تهجرىب ه 1 ئابدۇساتتار كىملىكىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندىن كېـيىن ناھىيىلىـك سـاقچى ئىدارىسـىغا مهلـۇم قىلىـپ، يېڭـى كىملىككه ئىلتىماس قىلغانىدى. ئهلۋەتته مهھهللىـدىن تارتىـپ ئالغـان ئىسـپات خهتلهرنىـڭ ھهممىسـى تولـۇق، ئانــدىن بــۇ ئىلتىمــاس قىلىنىــپ، ســاقچى ئىدارىســى ئۇنىڭغــا كىملىكــى ئىشــلىنىۋاتقانلارغا بېرىلىــدىغان ۋاقىتلىق كىملىك )رەسىم چاپلانغـان بىـر ۋاراق خهت( يېزىـپ بهرگهنىـدى. شـۇنداق بولسـىمۇ بـۇ ۋاراققـا ئىشـهنچ قىلىپ ئولتۇرۇۋەرگهنمۇ بهك ب ى خهستهلىك بولاتتى. چۈنكى ئۇ ئهزەلـدىن قـانۇن - تـۈزۈملهرگه بهك ئهمهل قىلىـدىغان، قىلچىلىــك بىخهســتهلىك قىلمايــدىغان ئــادەم بولغاچقــا، كىملىكســىز يۈرۈشــنى خــۇددى تىكهننىــڭ ئۈســتىدە يۈرگهندەك ھىس قىلماقتا ئىدى. شـۇڭا ئـۇ خېلـى كـۈنلهردىن كېـيىن سـاقچى ئىدارىسـىغا بېرىـپ كىملىكىنىـڭ كهلگهن - كهلمىگهنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولدى. گهرچه ھىچقانداق گۇنـاھى بولمىسـىمۇ دەۋازا ئالـدىغا كهلگهنـدە سـۈر بېسـىۋاتقانلىقىنى ھىـس قىلـدى. » تـوۋا، ھهجهپ سـۈرى ۋا يـا، شـۇ يهنىـڭ، مېنىـڭ بـى گۇنـايىم يـوق تۇرۇپمـۇ قو قـۇمهن مانـا، ھهممىمىزمـۇ شـۇ. يـاۋ، شـۇندا بولمىسىمۇ بولمايدۇ جۇما، ھۆكۈمهت دېگهننىڭ بۇنچىلىك سۈرى بوممىسـا، مـا خهلـق دېـگهن ئاسـانلام ھهددىـدىن ئېشىپ كېتىدىغۇ... « دېگهنلهرنى ئويلىغاچ، چىرايى سارغايغان ھالدا دەرۋازىدىن كىرىپ كهتتى. 2 ھهركهت ئهترىدىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر توپ خىتاي ساقچىسى قـۇرۇق پـاراڭ سېلىشـىپ ئولتـۇراتتى. بهزىلىـرى ئورۇندۇقلىرىــدا ئولتــۇرۇپ، ئارقىســىغا داردايغــان ھالــدا پــۇتلىرىنى شــىرەگه ئېلىۋالغــان بولســا، بهزىلىــرى شــىرە ئۈستىدە پۇتلىرىنى سـاڭگىلىتىپ ئولتۇرۇشـاتتى. ئۇلارنىـڭ پـاراڭ تېمىسـى نـۆۋەتتىكى ۋەزىـيهت ھهققىـدە بولـۇپ، بۆلگۈنچۈلــۈككه ئائىــت پــاراڭلارنى قىلىشــىۋاتقاندەك ئىــدى. يــاش ســاقچىلاردىن بىــرى ئۇيغۇرلارنىــڭ خهتىــرى ھهققىــدە، غهمخورلــۇقنى بىلمهيــدىغان كومشــالىقى ھهققىــدە گهپ قىلىۋاتــاتتى. پىشــقهدەملهردىن بىــرى ئۇنىــڭ گهپلىرىگه رەددىيه بهردى: قورقۇپ كهتكۈدەك ھىچ يېرى يوق! بۇنى كۆپتـۈرۈپ كۆرسـۈتۈش بىـر تهشـۋىقات، ھهي، بالاكىچىـك - ته، راسـت دەپ قاپتۇ. باستۇرۇشلارنى ھهقلىق كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق تهشۋىق قىلىنىدۇ. لېكىن، دىققهت قىلمايمۇ بولمايدۇ، سهل قارىغىلى بولۇدۇغان خهق ئهمهس، ماۋۇ. نېمىســى؟ ـرى: ـدان يېــ ـز ئۈچــۈن ئهڭ ئوبــ ـوق، بىــ ـۇ غــۇرۇر يــ ـته قىلچىلىكمــ ـهم بــۇ خهقــ ـاڭا دېســ مهن ســ قىساسكارلىق ھىچ يوق! پهيلى تۇتسا ئاجايىپلا ... دەيمهن... مهن ساڭا دېسـهم،... مهن سـاڭا شـۇنىلا دەي: لىـن زېشـۈينى بىلىسـهنغۇ؟ ئهپيـۈن ئۇرۇشـىدا ئىلىغـا پالانغـان گېنېرال. ھه شۇ لىن زېشۈي ئىلىغا كېلىپ كۆرگهنلىرىنى جىيهن قىزىغا يازغـان خېتىـدە شـۇنداق تىلغـا ئالغـان: » بــۇ يهردىكــى يهرلىــك خهلقــته قىلچىلىكمــۇ غــۇرۇر تۇيغۇســى يــوقكهن. بىــز خهق بــۇ يهردە يــوق ھېســاپتا ئىــكهن، شۇنداق ئاز بولساقمۇ، يهرلىكلهر شـۇنداق قورقـۇپ تـۇرۇدۇكهن. بىرىمىزنـى كۆردۈمـۇ، ھهرقانـداق چـوڭى، شاڭيۇسـى، دوغىسـى، ھـاكىمى بولسـىمۇ تهزىـم قىلمـاي ئۆتمهيـدىكهن. پىيـادىلهر تـازىم قىلسـا ئـۇلاغلىقلىرى ئۇلاغلىرىـدىن چۈشۈپ، تاكى ئۆتۈپ كهتكىنىمىزگىچه ئىگىلىپ تۇرۇدۇكهن... « ئاڭلىـدىڭمۇ؟ مهن تېخـى چـالا دەپ قويغانـدىمهن، بولسا سهن ئۆزىنى تېپىپ ئوقۇپ باق. ئاجايىپلا! بۇ چاغـدا قانچىلىـك ئهسـكهر بولغىيـدى؟ پۈتـۈن شـىمالدا بولسـا - بولسا 10 مىڭ ئهسـكهر بـولغىيتى. بـۇلاردىن مىليـونى ئهنه شـۇ ئـون مىـڭ ئـادەمگه شـۇنچىلىك قـۇل بولغـان يهردە بۈگۈن نېمه؟ تۈكۈرۈكىمىزدە ئېقىپ كېتىدۇ. توغرا، مېنىڭمۇ خهۋىرىم بار. بۇ ھال تاكى 30 - يىللاردىكى قۇمۇلدىن باشـلانغان توپـۇلاڭغىچه داۋام قىلغـان. بىزدىن بىرسى بار سورۇندا چهنتۇلارنىڭ ھهرقاندىقىغا ئولتـۇرۇش ئىجـازىتى يـوق، كـۈنى بـويى بولسـىمۇ ئىگىلىـپ تـۇرغىنى تۇغـان؛ ھېلىغـۇ ئهمهلـدارلاركهن، جـازانىخور دۇككانـدارلارغىمۇ ھېلىقىـدەك ئۇلاغلىرىـدىن چۈشـۈپ، تـازىم قىلىپ ئۆتكهن ، ماندا پهس خهق بۇ! بىــز بــۇنى بىــر تهجرىبىــدىن ئۆتكــۈزۈپ باقســاقمۇ بولــۇدۇ، بىكارچىلىقتــا،... دېــدى ياشــلاردىن بىــرى قىزىقچىلىق قىلىپ. بولمىسا شۇنداق قىلمايلىمۇ؟ مېنىڭ بىر كهشپىياتىم بار قىيىن قىستاق جهھهتته دەمسهن؟ بۇ جهھهتته بىر كهشپىيات قالمىشـمۇ؟ ئىشـهنمهيمهن! بىزنىـڭ شـۇئاندا قوللۇنــۇۋاتقىنىمىز ياپونلارنىــڭ ئهينــى ۋاقىتتــا جوڭگــۇدا ئىشــلهتكهن ھهمــمه ئۇســۇلى؛ ناتسىســتلارنىڭ ھهمــمه قىينــاق ئۇســۇلى؛ يهنه ئۆزىمىزنىــڭ ئهنئهنىــۋىي، تــارىختىن كېلىۋاتقــان ئۇســۇللىرىمىزنىڭ جهۋھىــرى تاللانغــان ئۇسۇللار تۇرسا، يهنه قانداق يېڭىلىق بولار؟ يــاق، ئۇيغۇرلارنىــڭ غــورۇرى، قىساســكارلىق روھــى دېگهنــدەكلهرگه ئائىــت يهنــى، ئۇلارنىــڭ بــۇ جهھهتــته » ـاڭنى بهر ـاڭنى ئۆلتـــۈرگهنگه ئانــ ئاتــ « ـت قىلىـــدىغانلىقى ھهققىـــدىكى ـڭ تهمســـىلىنى راســ دېـــگهن ئۆزلىرىنىــ كهشپىيات. تهجرىبه قىلساق قىلمايلىمۇ، بىزدىن نېمه كېتهتتى، يىغىۋېلىشتىن بىرىنى ئهكىرىپلا... شۇ چاغدا ئىشىك قىيا ئېچىلىپ، ئىشىكتىن بىر ئۇيغۇرنىڭ شـهپكىلىك بېشـى كۆرۈنـدى. بۇنـداق شـهپكىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقىسى كهيمهيدىغان بولغاچ، چىرايىغا قارىمايمۇ ئۇيغۇر ئىكهنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. مانا ساڭا ئۇيغۇر، دېدى ھېلىقى ياش ساقچى. كىمۇ، كىم ئهمهس دېمهيلاممۇ؟ دېدى قارشى چىقىپ. نېمه پهرقى؟ ھهممىسى بىر ئۇيغۇر. ئۇيغــۇر ئىشــخانىغا خاتــا كىرگهنلىكىنــى بايقىــدىمۇ يــاكى ئىــزدىگهن كىشىســىنىڭ بــۇ يهردە ئهمهســلىكىنى بايقىدىمۇ، دەرھال كهينىگه ياندى. ھهي، توختا، بۇ ياققا كىر! دېدى تهجرىبه ھهۋەسكارى ياش ساقچى. ئۇيغۇر ئىتائهتكارلىق بىلهن قايتىپ كىرىـپ، ئىشـىككه ئارقىسـىنى قىلىـپ ئـۆرە تۇرغـانچه ئـۆزىگه بولۇدۇغـان ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈشـكه باشـلىدى. ئهممـا، ھىچكىـم ئۇنىڭغـا گهپ قىـلاي دېمهيـلا، ئـۆز مۇنازىرىسـىگه چۈشـۈپ كېتىشتى. تالاغــا چىقىــپ يۈرۈشــمۇ يــوق، يىغىۋېلىشــقا بېرىشــقىمۇ تــوغرا كهلمهيــلا، نهق ئــۆزى كهلــدى مانــا، ھه، گېپىڭلارنى قىلىڭلار، قانداق قىلىمىز؟ چاخچــاق قىلمــاڭلار بــاللا، بــۇ كىــم؟ نــېمه ئىــش بىــلهن كهلــدى؟ گۇنــاھى بــار بىرســىمۇ،... ھىچگهپــتىن ھىچگهپ يوقلا ئويناشقاندەك... شۇ ، ئوينىشىمىز دەۋاتمامدۇق؟ بۇ يهردە ھىچكىم جىددىيگه ئېلىۋاتقىنى يوق، ئوينىشىمىز. قىيناقخانىدا؟ ھهئه. ـۈمكىن؛ كىــم ـگهن بولۇشــى مـ ـات ئهكهلـ ـر قۇلاقتــۇ، مهلۇمـ ـلهۋاتقان بىـ ـزگه ئىشـ ـم بىـ ـدۇ، بــۇ بهلكىـ ـم بىلىـ كىـ بىلىدۇ، بهلكىم مۇئاۋىن باشلىقلاردىن بىرەرسىنىڭ يېقىنىدۇ؟ سهن تېخىچه ئۇيغۇرلار ھهققىدىكى ئاداققى سىياسهتنىڭ نېمىلىكىنـى بىلمىگهنـدەك قىلىسـهن، بۇلارنىـڭ ھىچبىــرى پهرق قىلمايــدۇ. مۇئــاۋىن باشــلىقلارمىش! بۈگــۈن چىققــان دىۋانىلىرىمىزدىنمــۇ تــۆۋەن ئــۇ مۇئــاۋىن باشلىق دېگهنلىرىڭ. ئۇ ئاشۇنداقلام دەپ قويغان بىر ئاتاق، گول بوسۇن دەپ، سهن شۇنى راست دەپ قالدىڭمۇ؟ ئۇيغۇر بۇ گهپلهرنى يېرىم ياتا چۈشهنگهندەك قىلدى، ئهمما ئۆزى ھهققىدە بىـر تـالاش - تـارتىش كېتىـۋاتقىنىنى بىلهلمىدى. ئۇلارنىڭ تېخىچه ئۇنىڭغا قاراشقا چولىسى يوق، مۇنازىرىسىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. ھهي، كىمسهن؟ ئىسمىڭ نېمه؟ ئاخىرى ئۇنىڭدىن گهپ سورايدىغان بىرى چىقتى. ئىسمىم... ئىسمىم ئابدۇساتتار... ھه، نېمه جىنايهت ئۆتكۈزدۈڭ؟ ھىچ... ھىچبىر جىنايىتىم يوق... جىنايىتىڭ يوق، بۇ يهرنىڭ قهيهرلىكىنى بىلهمسهن؟ بىلىمهن، بۇ دېگهن... بۇ دېگهن ج خ ئىدارىسى... ئۆزەڭ خالىساڭ كېلىدىغان، خالىساڭ كېتىدىغان يهرمۇ بۇ؟ ياق، ياق... مهن... نېمه ئىشىڭ بار!؟ مهن... كىملىك،... كىملىكىم... ئهسلىدە كىملىكىم يۈتۈپ كهتكهن،... يېڭى كىملىكىمنى... ھه، سېنىڭ كىملىكىڭ يوق ؟ مانا، دەل بىزگه توغرا كېلىدىغان بىرى. كىملىكىم با، ۋاقىتلىق كىملىكىم... مانا، يـانچۇقلۇقلىرىنى ئالـدىراش تىـتكىلهپ، ھېلىقـى يىـرتىلاي دەپ قالغان نېپىز ئىش قهغىزىگه يېزىلغـان خهتنـى تېپىـپ ئالـدى. ئهڭ يېقىنـدىكى سـاقچىلاردىن بىـرى ئۇنىـڭ قولىدىن قهغهزنى يۇلۇپ ئېلىپ، قارىمايلا شىرە ئۈستىگه تاشلىدى. يهنه بىر ساقچى ئېرەڭشىمىگهندەك قهغهزنى ئېلىپ قارىمايلا يىرتىپ تاشلىدى ۋە: مانا، كىملىكىڭ يوق! دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. يولداش، ... توڭزى،... بۇ ...؟ ئهمدى مهن قانداق يۈرۈمهن؟ بۇ نېمه قىلغىنىڭىز؟ ھه، شۇنداق قىلدىم، نېمه قىلالايسهن؟ مهن ھىچ... سىلى دېگهن دۆلهت ساقچىسى، مهن نېمه قىلالايتىم،... ئهمما مېنىڭ كىملىكىم... كىملىكىڭ بولمىسا تۈرمىدە ياتىسهن شۇ. بولدى، يۈرۈڭلا، ئهمدى تهجرىبىمىزنى قىلمايلىمۇ؟ يا بۇ، مۇشۇنداغلام... ئاخىرى نېمه بولۇدۇ، قانداق يىغىشتۇرىمىز، دېيىشىۋالمايلامما؟ يــا... ئهركىشــىدەك بولۇڭلارچــۇ، مىكــى - مىكــى قىلمــاي، مۇشــۇ ئىنىمىــز ھهۋەس قىــپ قــاپتۇ، شــۇنىڭ كۆڭلىكهن، كهشپىياتىنى بىر تهجرىبه قىلىپ باقمىسۇنمۇ؟ شۇ، بىزدىن نېمه كېتهتتى. بهرىبىر بىكار ئولتۇرغۇچه، ھىچ بولمىسا ئىچ پۇشىقى. جۈرە، بىزبىلهن ماڭ! نهگه؟... مېنىڭ يا بى گۇنايىم بوممىسا... كېيىن كۆرىمىز، مېڭىۋە. ئۇلار كۈلكه چاخچاقلار بىلهن قىيناقخانىغا قاراپ مېڭىشتى. ئــۇ يهردە ئابدۇســاتتار قىينــاق ئورۇنــدۇقىغا ئولتۇرغۇزۇلــۇپ، پــۇت - قــوللىرى ئورۇنــدۇقنىڭ مۇقــۇم تاســمىلىرىغا باغلانغاندىن كېيىن، بىرى: توختاڭلار ، توختاڭلار، دەپ ھهممىنى ئۆزىگه قاراتتى، باشلاشنىغۇ باشـلايمىز، ئـاخىرى قانـداق چۈشـۈدۇ، جهريــانى قانــداق بولــۇدۇ، بــۇلارنى تــۈزۈكرەك دېيىشــىۋالمىدۇق، شــۇڭا ســهل تهخىــر قىلســاڭلار، ئوبــدانراق پىــلان قىلىۋالساقمىكىن دەيمهن. توغرا دەيدۇ، مهن قوشۇلۇمهن. راست، مهنمۇ قوشۇلدۇم. قىلغاندىكىن، چوقۇم سىپتا، چېڭى چىقمايدىغان، سورىقى بولمايدىغان،... مېنىــڭ دېمهكچــى بولغۇنــۇم ئــۇ ئهمهس، ســهن نــېمه يهنه ســورىقى بولۇشــىدىن ئهنســىرەپ يۈرۈســهن؟ بىــر ئۇيغۇرنىـــڭ ســـورىقى بولغـــاننى قاچـــان كـــۆردۈڭ؟ مېنىـــڭ دېمهكچـــى بولغۇنـــۇم، قىينـــاپ - قىيـــاپ بولـــۇپ چىقىرىۋېتهمدۇق، ئۆلگىچه داۋام قىلىمىزمۇ؟ بىرەر گۇناھنى ئارتىـپ، قـول قويـدۇرۇپ،... مـا شـهكىلدە قىلىمىزمـۇ، يـاكى ھىـچ گۇنـاھىنى بېكىتمهسـتىنلا قىلغۇلـۇقىمىزنى قىلىـپ، بهخـۈدۈك يۈرۈۋېرەلهيـدىغانلىقىمىزنى سـىناپ كۆرىمىزمۇ، شۇنى دېيىشىۋالايلى دېمهكچىدىم. ئۇنداق بولسا ماۋۇ ياندىكى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ دېيىشـمهيلىمۇ، بـۇ يهر بهك سېسـىق، نـېمه پۇرايـدۇ، قـانمۇ، ژىنمۇ؟ بهزىلىرى چىدىماي چىچىپ سالغانمۇ نېمه بالا؟ شـــۇنداق قىلايلـــى، يانـــدىكى تىڭشـــاش ئىشخانىســـىغا چىقىـــپ ئولتـــۇرۇپ دېيىشـــهيلى ئالـــدىراش بولمىغاندىكىن. ئابدۇساتتارنى ئورۇندۇقتا باغلاق ھالهتته قالدۇرۇپ، چىقىپ كېتىشتى. ئابدۇسـاتتار نـېمه ئىشـلار بولۇۋاتقىنىغـا ئهقلى يهتمهي، ھهر خىل خىياللارنى قىلماقتـا ئىـدى: » بىرەرسـى مېنـى چېقىـپ قويغانمىـدۇ؟ نېمىنـى چاقـاتتى، مېنىڭ يـا گۇنـايىم بولمىسـا. يـاق دەيـمهن، مـاۋۇ بىـز خهق بهك ئهسـكى يـا، ئـاقيهردىن بىـر ئىشـنى يوتىغـا ئـۇرۇپ تېپىپلا تۆھمهت قىلىۋېرىـدۇ، دە يـ مهن، مۇكاپـات ئـېلىش ئۈچـۈن « ئهمـدى ئـۇ چېقىـپ قويـۇش ئىهتىمـالى بولغـان كىشىلهرنى بىر - بىرلهپ رويخهتـتىن ئۆتكـۈزدى. بۇلارنىـڭ ئىچىـدە ئىلگىرىكـى يـېقىن دوسـتلىرى )چـۈنكى ھـازىر يــېقىن دوســت دەيــدىغان مۇناســىۋەتلهر قالمىغــان، ھهمــمه ئــادەم يهككىلىشــىپ كهتكهنىــدى( ، قوشــنىلىرى، تۇققانلىرى، ھهتتا ئۆز ئائىله ئهزالىرىنىمۇ قويمـاي، ئىهتىمـاللىقلارنى دەڭسـهپ چىقتـى. لـېكىن ھىچبىرىـدە قـارار بېرەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر نۇقتىدا جهزم قىلالايتىكـى، بـۇ قانـداقلا بولمىسـۇن بىـر ئۇيغۇرنىـڭ قىلىۋاتقـان دۈشمهنلىكى ئىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئهمدى ئۇ ئۆزىنىڭ كهچمىشىدىكى ھۆكـۈمهتكه قارشـى سـۆز - ھهركهتلىـرى بـار - يوقلۇقىغـا قاراپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇ ئهزەلدىن تېنچ پۇخرا ئىـدى. دادىسـىمۇ ئـۇنى كىچىكىـدىن » غىـت قىسـىش « قا دەۋەت قىلىپ تهربىـيىلىگهن؛ » ئويناشـماڭ ئهربـاپ بىـلهن، ئهربـاپ سـالۇر ھهر بـاب بىـلهن « دېـگهن تهمسـىل دادىسـىنىڭ نهســىههتلىرىدە دائىمــا تهكرارلىنىــپ تۇرغانىــدى. ئۆســهك ســۆزلهرنى قىلماســلىقلا ئهمهس، باشــقىلار قىلىۋاتســا، ئاڭلاشقىمۇ بولمايدىغانلىقى ھهققىـدىكى بـۇ نهسـىههتلهر، بىـر ئۇلۇغلۇققـا، بىـر بۈيۈكلـۈككه قارشـى كېلىشـنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئـاقىۋەتلىرى ھهققىـدىكى ۋەھىمىلىـك تهسـهۋۋۇرلارنى تۇغـدۇرۇپلا تۇرغاچقـا، كىچىكىـدىنلا سـىڭگهن ناننى يىيىشنى ئۆزىنىڭ ياشاش پهلسهپىسى قىلىپ كهلگهن يوۋاش ئادەم ئىـدى. شـۇنداق بولسـىمۇ قايسـىدۇر بىـر دۈشمهن، قوشنىلىرىدىن، تۇققانلىرىدىن ياكى بۇرۇنقى دوستلىرىدىن بولغـان مهلـۇم بىـر دۈشـمهن ئـۇنى چېقىـپ قويغانـدەك تـۇراتتى. ئۇنىـڭ چۈشهنچىسـىدە ئۇيغـۇر مانـا شـۇنداق چېقىمچـى، دۈشـمهن بىـر خهلـق ئىـدى؛ مـاۋۇلار بولسـا، » ـاۋى بـار ـان بىـلهن، ئىنسـ ئىمـانى بولمىغـ « ـڭ ئۈسـتىگه ـش قىلمـايتى. ئۇنىـ ـدى؛ نـاھهق ئىـ خهق ئىـ » ـۇلار ئـ دېگهن ھۆكـۈمهت تۇسـا، ھۆكـۈمهت دېـگهن نـاھهقچىلىككه قارشـى تۇسـا، ھهقنىـڭ ئىگىسـى تۇسـا، نـاھهق ئىشـنى قانداقمۇ قىلسۇن؟ « 3 ئىشــخان ىغ ا چىقىــپ ئــورۇنلىرىنى ئېلىشــىپ، چېكىــدىغانلىرى بىــرەر تالــدىن تۇتاشــتۇرۇۋالغاندىن كېــيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىسىنى باشلاشتى. قانداق قىلىمىز؟ نهقهدەر غورۇرى يوقلۇقىنى تهجرىبه بىلهن ئىسپات قىلىمىز. ۋىجدانسىزلىقىنى،... ئهقلى يوقلۇقىنى. نهدىن باشلايمىز؟ مېـنىڭچه بـارلىق قىينـاش ئۇسـۇللىرىنى ئىشـلىتىپ باقـايلى، نـېمىلهر بولـۇدۇ كـۆرەيلى. مهسـىلهن ، يـوق جىنايهتلىرىگه ئىقرار قىلدۇرۇش، ئار - نومۇس چېگرالىرىنى بۆسـۈپ، ئۇنىـڭ قانچىلىـك ۋىجـدانى بـارلىقىنى كـۆرۈپ بېقىش دېگهندەك. ھه، سېنىڭ ھېلىقى كهشپىياتىڭنى قانداق چاغدا قىلىمىز؟ ئاخىرىدا. ھهممىدىن كېيىن. ـرىگه ـڭ بهزىلىـ ـىله، بۇنىـ ـاقىمىز دەۋاتىسـ ـلىتىپ بـ ـىنى ئىشـ ـۇللارنىڭ ھهممىسـ ـۇ ئۇسـ ـاڭلا، بـ توختـاڭلار، توختـ تۆمۈر چىدىمىسا گۆش بهدەن چىدىمايدۇ، ئۆلۈپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ ئۆلۈپ قالسا قانداق قىلىمىز؟! نېمه دېگىنىـڭ بـۇ؟ بىرسـى سـېنى جاۋاپكارلىققـا تارتـاتتىمۇ؟ ئاپىرىـپ تـاغ باغرىغا كۆمۈۋېتىمىز، پۈتتى. تۆگه كۆردۈڭمۇ؟ يوق! كىم كولايدۇ؟ مهن بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن يهرلىك كولىمايمهن، ئىشقىلىپ. بولمىسا، شۇئاندا، كۈچى بار چاغدا ئۆزىنى ئاپىرىپ بىر يهرلىك كولىتىپ قويساق،... ۋاي نېمانداق سۆرەلمىلىك بۇ؟ بىر ئۇيغۇر ئۈچـۈن ئـارتۇقچه كـاللا قاتۇرمـاق! يهرلىـك كولاشـقا خوشياقمىسـا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسهك بولمىدىمۇ؟ كىم بىزدىن مهسئۇلىيهت سۈرۈشتۈرەتتى؟ ئىگىلىرى ئهرز قىلسا... كىمگه ئهرز قىلىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئهرز قىلغۇدەك دادىخاھسى بارمىدى؟ يهنه بىزگه كېله شۇ؟ شۇنى دەيمهن. ئېنىقلىسا... كىم ئېنىقلايدۇ؟ مىيىت ئىگىلىرىنىڭ رازۋىدكىسى بارمۇ؟ يهنه بىز ئېنىقلايمىز. بۇنـدا ئىـش ئـاز بولـدىمۇ؟ ھارغۇچه ئهرز قىلىپ، زېرىككهندە توختايدۇ، باشقا ئاماللىرى يوق. مۇنـداق قىلسـاقچۇ، دېـدى بىـرى دانـا تهدبىـر سـۇنۇدۇغاندەك ئهلپـازدا، ئۆلتـۈرۈپ قويماسـلىققا دىقـقهت قىلىپ، ئۇنى بۆلگۈنچۈلۈك ئهيپنامىسـىگه ئىقـرار قىلـدۇرۇپ قـولنى قويـدۇرۇۋېلىپ، كهينىـدىن سـاڭا كهڭچىلىـك قىلدۇق، دەپ چىقىرىۋەتسهك... نېمىگه بۇنچه قيىنىدىڭ؟ نېمىگه ئهمدى كهڭچىلىك قىلىۋاتىسهن؟ دەرمۇ، سېنىڭچه؟ ھهرگىز، رەھمهتنىڭ چوڭىنى ئېيتىپ، جېنى ساق قالغانغا بىزگه دۇئا قىلىپ قايتىدۇ. بهلكىم، ئۆيىگه رەھمهت زىياپىتى ئۈچۈن چاقىرىشىمۇ مۈمكىن. ھهببهللى، مېنىـڭ تهجـرىبه قىلمـاقچى بولغۇنۇمممـۇ دەل مۇشـۇ نۇقتـا. باغلىشـىمهنكى، ئـۇ چوقـۇم بىزنـى ئۆيىگه زىياپهتكه چاقىرىدۇ. مۇنــداق قىلســاقمۇ بولــۇدۇ، بــۇ دائىمىــي تــاكتىكىلاردىن بىــرى ھېســاپلىنىدۇ ئــۇلارنى بىــر - بىــرىگه دۈشمهن قىلىدىغان تـاكتىچۇ؟ يهنـى، سـېنى بىرسـى چېقىـپ، بۆلگـۈنچىلهر بىـلهن ئالاقىسـى بـار دېگهنتـى، شـۇڭا تۇتقان، ئهمدى ئېنىقلىساق سهن ياخشى ئادەمكهنسهن، شـۇڭا سـېنى قويـۇپ بېرىمىـز، ئهممـا بـۇ يهردە بولغـانلارنى سىر تۇتۇشۇڭ كېرەك، دېسهك؟ مانا بۇ بولۇدۇ. ئۇ ھالدا چوقۇم بىزگه بىر زىياپهت بېرىشنى ئۆزى ئۈچۈن قهرز بىلىشى دە گهپ يوق. چاتىقى چىقمىسىلام... يهنى، مهسىلهن؟ بىلمهيمهن، ئىشقىلىپ،... بىـر ئۇيغـۇردا قىساسـكارلىق كۆردۈڭمـۇ؟ مـۈمكىن ئهمهس! بىـر ئۇيغـۇرنى قىينـاپ ئويناشـتىن باشـقا نـېمه چاتاق چىقار؟ يوقلا ئهندىشىلهرنى قىلىدىغان نېمىكهنسهن! ھوي، باللا، كهچ بولۇپ قاپتۇ، ئىشتىن چۈشۈدىغان ۋاقىت بوپتۇ. ھوي راست، ھهجهپ ۋاقىت تېز ئۆتتى بۇ چۈشتىن كېيىن. ئــۇلار ئابدۇســاتتارنى نهدە قويغــانلىقىنى تامــامهن ئۇنتــۇپ، ئىشــتىن چۈشــۈپ ئــۆيلىرىگه قايتىــپ كېتىشــتى. ئابدۇساتتار قىيناق ئورۇندۇقىدا باغلاقلىق ھالهتته قالدى. بۇنىڭ نېمه ھهيـران قـالغۇچىلىكى بولسـۇن؟ بـۇ دېـگهن جىنايهتچىلهر بىلهن ھهپىلىشىدىغان، ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى توغرىسـىدا ئويلۇشـۇلمايدىغان بىـر يهر تۇرسـا؟ شــۇنداق بىــر جهمىــيهت ئىــدىكى، تىببــى ئىنىســتىتۇت دوختۇرخانىســىدا دوختــۇرلار بىمارنىــڭ قــارنىنى يېرىــپ قويـۇپ، زىيـاپهتكه كېتىـپ قالغـان ئىشـلار يـۈز بېرىـپ تۇرۇدۇغـان ئالاھىـدىلىكلىرىگه سېلىشـتۇرغاندا جىنـايهتچى ھېسابىدىكى بىر ئادەمنىڭ جېنى قانچىلىك؟ 4 ئهتىسى ھېلىقى توپ يهنه ئىشـخانىغا توپلۇنـۇپ قـۇرۇق پاراڭلىرىغـا چۈشـتى. ئهممـا ئـاۋال ئۇيغـۇر سـاقچىلارغا ۋەزىپىلهرنـــى بېرىـــپ، كوچىلارغـــا چارلاشـــقا، بىـــر يهرلهرگه ئـــادەم تۇتۇشـــقا ئهۋەتىۋېتىـــپ، ئانـــدىن ئۆزلىرىنىـــڭ بىكارچىلىقتىكى زېرىكىشلىرىنى بىرەر ئهمهك، كۆڭۈل خـوش بولغـۇدەك مهشـغۇلات بىـلهن بېسـىش ئۈچـۈن قايتـا ـتىن بىـــردەم تاغـــدىن ـېمه قىلارىنـــى بىلمهســ ـر يهرگه كېلىشـــكهنىدى. ئـــۇلار نــ بىــ - باغـــدىن پـــاراڭ ئېتىشـــتى. يــېڭىلىقلاردىن، مهملىــكهت يېڭىلىقلىــرى، دۇنيــادىكى يــېڭىلىقلار... كېــيىن بىرســى تۇيۇۇقســىزلا تۈنۈگــۈن قىيناقخانىدا ئۇنتۇلغـان بىـر ئۇيغـۇرنى ئېسـىگه ئېلىـپ قالـدى. شـۇنىڭ بىلهنـلا زېـرىكىش ئىچىـدە بوغۇلغانـدەك بولۇۋاتقان چىرايلارغا بهختىيارلىق كۈلكىسى يۈگۈردى. راستىنلا، سهن دېمىگهن بولساڭ ئېسىمدىمۇ يوق. ئهمدى ياخشى بولدى، بۈگۈن راسا پهيزى بىر كۈن بولۇدۇغان بولدى. ئهمىسه نېمىگه تۇرىمىز؟ جۈرۈڭلا، چىقايلى. ئـۇلار قىيناقخانىغـا كهلگهنـدە بـۇ يهردە ئۇنتۇلـۇپ كهتـكهن ئابدۇسـاتتار ئـاچلىقتىنمۇ بهك ئۇسسـاپ چاكىلـداپ كهتكهنىدى. تهرىتى قىستاپ ئاخىرى بولالماي، ئولتۇرغـانچىلا قويـۇپ بهرگهن بولغاچقـا، ئىشـتانلىرى تامـامهن ھـۆل ئىدى. ھۇھهه، مهينهت ئهبلهخ! ئىشتانغىلا قويۇپ بېرىپتۇ ئهمهسمۇ، دېدى ئهڭ ئهۋەل بايقىغۇچىلاردىن بىرى. ھېلى چوڭىنىمۇ قويۇپ بهرمىسۇن، ئاۋال يېشىپ خالاغا ئاپرىش كېرەك، ئاندىن خاتىرىجهم باشلىمامدۇق. سۇ... سۇ... ئابدۇساتتار چاكىلداپ، قۇرۇپ كهتكهن لهۋلىرىنى ئاران مىدىرلىتىپ تهكرارلىدى. بىرى ئۇنى يهشتى. ئۇ بوشانغان ھامانلا يېقىنلا يهردە تۇرغان يوغۇن باكتىكى سـۇغا دۈمـلا چۈشـتى. بـۇ سـۇنىڭ قانداق سۇ ئىكهنلىكى، پاكىزمۇ، مهينهتمۇ ئويلاپ ئولتۇرغۇدەك تاقىتى يوقىـدى. ئۇنىـڭ سـۇغا تۇمشـۇقىنى چىـلاپ ئالدىراش سۇ ئىچىشى ساقچى يولداشلارنىڭ نهپرىتىنى قوزغىدى. قانداق سۇ بۇ دېمهسـتىن،... ۋاي ئېشـهك! ئېشـهكتهكلا ئىچكىلـى تـۇردى . ئـون ئادەمنىـڭ بېشـى نى تىققـان سۇتى. بولدى دەڭلا، سۇنى تۈگۈتۈپ قويمىسۇن، تۈگۈتۈۋەتسه قايسىڭلار سۇ ئهكىلىسىلهر؟ ئابدۇساتتارنى تارتىپ دېگۈدەك سۇدىن ئاجرىتىشتى. بىرى ئۇنى خالاغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار قايتىپ كىرگهندىن كېيىن تهكرار ئورۇندۇققا باغلاشتى. 5 ئابدۇســاتتار ئۈســتىگه ســېپىلگهن مــۇزدەك ســۇدىن ئهنــدىكىپ ھۇشــىغا كهلــدى ۋە بــاش تهرىپىــدىن ئېقىــپ چۈشۈۋاتقان سۇنى ئاچكۆزلۈك بىلهن يالاپ كهتتى. چۈنكى ئـۇ ئـازاپتىن ئىڭراۋېـرىش، قـان ئۇيـۇپ قالغـان بۇرنىـدىن نهپهس ئالالمىغاچقا ئاغزىدىن تىنىش سهۋەبىدىن ئـاغزى قـۇرۇپ كهتكهنىـدى. تىرناقلىرىنىـڭ جىمىسـى دېگـۈدەك ـۆگهلگهن ســاقال ـلهن يـ ـدۇرۇلۇپ لاتــا بىـ ـۇق قالـ ـرى ئوچـ ـدىن كىچىككىــنه يېـ ـرى ئۇچىـ ـۇغۇرۇۋېلىنغانىدى. بهدەنلىـ سـ تىغى بىلهن سانسىز تىلىنغان بولۇپ، تىلىنغـان جايلىرىـدىن تهپچىـرەپ قـان چىققاچقـا قىزىـل سـىزىقلار پۈتـۈن بهدىنىنى قاپلىغانىدى. بۇنىـڭ ئۈسـتىگه ئىنتـايىن ئـاچچىق قىزىـل مـۇچ تـالقىنى ھۆلـ ـ لهنگهن ھالـدا سـۇۋالغاندا ـۇۋاش ياخشــىراقمۇ ـاقچى يولداشــلار تــۇز سـ ھاســىل بولۇدۇغــان ئېچىشــىش تــېخىچه پهســلىمىگهننىڭ ئۈســتىگه، سـ قىزىلمۇچمـۇ دېـگهن مهسـىلىدە بهسلىشـىپ قالغاچقـا، بۇنىـڭ ھهر ئىككىسـى سـۇۋالغان ۋە ئۇنىڭـدىن قايسىسـى بهكرەك ئوبدان بولۇدۇغانلىقى سورالغان ئىدى. ئابدۇســاتتار بــۇ ئىككىســىنىڭ ئېچىشــتۇرۇش دەرىجىســىنى ئېيتىــپ بېــرەلمىگهچكه يهنه ئۇنىــڭ كــالۋالىقى ئىسپاتلانغان بولدى. ساقچى يولداشلار ئىچىدە مۇشتلاشنى ياخشـى كۆرۈدۇغـان، ئـۆزى كـارانتى مهشـقلىرىگه، كۇرسـلارغا قاتنىشـىپ تۇرۇد ۇ غان بىرى تولا قاخشـاپ يـۈرۈپ، ئـاخىرى ئابدۇسـاتتارنى ئورۇنـدۇقتىن يېشـىۋالدى. ئهمـدى ئابدۇسـاتتار ئۇنىـڭ ـا، ـرەك قىزىقتۇرغاچقـ ـتلاش بهكـ ـۇنى ئهركىـن مۇشـ ـدى. ئـ ـرەك ئىـ ـى ئېلىشـى كېـ ـى رولىنـ ـتلاش خالتىسـ ئۈچـۈن مۇشـ ئابدۇساتتارنى ئۆرە باغلاققا بـاغلاش تهكلىپلىرىنـى رەت قىلـدى. ئـۇ ئوتتۇرىـدىكى تارغىنـا بوشـلۇقتا ئابدۇسـاتتارنى ـاتتار ـى ئابدۇسـ ـدىغانلىقىنى بىلهتتـى. شۇغۇنىسـ ـۇ بهك ھـوزۇر ئالالايـ ـتىن تېخىمـ ـۈرۈپ، ئهركىـن مۇشتلاشـ قـوغلاپ يـ بهك ئۇزاققــا پايلىمىــدى. ئــالته ســائهتتىن بېــرى قىيناقتــا بولغاننىــڭ ئۈســتىگه تامــاقمۇ يــېمىگهچكه ئــاران ئــۆرە تۇراتتى. شۇڭا ئۇ مۇشـتتىن ئـۆزىنى قـاچۇرۇپ، سـاقچى يولداشـنىڭ كهيپىنـى قاندۇرۇشـقا يارىمـاي، تېـزلا يىقىلىـپ قالدى. بۇ ھال ئۇنىڭ بهكمۇ غهزىپىنى قوزغىدى. ھۇ ئۆلۈمتـۈك ئايلامبـاش! بـېلىگه سـۈيقاش بارمىغـان لامزەلـ ـ له! بىردەمگىمـۇ چىدىمايسـىنا! دېگىـنىچه غهزەپــتىن ئــۆزىنى باســالماي، ئۇنىــڭ بېقىنلىرى غــا كهلســه - كهلــمهس تېپىــۋەردى. بــۇ تېــپىش تــاكى ھــارغىچه داۋاملاشــتى. ھېرىــپ ماجالىــدىن كهتكــۈدەك بولغانــدا ئانــدىن توختــاپ، كهسپداشــلىرىغا كايىــدى، ئــادەمنى كىچىكىــنه بولســىمۇ ھــوزۇرلانغىلى قويمــۇدۇڭلا، بالــدۇرراق ماڭــا قويــۇپ بهرمهي... ئورۇنــدۇققا ئولتۇرۇغۇزۇۋېلىــپ قىلىدىغان ئىشىڭلار قاچامتى؟ ئۇنىڭغا مادارى بولمىسىمۇ بولۇۋېرەتتى ئهمهسـمۇ!؟ ھىـچ پۇخـادىن چىقالمىـدىم - دە، ھهرقايسىڭنىڭ كاساپىتىدىن! خهپ، ئهتىگىچه يهنه بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ ئهكىرىپ، ئـۆزەم يـالغۇز... تـازا پۇخـادىن چىقمىسام! يهردە قــۇرۇتتهكلا تۈگۈلــۈپ قالغــان ئابدۇســاتتارنىڭ ئۆلــۈك - تىرىكلىكــى مهلــۇم ئهمهســىدى. ھىچكىــم ئۇنىــڭ نهپىسىنى تىڭشاپ باقاي دېمىدى. ئۇنى شۇ ھالدا قويۇپ ھاردۇقلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىشتى. 6 راســت دەيــمهن، ئــاۋال ئۇنىــڭ كــۈچى بــار چاغــدا ئهركىــن مۇشــتلاش مهشــقى قىلىــش كېرەكتــى. ئــۆرە تۇرغۇچىلىكى قالمىغاندا ئاندىن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ نېمه قىلساقمۇ بولۇۋېرەتتى.... ۋاي ھهجهپ تــولا غىڭىلدىــدىڭ!؟ خــۇددى ئۇيغــۇر تــۈگهپ كهتكهنــدەك؟ باشــقا بىرىنــى ئهكىرىــپ مهشــق قىلىۋالساڭ بولدىغۇ! ئهمما، نهگه بېرىپ ئۇيغۇر تۇتۇپ كىرىمهن، ئاپتاپتا؟ تالاغا چىقىشـقا خۇشـياقمىغان بولسـا ئۇيغـۇرەك سـاقچىدىن بىرنـى چـاقىرىپلا ئۇنىڭغـا بىـر ئۇيغـۇر تۇتـۇپ كهل، دېسهڭ تۇتۇپ ئهكهپ بهرمهمدۇ. شۇ ئهمهسمۇ، بۇنىسى تېخىمۇ قىزىق بولۇدۇ: غۇرۇرسىزلىق تهجرىبىسى! بىر ئۇيغۇرغـا باشـقا بىـر ئۇيغـۇرنى تۇتقۇزۇپ كېلىش! نهقهدەر رومانتىك! توغرا، بۇ بولۇدۇغان گهپ بولدى، دېدى كارانتىچى ياش ئاخىرى قايىل بولۇپ. ئهمما ھازىر ئهمهس، جۇمۇ، ئاۋال ئاۋۇ ئۆلۈمتۈكنى بىر تهرەپ قىلىۋېتهيلى. قانداق قىلىدىغان بولدۇق؟ قويۇپ بهرسهك ئۆزى كېتهلمهيدۇ. يۆلهپ ئاچىقىپ ماشىنا بىلهن ئۆيىگه ئاپىرىپ تاشلاپ بېرەيلى. يۆلهپ ئاچىقىپ؟ ئۇ قىيناققا چىـدىماي، ئىشـتانغىلا چىقىرىـۋەتكهن تۇرسـا، ئـۇنى يـۆلهپ سـىرتقا چىققـۇچه نهپهسسىز قېلىپ ئۆلمهمسهن؟ سېسىقلىقىغا چىدالماس! شۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگه ماشىنى مهينهت قىلىدىغان گهپ. يهنه بىر تهجرىبه: ئائىلىسىدىن بىرىگه ھـارۋاڭنى قوشـۇپ ئهكىلىـپ، ئـادىمىڭنى ئېلىـپ كهت دېمهمـدۇق؟ ئۇنى نېمىشقا تۇتقان؟ نېمه گۇناھى بارىـدى؟ ئهمـدى نېمىشـقا قويـۇپ بهرمهكچـى دەپ مـاجرا قىلالامـدۇ يـوق؟ مانـا بۇنى تهجرىبه قىلىشقا ئوبدان پۇرسهت. غۇرۇرسىزلىق تهجرىبىسى. شــۇنداق قىلىلــى. كهلگــۈچىگه دەيلىكــى، بىرســىنىڭ بهرگهن ئۇچۇرىغــا ئاساســهن تۇتقــان، ئېــنىقلاپ خاتــا ئۇچۇر ئىكهنلىكىنى بىلدۇق، شۇڭا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدۇق، ئادىمىڭنى ئېلىپ كهت! ھه، مانـا! ئۇنىـڭ قانـداق كۈلهريۈزلـۈك چىـراي ئىپادىسـى بىـلهن بىـزگه خۇشـامهت قىلغىنىنـى كۆرۈسـىلهر، چوقۇم بۈگۈنلا ئۆيىگه زىياپهتكه تهكلىپ قىلىدۇ. شــۇنداق قــارار قىلىنــدى. ئهمــدى كىــم خهۋەر قىلىــدۇ؟ دېگهننــى بىــردەم تالىشــىپ، ئهڭ يــاش بىرىنــى بهلگىلهشتى. ماشىنا بىلهن بېرىپ خهۋەر قىلىپ كېلىدىغان بولدى. 7 ئابدۇساتتارنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى، خوتۇنى، چـوڭ ئوغـۇللىرى كېلىشـكهنىدى. ئـۇلار قىيـا - چىيـا قىلىشـىپ، ئاللىقانـداق چېقىـپ قۇيغـۇچىنى قاغـاپ تىلـلاپ سـاقچىخانا ھويلىسـىغا ھـارۋا بىـلهن كىرىـپ كېلىشــتى. ئىشــخانا بىناســىنىڭ پهلــ ـ لهمپهي سۇپىســىدا تۇرۇشــقان تهجرىبىچــى ســاقچىلار ئۇلارنىــڭ ئالــدىنى توسۇۋالدى. نهگه بېرىشىسهن؟ ھهممىڭـلار ۋاراڭ - چـۇرۇڭ بىـلهن كېتىۋېرىـدىغان مـال بـازىرىڭمۇ بـۇ؟ ئى ك كىـڭ كىرىـپ ئېلىپ چىقساڭ بولۇدۇ. ئىنىلهر بهقۇۋۋەتراق بولغاچقا، بۇ مۇلازىمهتكه تاللاندى. بهدىنىـدە سـاق يېـرى قالمىغـان، كىيىملىرىمـۇ تىتىلغـان ئابدۇسـاتتار ئىككـى قولتۇقىـدىن تۇتۇلغـان ھالـدا ئىتنىڭ ئۆلۈگىدەك سۆرەپ ئېپ چىقىلدى. دەسسىگىدەك ماغدۇرى يوق ئىـدى. شـۇنداق بولسـىمۇ ئـۇ پهلـ ـ لهمپهي سۇپىســىدا تۇرۇشــقان ســاقچىلارغا بىــرەر تهكهللــۇپ ســۆزى ئېيتمــاي كېتىشــكه يــۈزى چىــدىماي، قولتۇقىــدىن سۆرەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىنىلىرىگه خىرىلداپ، ئۇلارنى توختاتتى. ئــۇلار ت وخ تىغــان پۇرســهتته ســاقچىلاردىن بىــرى، ئابدۇســاتتار ۋە ئائىلىســى بىــرلىكته بولغــان مۇشــۇ پۇرســهتته ئهھــۋالنى يهنه بىــر قېــتىم ئېيتىــپ ئــۆتتى. ئهســلىدە ئــۇ بۆلگــۈنچىلهر بىــلهن ئــالاقىلىق دەپ چېقىلغــانلىقتىن تۇتۇلغانىكهن، ئهمما ئېنىقلاشلار نهتىجىسىدە ئۇنداق ئهمهسلىكى مهلۇم بولـۇپ، ئـادالهت جـارىي قىلىنىـپ، قويـۇپ بېرىلىۋېتىپتۇ. ئابدۇســاتتار قــاتتىق تهســىرلهنگىنىدىن كــۆزلىرىگه يــاش ئېلىــپ، بىرنېمىهلهرنــى دەپ خىرىلدىــدى. ئــۇنى قولتۇقلاقلىق ئىنىلىرى ئارانلا ئاڭلىغان بۇ سۆزلهرنى ئىنىلهردىن بىرى ساقچىلارغا دەپ بهردى: ئــاكىمىز ســىلهرگه رەھــمهت دەۋاتىــدۇ، پــارتىيهگىمۇ رەھــمهت دەۋاتىــدۇ. ســىلهرنىڭ ياخشــىلىقىڭلار ئۈچــۈن سىلهرنى ئۆيگه چاقىرىۋالسام، قايسى كۈنى ۋاقتى بار، شۇنى سوراپ باق دەيدۇ. تهرجرىبىچى ساقچىلار قاقاخلاپ كۈلۈشۈپ، تېلىقىـپلا قالـدى. بىـر - بىـرىگه » قانـداقكهن « دېيىشـتى. شـۇنداق بولســىمۇ كۈلكىــدىن توختــاپ، بىــردەپ ئــۆز ئــارا كۇسۇرلۇشــۇپ، ھهممىســىگه تــوغرا كېلىــدىغان بىــر كــۈننى بهلگىلهشـتى ۋە بـۇ كـۈننى ئۇلارغـا ئېيتتـى. ئىـنىلهردىن بىـرى ئابدۇسـاتتارنىڭ قۇلىقىغـا چىـڭ ۋارقىـراپ تـۇرۇپ، سـاقچى يولداشـلارنىڭ مىهمانغـا بارالايـدىغان ۋاقتىنـى ئېيتتـى. ئابدۇسـاتتار يهنه بىـر نېمىلهرنـى دېگهنىـدى، يهنه ئىنىلهر ئۇنى ساقچىلارغا يهتكۈزدى: لهۋزىنى يهردە قويماي، تهكلىپنى قوبۇل قىلغىنىڭلارغا رەھمهت دەۋاتىدۇ. مانا شۇنىڭ بىلهن، ھارۋىلىق كهلگهن ئـائىله ئابدۇسـاتتارنى ھارۋىغـا ئېلىـپ يـاتقۇزۇپ، باشـقىلىرى ھارۋىنىـڭ ئىككى تهرىپىدە قىيا - چىيا قىلىشقان پېتى دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىشتى. ئــۇلار چىقىــپ كهتكهنــدىن كېــيىن، تهجرىبىچــى ســاقچىلار يهنه بىــردەم كۈلۈشــكهچ، ئىشــخانىلىرىغا قايتىــپ كىرىشتى ۋە پارىڭىنى بۇ يهردە داۋام قىلىشتى. راست بارىمىزما؟ بــۇ نــېمه گهپ ئهمــدى؟ نېمىشــقا بارمايــدىكهنمىز؟ ئــۇنى ئــۇرۇپ قىينــايمىز دەپ ئــاز كــۈچىمىز كهتتىمــۇ؟ ئېنېرگىيهمىزنى تولۇقلاپ كېلىمىز - دە، بۇنىڭدىنمۇ ئادالهتلىك نېمه بار؟ ئـۇنى دەپ كـۈچ سـهرپ قىلـدۇق، ئهمـدى ئۇ بىزنى مىهمان قىلسا بولمايدىغان نهرى بار؟ شۇ، بىزمۇ لىن زەيشۈيدەك خهتتىن بىرنى يازارمىز بالىلىرىمىزغـا. ئۇيغـۇر دېـگهن بـۇ مىلـلهت مانـا شـۇنداق ئاجايىپكى، قىيناقلىرىمىزنىڭ بهدىلىگه بىزنى مىهمان قىلدى، دەپچۇ. مهن چوقۇم بۈگۈنلا بۇ ئىشنى خاتىرىلهپ قويۇمهن. ـپ ـۇرىغىچه بۇنـداق ئاجايىـ ـڭ نهسـلى قـ ـۇ ئۇيغـۇر دېگهننىـ ـۇپ يۈرمىسـهڭمۇچۇ، بـ ۋاي ھـېلىلا خـاتىرىلهپ قويـ ھىكايىلهردىن نهچچىنى باشتىن كهچۈرىسهن. بۇنىڭدىنمۇ قىزىقلىرىنى! ئاياللىرى خۇسۇسىدا بهك سهزگۈر دەيتى، شۇ جهھهتتىن بىر سىناق قىلىپ باققان بولساقتى. ئــۇ تهرىپىمــۇ تــايىنلىق! ئۆتكهنــدە ئىچكىــرى ئــۆلكىلهردىن ھهر ســاھهگه يــاردەمچى باشــلىقلار كهلمىــدىمۇ، مېنىــڭ بىــر تاغــام كېلىــپ، رادىئــو - تېلىــۋىزىيه ئۇنىۋېرســىتېتىدا مــۇدىر بولغــانتى، دېگهنتىمغــۇ؟ ئــۈچ يىلــدىن كېـيىن قايتىـدىغان بولـۇپ، خوشلۇشـۇش زىيـاپىتى تانسـا ئـارىلاش بولۇپتـۇكهن. مـۇئهللىملهردىن بىـرى ئۆزىنىـڭ ياش چىرايلىق ئايالىنى يېتىلهپ ئهكىلىپ، تاغامغا تۇتقـۇزۇپ، ئايـالىم بىـلهن بىـر پهدە تانسـا ئوينـاپ قويـۇڭ دەپ يېلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ ئاخشىمى بىز تاغـامنى ئۇزۇتـۇش ئۈچـۈن ئۆيـدىمۇ داسـتىخان قىلىشـقان ئىـدۇق. شـۇ يهردە تاغام تـولا كۈلـۈپ، بىزنىمـۇ كۈلـدۈرۈپ، » بىـزگه تهڭرىنىـڭ بىـر مۇكاپـاتىمۇدۇر بـۇ؟ ئۇيغـۇرلارنى ئويۇنچـۇق قىلىـپ بهرگهنلا گهپكهن « دېگهنتى. كارۋاتتا ياتقاندا ئۈستىگه كىرىپ قېلىپ، كۆرمهسـكه سـېلىپ چىقىـپ كهتكهنلهردىـن خهۋىرىمىز بار دەيمهن! تو - توغرا! ئهگهر خوتۇنى باشقا بىر ئۇيغۇر بىلهن ياتقان بولسا ئۆلتـۈرۈپ قويسـىمۇ قويۇدۇغانـدۇ، ئهممـا سـهن - بىزلهگه بىرنېمه دېيىشكه پېتىنالمايدۇ، كۆرمهسـكه سېلىشـتىن باشـقا ياخشـىراق چارىسـى يـوق؛ كۆرسـه بىـرنېمه دېيىشكه مهجبۇر بولۇپ قالۇدۇ - دە، دەي دېسه تېخى قورققان، دېمهي دېسه تېخـى سـهت. ئهڭ ياخشـى چـارە » كـۆرمهي قېلىش « ئۇلارنىڭ پارىڭى خېلى قىزىـدى. ئۇيغـۇرلار ھهققىـدىكى سانسـىز كۈلكۈلـۈك ھىكـايىلهر، لهتىـپىلهر سـۆزلهندى. بهكمۇ كۆڭۈللۈك بىر كۈن بولدى. 8 ساقچى يولداشلار دېيىشكهن كۈندە ئابدۇساتتارنىڭ ئۆيىگه مىهمانغـا كېلىشـتى. ۋەدىسـىدە تۇرۇدۇغـان ئوبـدان خهلــق - ته. ســاھىپخانلارنى ســاقلىتىپ قويۇدۇغــان ئىشــنى قىلمىــدى. شۇغۇنىســى ئابدۇســاتتار ئــورۇن تۇتــۇپ يېتىغلىــق بولــۇپ، ســاقچىدىن قايتىــپ كهلگهنــدىن بېــرى ئــۆرە بولالمىغاننىــڭ ئۈســتىگه كۈنســېرى ئېغىــرلاپ ـكه ـۆرمهت كۆرسۈتۈشـ ـۇرۇپ ھـ ـدىن تـ ـدىرلاپ، ئورنىـ ـهل مىـ ـدا سـ ـان ئورنىـ ـارە ياتقـ ـىمۇ، بىچـ ـۇنداق بولسـ كېتىۋاتـاتتى. شـ ئۇرۇنغانلىق ئىپادىسى كۆرسۈتۈشـكه سـهل قارىمىـدى. نـېمىلا دېـگهن بىـلهن سـاقچى يولداشـلار، ئـادالهتنى جـارىي ـوق ئىــدى ـۇ يـ ـۇ كۈنلهرمـ ـا بـ ـا مانـ ـۆڭلىچه بولسـ ـى چېقىمچىنىــڭ كـ ـا، ھېلىقـ ـگهن بولسـ ـۇپ بهرمىـ ـۇنى قويـ ـپ، ئـ قىلىـ ئهمهسمۇ! ـى ـدەك دايىمـ ـپ قالغانـ ـى قېتىـ ـۇق كۈلۈمىسىرىشـ ـر مهمنۇنلـ ـدا بىـ ـاتتارنىڭ چىرايىـ ـۇن ئابدۇسـ قانـداقلا بولمىسـ تــۇراتتى. ســاقچى يولداشــلار ئۇنىــڭ لهۋزىنــى يهردە قويمــاي، ئۇنىڭــدەك ئــاددىي بىــر پۇخرانىــڭ ئــۆيىگه مىهمانغــا كېلىشــكهن ئىــدى - دە. ھېلىقــى چېقىمچــى بــۇ بولۇۋاتقــان ئىشــلارنى كــۆرۈپ تۇرۇۋاتقــان بولســا كېــرەك؟ چوقــۇم كــۆرمهي قالمايــدۇ. » قــارا، ھهي، ســهن چېقىــپ مېنــى قانــداق قىلســۇن دېگهنتىــڭ؟ مانــا كۆرۈۋاتامســه ن؟ ســاقچى يولداشــلار ماڭــا مىهمانغــا كهلــدى، جېنىــڭ چىقســۇن، ئهبــلهخ! « ئابدۇســاتتار بهختىيــارلىق ئىچىــدە مانــا شــۇلارنى ئويلاۋاتاتتى. ئهمدى ئۆلۈپ كهتسهممۇ ئارمىنىم يوق، دېگهنلهرنىمۇ مهمنۇنىيهت بىلهن ئهقلىدىن كهچۈردى. ساقچى يولداشلار ئوبدان يهپ - ئىچىشتى. بىر - بىرىنى داستىخانغا زورلاشتا ئادەتكه ئايلانغان: مىللىي يولداشلار يېمىسهك خاپا بولۇدۇ، ئېلىڭلار، يهڭلار، دېيىشىپ تۇراتتى. نىهــايهت ئــۇلار ئوبــدان تويۇنــۇپ، ھهتتــا قوللىرىغــا تۇت قۇزۇلغــان ئاللىقانــداق زەللىلهرنىمــۇ ئېلىــپ تارقــاپ چىقىشتى. ئۇلار ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ماڭايلى دەپ تۇرغاندا ئۆي ئىچىدىن قاتتىق پىغان كۆتۈرۈلدى: ۋاي، دادام!.... ئۆلدىمۇ نېمه؟ دېدى تهجرىبىچى ياش ساقچى. شۇنداقتهك قىلىدۇ. نېمىلىكىم بولمىسۇن، ئۇ بىچارە ئايلامباش، بهختىيارلىق ئىچىدە كهتتى. قانداق دەيسهن؟ بىزنى مىهمانغا چاقىرىپ، كۆڭلىنى ئىپادىلىۋالدى ئهمهسمۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىز داستىخاندىكى چاغدا جېنى چىقىپ قالمىدى، دەڭلا، ئارامىمىزنى بۇزۇپ. كىم بىلىدۇ، بهلكىم شۇ چاغدىلا جېنـى چىقىـپ بولغـان بولغىيـدى، ئهممـا مىهماننىـڭ ھـۆرمىتىنى دەپ، چىشىنى چىشلهپ، چىداپ ، ئىن دېمهستىن مىهماندارچىلىقنى داۋام قىلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئهمما مهن ئېنىق كۆردۈم، بىز كىرگهندە ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، مىدىرلىغاندەك قىلغان. ـۆيىگه ـم ئــۇ بىزنىــڭ ئـ ـار. بهلكىـ ـش بـ ـدىغان ئىـ ـردىنلا ســهل جانلىنىــپ قالىـ ـانلار ئۆلــۈش ئالدىــدا بىـ ئۆلۈدۇغـ كىرىــپ كېلىشــىمىزدەك ھاياجــانلىق دەملهرنــى كــۆزى ئوچــۇق ھالــدا كــۆرۈۋېلىش ئۈچــۈن بهرداشــلىق بېرىــپ تۇرۇۋاتقان بولسا، بىزنـى كۆرگهنـدىن كېـيىن مـۇرادى ھاسـىل بولغاننىـڭ مهمنـۇنىيىتى بىـلهن » ئـۇھ « دەپـلا جـان تهسلىم قىلغاندۇر. يېزىپ قويغۇدەك ئىش مانا بۇ. ئىچكىرىدىكى تۇققانلىرىڭلارغا يوللاڭلار، بىر ئاجايىپ ھىكايه، دەپ. ئۇلار ساقچىخانا دەرۋازىسىغا يېتىپ كېلىشتى. 2023 - يىلى، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى