا مهن پۇتۇمنى سۆرەپ، قۇرۇقدىلىپ، چۆلدەرەپ قالغان ئۆيىمىزگه قايتىپ كىردىم. قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى تېخىچه قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى. ھالسىزلىنىپ سهپهر كارۋىتىنىڭ ئۈستىگه يىقىلدىم. ئۇ قهدەر چارچاپ ماڭغىنىم تۆرت قهدەملا بولسىمۇ، گويا مهن قېلىن قاردا سائهتلهرچه ماڭغاندەك ھېرىپ كهتكهن ئىدىم. لېكىن ئۇلار مېنى ئېلىپ كهتكۈچه سىزنى بىر كۆرىۋېلىش، سىز بىلهن بىرەر ـ ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىۋېلىش ئىستىگىم يوقالمىغان ئىدى. مهن سىزگه قهسهم قىلىپ بېرىمهنكى، بۇنىڭغا ھهرگىزمۇ شهھۋانى ئىستهك ئارىلاشمىغان ئىدى. ئۇ چاغدا تېخى ساددا، گۆدەك قىزچاق بولغانلىقىم ئۈچۈن سىزدىن باشقا ھېچنېمىنى ئويلىمايتىم. مهن پهقهت پۈتۈن نىيىتىم بىلهن سىزنى كۆرۈشنى، يهنه بىر قېتىم كۆرۈپ، سىزگه چىڭ يېپىشېۋېلىشنىلا ئىستهيتىم. شۇنداق قىلىپ، قهدىرلىكىم، پۈتۈن بىر كېچه، ئۇزۇن ۋە قورقۇنۇچلۇق پۈتۈن بىر كېچه سىزنى كۈتتۈم. ئاپام يېتىپ ئهمدىلا ئۇ خ لىشىغا، شهپه چىقارماستىن كارىدورغا چىقىپ، سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتۈپ، قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشاپ تۇردۇم. بۇ قهھرىتان يانۋار كېچىسى ئىدى. چارچىغانلىقىمدىن مۈگدەيتىم، پۇت ـ قوللىرىم تېلىپ ئاغرىيتى. كارىدوردا ئولتۇرغىدەك ئورۇندۇقمۇ يوق ئىدى، يهردىلا چاپلىشىپ ياتتىم. ئىشىڭ ئاستىدىن سوغۇق شامال ئۇرۇپ تۇراتتى. ئىسسىساملا ئۇخلاپ قېلىپ سىزنىڭ ئاياق تىۋىشىڭىزنى ئاڭلىيالماي قېلىشىمدىن ئهنسىرەپ، ئاستىمغا ئهديالمۇ سالماستىن، جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق چىقىپ تۇرغان قاتتىق پول ئۈستىدە يېلىڭ كىيىم قالدىم، تۈگۈلۈپلا تارتىشىپ پېيى پۇتۇمنىڭ ئىككى ئاغرىپ، ئهزايىم پۈتۈن سوغۇقتىن ياتتىم. بىلهنلا بىلهكلىرىم دىر ـ دىر تىترەيتى. پات ـ پات ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مهجبۇر بولاتتىم. بۇ قورقۇنۇچلۇق قاپقاراڭغۇ كارىدور ھهقىقهتهنمۇ جاننى ئالغۇدەك سوغۇق ئىدى، لېكىن مهن سىزنى گويا يازمىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كۈتتۈم، كۈتتۈم. يېقىن تاڭغا »ئاخىرى، – ئىككى سائهت - كېرەك بولسا ئۈچلهر ـ – دەرۋازىنى پهسته بىرسىنىڭ بايىقى شۇئان، ئاڭلاندى. تىۋىشى ئاياق چىقىۋاتقان پهﷲمپهيدىن ئارقىدىنلا ئاڭلىدىم، ئېچىۋاتقانلىقىنى توڭلاشلىرىم ئاللىقاياقلارغا كېتىپ، پۈتۈن ئهزايىم قىزىپ كهتكهندەك بولدى. مهن ئاستاغىنا ئىشكنى ئېچىپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېتىلىپ بېرىپ ئايىغىڭىزغا ئۆزەمنى تاشلىماقچى بولدۇم. ئاھ، مهن – بۇ ساراڭ قىزنىڭ ئهينى ۋاقىتتا نېمىلهرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمهيمهن. ئاياق تىۋىشى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، پىلىلداپ چىڭ تۇتقۇچىغا ئىشىك تىترەپ، ئهزايىم پۈتۈن كهلدى. چىقىپ يورۇتۇپ پهﷲمپهينى نۇرى شام تۇرغان ئېسىلىۋالدىم. چىقىۋاتقان راستىنلا سىز بولغىيمىدىڭىز؟ »شۇنداق، چىقىۋاتقان كىشى سىز ئىدىڭىز، قهدىرلىكىم، لېكىن سىز يالغۇز ئهمهس، ماڭا يهڭگىل نازلىق كۈلكه ۋە يهرگه سۆرەلگهن يىپهك كۆينهكنىڭ شىلدىرلىشى، سىزنىڭ بوش گهپ قىلغىنىڭىز ئاڭلاندى، دېمهك، سىز بىر ئايال بىلهن بىلله كهلگهن ئىدىڭىز. مهن بۇ كېچىنى قانداق تاڭ ئاتقۇزغانلىقىمنى بىلمهيمهن. ئهتىسى ئهتتىگهن سائهت سهككىزدە مېنى ئىننسبرۇكقا ئېلىپ كېتىدۇ. ئهمدى مېنىڭ ئازراقمۇ قارشىلىق قىلىش كۈچۈم قالمىغان ئىدى. مېنىڭ ئوغلۇم تۈنۈگۈن قازا قىلدى. ئهگهر مهن راستىنلا داۋاملىق ياشىماقچى بولسام، ئۇ ھالدا يهنه تهنها ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئهته ئهتتىگهندە ياتلار، قارىلىق كىيگهن كېلهڭسىز ئهرلهر مېنىڭ بىچارە ئوغلۇمنى، بىردىن بىر ئوغلۇمنى سالىدىغان تاۋۇت ئېلىپ كېلىشىدۇ. بهلكى يار ـ بۇرادەرلهرمۇ كېلهر، ئۇلار كهلسه گۈلچهمبىرەكلهرنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن تاۋۇت ئۈستىگه گۈﷲرنى قويۇپ قويغاننىڭ نېمه پايدىسى؟ ئۇلار مهندىن ھال سورايدۇ، ماڭا ئاللىنېمىلهرنى دەيدۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قانچىلىك ياردەم بېرەلهيدۇ؟ بىلىمهن، شۇ كهچۈرىمهن. دۇنيادا يهككه ـ يىگانه تۇرمۇش كهچۈرۈشتىنمۇ يهنه يالغۇز تۇرمۇش ئىشلاردىن كېيىن مهن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق. مهن بۇنى ئهينى ۋاقىتتا ئىننسبرۇكتا بهكمۇ ئۇزۇن بىلىنگهن ئىككى يىل جهريانىدا چۈشىنىپ يهتكهن. ئون ئالته ياشتىن ئون سهككىز ياشقىچه بولغان ئاشۇ ئىككى يىلدا خۇددى مهھبۇسقا، ئوخشاش ھايات كهچۈرگهن ئىدىم. ئۆگهي دادام مۇلايىم، كهم سۆز كىشى بولۇپ مېى تاشلاندۇق مهھبۇسقا ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئاپام بولسا ئاڭسىزلىقتا ئۆتكۈزگهن گۇناھىنى يۇماقچى بولغاندەك سىزىقىمدىن بىلهن توڭلۇق ئۇلارنى مهن لېكىن قىلاتتى. خۇشامهت ماڭا كهتمهي ئهتراپىمدىن يىگىتلهر چىقمايتى. سىلكىۋېتهتتىم. سىزدىن ئايرىلىپ خوشال ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كهچۈرۈشنى خالىمايتىم. مهن ئاشۇ تىنجىق ماكاندا ئۆزەمنى ئۆزەم ئازاپلاپ، يهككه ـ يىگانه، زېرىكىشلىك ھايات كهچۈردۈم. ئۇلار ماڭا ئېلىپ بهرگهن ھهررەڭ ـ سهررەڭ يېڭى كىيىملهرنى كىيىپمۇ قويمايتىم. مۇزىكا كېچىلىكلىرىگه، تىياتېرلارغا بېرىشتىن، باشقىلار بىلهن چىقاتتىم. كهم ئىنتايىن كوچىغىمۇ چىقمايتىم، تالاغا ئۆيدىن قاچاتتىم، چىقىشتىن سهيلىگه بىلله قهدىرلىكىم، مهن بۇ كىچىككىنه شهھهردە ئىككى يىلدىن كۆپرەك تۇرغان بولساممۇ، بىلىدىغان كوچام ئونغا يهتمهيدۇ، دېسهم ئىشىنهمسىز؟ مهن كۈن بويى ھهسرەت چېكىشنى، پۈتۈن نىيىتىم بىلهن ھهسرەت چېكىشنى ئويلايتىم. سىزنى كۆرەلمىگهنلىكىم ئۈچۈن ھېچنېمىنى خالىمايتىم. پهقهت خىيال سۈرۈش ئارقىلىقلا ئۆزەمنى ئاۋۇندۇراتتىم. مۇنداقچه ئېيتقاندا، مهن پهقهت سهمىمىي ھالدا، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا سىز بىلهن يالغۇز بولۇشنىلا خالايتىم، كۆڭلۈمنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى خالىمايتىم. مهن ئۆيدە يالغۇز قېلىپ، نهچچه سائهت، ھهتتا پۈتۈن كۈنلهپ ھېچ ئىش قىلماي سىزنى ئويلايتىم. بولۇپ ئۆتكهن نۇرغۇن ئىشلارنى قايتا ـ قايتا ئهسلهپ، ھهر قېتىم سىزنى كۆرگهن، سىزنى كۈتۈپ تۇرغان ھالهتلىرىمنى كۆز ئالدىمغا كهلتۈرەتتىم. مهن بۇ ئۇششاق كۆرۈنۈشلهرنى خۇددى تىياتېر كۆرگهندەك قهلبىمدە قايتا ـ قايتا كۆرەتتىم. ئۆتكهن ھاياتىمنىڭ ھهربىر سېكوندىنى سانسىز قېتىم كۆڭلۈمدە تهكرارلىغاچقا، پۈتۈن بالىلىق ھاياتىم ئېنىق ۋە روشهن ھالدا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۆتكهن يىللارنىڭ ھهر بىر مىنۇتى ماڭا نىسبهتهن شۇنداق جانلىق، شۇنداق كونكىرېت بولۇپ، گويا تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكهن ئىشلاردەك ئىدى. »ئهينى ۋاقىتتا، مهن پىكىر ـ خىيالىمنى پۈتۈنلهي سىزگه مهركهزلهشتۈرگهن ئىدىم. سىز يازغان كىتاپلارنىڭ بولاتتى. بايرام ئۈچۈن مهن كۈنلىرى بېسىلغان ئىسمىڭىزگېزىتكه سىزنىڭ سېتىۋالاتتىم. ھهممىسىنى كىتاپلىرىڭىزنى كۆپ قېتىم ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن ھهر بىر قۇرلىرىغىچه يادقا ئېيتىپ بېرەلهيمهن دېسهم ئىشىنهمسىز؟ ئهگهر بىرسى مېنى يېرىم كېچىدە تاتلىق چۈش كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا ئويغۇتۇپ، سىزنىڭ كىتاۋىڭىز ئىچىدىن باش ـ ئاياقسىز بىر قۇرنى ئوقۇپ بهرسه، – ئارىدىن ئون ئۈچ يىل ئۆتكهن بۈگۈنكى كۈندىمۇ – ئۇنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ي ادا ئېيتىپ بېرەلهيمهن. سىزنىڭ ھهربىر سۆزىڭىز مهن ئۈچۈن مۇقهددەس پهرمان بولۇپ مهۋجۇت ئۈچۈنلا بولغانلىقى مۇناسىۋەتلىك بىلهنلا سىز پهقهت دۇنيا پۈتۈن ماڭا كهتكهن! بولۇپ رەسمىي رەت تۇنجى كېچىلىكلىرىنىڭ مۇزىكا ۋە تياتېر گېزىتلىرىدىن ۋېنا بىلىنىدۇ. تۇرىۋاتقاندەك قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگهندە، كۆڭلۈمدە، سىزنى قانداق نومېر قىزىقتۇرار، دېگهن ئوي پهيدا بولاتتى. كهچ بولىشى بىلهنلا، مهن يىراقتا تۇرۇپ سىزگه ھهمرا بولاتتىم: سىزنى، تىياتېرخانىغا كىردى، شۇ تاپتا ئولتۇردى، دەپ ئويلايتىم. بۇنداق ئىشلارنى مىڭلارچه قېتىم چۈشىگهندىمهن. چۈنكى بىر قېتىم مهن سىزنى ئۆز كۆزۈم بىلهن مۇزىكا كېچىلىكىدە كۆرگهن ئىدىم. »بىراق، نىمىشقا بۇ ئىشلارنى دەپ ئولتۇرىمهن؟ نىمىشقا بىر تهرك ئېتىلگهن بالىنىڭ بۇنداق ئهسهبىيلهرچه، ئۆزىنى ئۆزى ئازاپلايدىغان، شۇنداق پاجىئهلىك، شۇنداق ئۈمىدسىز ھهۋىسىنى بۇ ھهقته قىلچه ھېسقا ئىگه ئهمهس، ھهمدە مېنى ھېچ تونىمايدىغان كىشىگه ئېيتىپ بېرىشىمنىڭ نېمىسى ياخشى؟ مهن ئهمهلدە يهنىلا بالىمىدىم يا؟ مهن ئۇ چاغ ئون يهتتىگه كىرىپ قالغان، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچه ئون سهككىز ياشقا كىرىدىغان قىز ئىدىم، يىگىتلهر كوچىلاردا ماڭا قايرىلىپ قارايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ قاراشلار ئاچچىغىمنىلا كهلتۈرەتتى. چۈنكى ماڭا سىزدىن بۆلهك ئادەم بىلهن مۇھهببهت باغلاش، ھهتتا ئۇ پهقهت چاخچاق ئورنىدىكى جىلۋە بولغان تهقدىردىمۇ، تهسهۋۋۇر قىلغۇسىز، ئويلاپ يهتكۈسىز دەرىجىدە يات ئىدى، سهل ـ پهل ھهۋەس قىلىشنىمۇ گۇنا دەپ بىلهتتىم. مېنىڭ سىزگه بولغان سۆيگۈم بۇرۇنقىدەكلا تهۋرەنمهس بولسىمۇ، جىسمانىي جهھهتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ھىسى ئويغىنىشىمغا ئهگىشىپ، تېخىمۇ قىزغىن، تېخىمۇ ئهمهلىي، تېخىمۇ ئاياللىق تۈسى ئالغان ئىدى. شۇنداقلا گۆدەكلىكىدىن ئىختىيارسىز ھالدا سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ قوڭغىراق كونۇپكىسىنى باسقان كۆزى ئېچىلمىغان مهسۇمه، بۇ كۈنلهردە ئۆزىنى سىزگه تهقدىم قىلىش، سىزگه تاپشۇرۇشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدى. »كىشىلهر مېنى تارتىنچاق، يۈزى تۆۋەن دېيىشهتتى )سىرىمنى ئۆز ئىچىمدە ساقلاپ، ھېچكىمگه تىنمايتىم(. لېكىن كۆڭلۈمدە پولاتتهك ئىرادە پهيدا بولغان ئىدى. مهن پۈتۈن نىيهت، پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلهن بىر نىشانغا – ۋېناغا قايتىپ بېرىش، سىزنىڭ يېنىڭىزغا بېرىشقىلا باغلانغان ئىدى. باشقىلار ئۇچىغا چىققان بىمهنىلىك دېسۇن ـ دېمىسۇن تىرىشىش ئارقىلىق، ئىرادە كۈچۈم بىلهن مۇرادىمغا يېتىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتىم. ئۆگهي دادام ئىنتايىن باي ئىدى، مېنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى، لېكىن مهن ئۆزەمنى ئۆزەم بېقىش پىكرىدە جاھىللىق بىلهن چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرى مهقسىدىمگه يهتتىم. ۋېنادىكى تۇققىنىمىزغا قارايدىغان ناھايىتى چوڭ بىر كىيىم ـ كېچهك دۇكىنىدا خىزمهتچى بولدۇم. »قويۇق تۇمانلىق كۈز كۈنلىرىدىن بىرىدە )ئاخىرى، ئاخىرى!( ۋېناغا يېتىپ كېلىپ، ئهڭ ئهۋەل نهگه بارغانلىقىمنى ئېيتىشىمغا زۆرۈرىيهت بارمۇ؟ چامادانىمنى ۋوگزالدا قويۇپ، ترامۋايغا سهكرەپ چىقىپ )ترامۋاينى شۇنچىلىك ئاستا ھهيدىدىكى، ھهر بىر بېكهتته توختىغاندا يۈرىكىمگه ئوت كهتكهندەك بولاتتى( ئاشۇ بىنانىڭ ئالدىغا كهلدىم. دەرىزىڭىزدىن چىراق نۇرىنىڭ شولىسى چېچىلىپ تۇراتتى، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سالاتتى. شۇ تاپ بۇ شهھهر – ماڭا نىسبهتهن شۇنداق يات، شۇنداق ۋاڭ ـ چۇڭلۇق بۇ شهھهر – جانلاندى، مهن قايتا تىرىلدىم، چۈنكى مېنىڭ مهڭگۈلۈك چۈشۈم بولغان سىز مهۋجۇتلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. مهن سىزنىڭ تۇيغۇڭىزغا كۆرە مهيلى ئارىمىزنى سانسىز تاغ ـ دەريالار ئايرىپ تۇرسۇن ياكى باش كۆتۈرۈپ تىكىلىشسهك كۆز نۇرىمىز ئارىسىنى نېپىز دېرىزە ئهينىكى ئايرىپ تۇرسۇن، ئهمهلىيهتته ئوخشاشلا سىزدىن يىراق ئىكهنلىكىمنى ئويلىمىغان ئىكهنمهن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، چىراق نۇرى چاقناۋاتقان ئاشۇ ئۆيدە سىز، مېنىڭ دۇنيايىم. ئىككى يىلدىن بېرى خىيال قىلغان بۇ سائهتلهر ئاخىرى يېتىپ كهلدى. بۇ تۈتهك قاپلىغان، ئىللىق، ئۇزۇن كېچىدە، تۆۋەندە دەرىزىڭىزگه چىراق ئۆچكىچه قاراپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزەمگه تۇرار جاي ئىزدىگىلى كهتتىم. »كېيىن ھهركۈنى ئاخشىمى ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا شۇ تهقلىتته تۇرىدىغان بولدۇم. مهن دۇكاندا سائهت ئالتىگىچه ئىشلهيتىم، ئىش ئېغىر، كىشىنى بهكلا ھارغۇزاتتى. ئهمما بۇ ھال مېنى خوشال قىلاتتى، چۈنكى خىزمهت ئالدىراشلىقى كۆڭلۈمدىكى پاراكهندىچىلىكنى ئانچه ھېس قىلدۇرمايتى. دۇكاننىڭ