ئهته موماي تولا ئوقۇلغىنىدىن ياكى بهك ئۇزاقتا قالغـان ئۆتمۈشـتىن كهلگهنلىكىـدىن تىتىلىـپ كهتـكهن، بـانتلار بىلهن تهكرار - تهكرار چاپلىنىپ، پۈتۈنلهشكه تىرىشىلغانلىقى بىلىنىـپ تۇرۇدۇغـان بىـر كىتـاپنى قولىغـا ئېلىـپ، تولا يامالغان مۇقاۋىسىنى سىلاپ تۇرۇپ قالـدى. ئـۇ كىتـاپنى ھـېلىلا ئېچىـپ ئوقۇشـقا باشـلايدىغاندەك بىلىنـدى ئهمما ئاچقۇسى يوقتهك، مۇقاۋىنى سىلاپ، خىيالغا پېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئـۇ گويـا ئوقۇشـقا باشـلايمۇ، باشـلىمايمۇ؟ دەپ ئىككىلىنىۋاتقانــدەك ئىــدى. ئهممــا بىــر قاراشــقا ئۇنىــڭ ئهقلــى، خىيــالى بــۇ يهردە ئهمهســتهك، ئاشــۇ كىتاپقــا با غلانغان ئۇزاق ئۆتمۈشكه ئۇچۇپ كهتكهندەك قىلاتتى. ئۆتمۈش بىزگه بهزىدە باياتىنقىدەكلا تۇيۇلـۇپ كېتىـدۇ، ئهممـا ۋاقىتنىـڭ ئـۆلچهملىرىگه كـۆز تاشـلىغىنىمىزدا نهچــچه ئــون يىــل ئــۆتكهنلىكىنى بىلىمىــز. شــۇڭا بهزى ئهســلىمىلهر خــۇددى تۈنۈگۈنكىــدەك ئهقلىمىــزدە قالغــان بولۇدۇ؛ بهزى ئهس لىمىلهر گويا مىڭ يىللار ئاۋالقى ئىشـتهك، ئـۆزىمىزنى خـۇددى ئهسـىرلهردىن بېـرى ياشـاۋاتقاندەك ھىس قىلىپمۇ قالىمىز. بىر قارىساڭ ھايـات شـۇنچىلىك قىسـقىكى، تېخـى تۈنۈگـۈن ئۆسـتهڭ قىرلىرىـدا يالىڭـاچ يۈگرەپ يۈرگهن بالا ئىكهنلىكىڭ كۆز ئالدىڭدا، ئهممـا شـۇنچه تېـزلا سـاقالغا ئـاق كىرىـپ مۈكچۈيـۈپ قـالغىنىڭنى كۆرۈپ، ھايات دېـگهن ھهجهپمـۇ قىسـقا نـېمىكهن، دەپ قالىسـهن. شۇغۇنىسـى بهزەن بـۇ مۇسـاپه شـۇنچىلىك ئـۇزۇن بىلىنىدۇكى، زېرىكىشلىك بىر ئۇزۇنلۇق... ئـۇ بهك ئـۇزاق ئهسـلىمىگه پاتىدىغانـدەك قىلمىغانىـدى. پهقهت ئاشـۇ كىتاپنىـڭ قولىغـا كـېلىش جهريـانىنى ئېســـى گه ئالىدىغانـــدەك قىلغـــان: ئـــۇ ئۇيغـــۇرچه كىتـــاپ ســـاتىدىغان ئـــاخىرقى كىتاپخانىغـــا بارغىنىـــدا كىتاپخانىـــدىكىلهر دۇكـــان كۆچۈدىغانـــدەك، ھهمـــمه كىتـــاپلارنى ئوتتۇرىغـــا دۆۋلهپ قويۇشـــقانىدى. ئـــۇ نـــېمه بولۇۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدى. كۆردىكى دۇكـاننى باشـقا بىـر تۈرلـۈك دۇكانغـا ئـۆ زگهرتىش ئۈچـۈن ئالـدى بىلهن دۇكاننى بىكارلاش ۋە تاملارغا بىـر ئـاز پهداز بېـرىش مهشـغۇلىيىتى ئىـدى. بـۇنى بىلگىنىـدە ئۇنىـڭ يـۈرىكى شۇررىدە قىلىپ كهتتى. ئىلگىرى، ئانا تىلدىن ئۇزاق - ئۇزاقلاردىكى بۇ ئهلـدە بـۇ شـهھهردە ئـۈچ كىتاپخانـا بارىـدى. ئىككىسى ئارقا - ئارقىـدىن تاقالغا نىـدى. چـۈنكى كۈنسـېرى خېرىدارسـىز قېلىۋاتقـان ئۇيغـۇرچه كىتـاپلارنى تۇتـۇپ ئولتــۇرۇش، دۇكانغــا ئىجــارە تــۆلهش،... كىمــگه ئېغىــر كهلمهيــدۇ؟ مىللهتچىلىــك روھىنــى قاينىتىــپ ئىچكىلــى بولمىغاندىكىن، ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىكچىلىكنىڭ باشقا يـوللىرىنى سـىناپ باقمـاي بولمـايتى - د ە. ئىككـــى كىتاپخانـــا تاقىلىـــپ، ئۈچىنچىســـى قالغـــان، بۇمـــۇ بهزى ئېچىلىـــپ، بهزى ئېچىلمايـــدىغان بولغـــان؛ ئېچىلغاندىمۇ دۇكان دار بىـر يـاكى بىـرنهچچه دوسـتى بىـلهن شـىرە ئهتراپىغـا ئولۇشـۇپ ئولتـۇرۇپ پاراڭغـا چۈشـكهن ياكى كۆپ چاغلاردا يالغۇز مۈگدەپ ئولتۇرغى نى ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ بهك كىتاپخۇمـار بىرىمـۇ ئهمهسـىدى. شـۇنداق بولسـىمۇ، ئىككـى كىتاپخانىنىـڭ تاقالغـانلىقىنى كۆرگهنـدە نېمىشقىدۇر يۈرىكى ئېچىشىپ كهتكهندەك بولغانىـدى. كـۆپ ئۆتۈدىغـان بـۇ يولـدا ئـۇ ئـۆزى ئـادەتلهنگهن ئۇيغـۇرچه ۋىۋىسكىلىق كىتاپخانىغـا كىرمىسـىمۇ، نېمىشـكىدۇر يۇرتىنىـڭ بىـر كوچىسـىدا كېتىۋاتقانـدەك بـولاتتىمىكىن، كــۆڭلى ئــاۋۇنۇپ قالغانــدەك بــولاتتى. كېــيىن دۇكاننىــڭ ۋىيۋىسكىســى ئورنىــدا باشــقا بىــر ئىســىم، ئۇيغــۇرچه بولمىغان يېزىقتا يېزىلغان باشقا تۈرلۈك دۇكاننىـڭ ۋىۋىسكىسـىنى كۆرگىنىـدە بىـر خىـل چىدىغۇسـىز يوقۇتـۇش ھىس قىلغانىـدى. ئـ ۇ كـۆرمهي ئۆتـۈپ كهتـكهن بولمـاي، دېگهنـدەك خۇدۇكسـۇنۇپ، ئارقىـدا قالغـان تهرەپـكه، ئالـدى تهرەپــكه بويۇنــداپ قــاراپ كهتكهنىــدى. يــاق، يــوق. دۇكــان مانــا مۇشــۇ شــۇ . ئــۇ دۇكانغــا خــۇددى كىتــاپ ئىــزدەپ كىرگهندەك كىرىپمۇ باققانىدى. دۇكانداردىن كىتاپخانىنىڭ تاقالغـانلىقىنى ئېنىـق ئۇققانـ دىن كېيىـنلا قانـائهت ھاسىل قىلدى ۋە بوسۇغۇدىن ئاتلاۋېتىپ، خۇددى بارسا كهلمهس يولغا ئاتلانغانـدەك ۋەھىـمه تۇيغۇسـىغا، يوقلـۇق، گۇمرانلىق تۇيغۇسىغا پاتقانىدى. شۇ چاغدا ئۇ نېمىشقا بۇرۇنلاردا بىرقـانچه ئۇيغـۇرچه كىتـاپ سـېتىۋېلىپ ئۆيـدە قويـۇپ قويمىغىنىغـا ئۆكۈنـۈپ قالغانى دى. ئۈچىنچى كىتاپخانا بولسـا ئۇنىـڭ ئـۆتهر يولىـدىن ئـۇزاق، بىـر پاينـاپ كوچىـدا ئىـكهن. ئـۇ بىـردىن بىـر دەرتدىشى بولغان يهنه بىر موماي بىلهن ئۇچراشقاندا بۇ كىتاپخانىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشـۇ مومايـدىن ئاڭلىغانىـدى. ئـۇ خـۇددى يېقىنـدا تـۈگهپ كېتىشـىدىن ئهنسـىرىگهن ئهتىۋارلىـق بىـر تـو ۋارنى سېتىۋېلىشـقا ئالـدىرىغان كهيپىيـات بىــلهن بــۇ كىتاپخــانىنى ئىــزدەپ تېپىــپ، بىــر كۆڭلىــدە پۈتــۈن كىتاپخــانىنى ھــ اپ ئېتىــپلا يۇتۇۋالىــدىغان بىــر ـدى. ـېلىش بىـلهن كىپايىلهنگهنىـ ـاپ ئـ ـدىماي پهقهت بىـر كىتـ ـا چىـ ـگهن بولسـىمۇ، پۇلغـ ـلهن كهلـ ئـاچكۆزلۈك بىـ ـۇ بـ يۇرتتا پۇلنى چىڭ تۇتمىسىمۇ بولمـايتى، ھايـات ھهركىـم ئۈچـۈن مۈشـكۈل ئىـدى. ئـۇ قانـداق كىتاپنىـڭ قىززىـق بولۇدۇ غــانلىقىنىمۇ بىلمهيتــى. كىتاپخــانىچى ئۇنىڭغــا مهســلىههت بېرىــپ، بىــر رومــاننى تهۋســىيه قىلغانىــدى. ئوقۇش ئادىتى بولمىغاچقا، ھهۋەس بىلهن ئوقۇپمـۇ كهتمىـدى. پهقهت شـىكاپقا سـېلىپ قويـدى. ھامـان بىـر كـۈنى ئوقۇپ باقىمهنغۇ، دەپ ئويلايتى، ئهمما ھىچ باشلىيالمىدى. بالىلىرى، نهۋرىلىرى بولسا: نــېمه بــۇ، ئهرەپــچه كىتــاپ؟ قۇرئــانمۇ؟ ـدەك بولــۇپ كهتكىنــى دەپ ســورىغىنىدا يــۈرىكىگه ســانجىق تۇرغانـ ئېنىــق يادىــدا. چــۈنكى بالىلارغــا ئۇيغــۇرچه ئۈگۈتهلمىگهنىــدى، نهۋرىــلهرگه يــېقىن يولاتقىلىمــۇ بولمىغانىــدى. ئهسلىدە بالىلار دەسلهپته خېلى ئۈگهنگهندەكمۇ قىلى شتى، ھامـان خـۇددى كۈلكۈلـۈك بىـر ئىشـنى قىلىۋاتقانـدەك كۈلۈشهتتى. بۇ ھال ئۇنىـڭ ئهسـهبلىرىگه تېگهتتـى، ئهممـا بهك قـاتتىق ئـاچچىقلاپ كېتهلمهيتـى. ئېـرى بالىلارغـا يان بېسىپ: ـه، بىـرنېمىگه پايدىسـى بولمىسـا؟ نـېمه قىلىسـىز بـالىلارنى زورلاپ؟ يـا ئىشلهتمىسـ ـۈنكى دېگهنىـدى، چـ ئېر ى ئۇيغۇر ئهمهسىدى. بۇ مهۋزۇمۇ بهك ئۇزاققا سوزۇلۇدۇغان خىياللارغا ھامىله ئىدى. بالىلارنىڭ كىتاپ يېزىقىنى تونۇمـاي، ئهرەپـچه زەن ئېتىشـى ئۇنىڭغـا مهدەت بولغانـدەك، ئـاخىرى ئـۇ كىتـاپنى ئوقۇشقا قهتئىي بهل باغلىغان ئىـدى. چـۈنكى، كىتـاپ ئـايلاردىن بېـرى تۇرسـا، ھىچكىـم قولىغـ ا ئالمىسـا، بـالىلار تهبىئىي ھالدا ئۆزەڭمۇ ئوقۇمايدىغان نېمىنـى نېمىشـقا ساقلايسـهن؟ دەيدىغانـدەك خۇدۇكسـىرەش ئۇنىڭغـا تـۈرتكه بولغانىدى. راســتىنى دېگهنــدەك كىتــاپ ئۇنىڭغــا يېقىــپ قالغانىــدى. چــۈنكى بــۇ ئىپتىــدائىي رومــانلاردىن بولــۇپ، ـڭ مهشــ ـىچه ئۇيغۇرلارنىـ ـڭ دېيىشـ كىتاپخانىچىنىـ هۇر يازغۇچىســىكهنمىش ـى بولغــاچمىكىن، ـارلىق ۋەقهلىكـ . قىزىقـ ئۇنى ئۆزىگه جهلپ قىلىۋالغانىدى. » ھه، بۇ كىتاپ دېگهننـى شـۇڭا ئوقۇيـدىكهن - دە، خهق « دەپ ئـويلاپ قالغانىـدى. كېـيىن يهنه بېرىـپ، يهنه بىـر كىتـاپ سـېتىۋالدى. بۇنىمـۇ كىتاپخـانىچى كىشـى تهۋسـىيه قىلغانىـدى. ئـۈچىنچى قېتىم بې رىشىدا كىتاپخانا تاقىلىش ھارپىسى ئىـدى. يـۈرىكى قارتتىـدە قىلىـپ كهتتـى! » يـاھ،... ھېلىمـۇ ياخشـى بۈگۈن كهپتىمهن، ئهتىـگه قالسـام يـوق بـولاركهن « دەپ ئـويلاپ، ئىشـلهۋاتقانلاردىن سوراشـتۇرغانىدى، ھهقىقهتهنمـۇ دۇكاننى باشقا تىجارەت تۈرىگه ئۆزگهرتىش ئۈچۈن ھازىرلاۋاتقـانلىقىنى ئېيتىشـتى. ئوتتۇرىـدا پىلاسـتىكلار، تامـدىن سويۇۋېلىنغان يىرتىق خهرىتىلهر، باشـقا ئهخلهتـلهر دۆۋىسـى ئىچىـدە 40 - 50 چه كىتـاپلارمۇ بارىـدى. ئـۇ ت ۇنجۇقـۇپلا كهتكهنـــدەك بولـــدى. خـــۇددى دۇنيانىـــڭ ئـــاخىرقى كـــۈنلىرىگه كېلىۋاتقانـــدەك بىـــر ھىـــس ئـــۇنى قۇچىقىغـــا ئېلىۋالغانىدى. ئىشلهۋاتقانلارغا پۇتلۇشۇپ تۇرۇۋەرگىلى بولايتى. مهن،... كىتاپ.... دەپ دۇدۇقلاپ قالغانىدى، ئىش بېشىدا تۇرۇۋاتقان كىتاپخانا ئىگىسى ئۇنى چۈشهندى. كىتاپقــا كهلگهنمىتىڭىــز؟ ئاينىكــا، ئاشــۇ دۆۋىــدىن تاللىۋېلىــڭ، بهرىبىــر ئهخلهتــكه ئاچىقىــپ تاشــلايمىز. ئهكىتهلىســىڭىز ھهممىنــى ئهكهتســىڭىزمۇ بولــۇدۇ، ئــۇ شــۇنداق دەپ مهســخىرىگه ئوخشــاپ كېتىــدىغان تهرزدە كۈلدى. بــۇ ھــال ئۇنىڭغــا ھــار كهلــدى. ئۇنىــڭ تىلىــدىكى كىتاپلارنىــڭ ئهڭ ئــاخ ىرقى بىــر قىســمى ئهخلهتــكه تاشـلانماقچىكهن! بـۇ ئـازاپلىق ئىـدى. راسـتىنى دېگهنـدە ئـۇ كىتاپلارنىـڭ ھهممىنـى ئېلىۋېلىشـقا مايىـل ئىـدى. لېكىن، راستىنلا ئهكىتهلمهيتى؛ شۇنداقلا ئۆينىڭ نهرىگه قويۇدۇ؟ بـالىلار ئۇرۇشـۇدۇ، بهلكىـم. بىكـارلىق نهرسـىنى، ئۇنىـــڭ ئۈســـتىگه ئهخلهتـــكه ئاتالغـــا ن نهرســـىنى ئېلىـــۋېلىش ئۇنىڭغـــا گويـــا دىـــۋانىلارچه بىـــر ســـالاھىيهتنى تېڭىۋاتقانــدەك تۇيۇلــۇپ، بىرنىمــۇ ئالمــاي كېتىــدىغانمۇ بولــدى. لــېكىن، ئهته يهر يۈزىــدىن ئۇيغــۇرچه كىتــاپنى تاپقىلى بولمايتى. شۇڭا ئۇ دۆۋىنىڭ ئۈسـتىگه يېپىلىـپ قالغـان يىرتىـق خهرىـته قهغىزىنـى ئېچىـپ، كىتـاپلارنى خۇدۇكسـىرىگهن بىـر خىـل روھـى ھـالهت ئىچىـدە كۆرۈشـكه باشـلىدى. قۇرۇنۇشـتىن بهدىنـى قورۇلـۇپ قالغانـدەك، تۈگۈلـۈپ تـۇراتتى. كېـيىن بىـردىنلا، » پـۇل بېرىـپ ئالسـام بولـدىغۇ، ئۇنىمىسـا، ئۇنىمـاي پـۇل بېرىـپ، سـهدىقىگه ئىهتىيـاجىم يوقلـۇقىنى بىلـدۈرۈپ قويسـام بولمىـدىمۇ « دېگهنلهرنـى كۆڭلىـ دىن كهچـۈرۈپ، بىـردىنلا يېـنىكلهپ قالدى. ـى ـڭ خهقــله ياخشــ ـپ بېرەمســىز؟ بىزنىــ ـاپتىن بىرنهچچىنــى تېپىــ ـمهن، قىزىــق كىتــ مهن تــازا بىلمهيــ كۆرۈدىغاندىن. ھهھ... كىتاپخانىچى بىر خىل ھاشارغا بۇيرۇلغاندەك خوشياقماسلىق بىلهن دۆۋىنىڭ يېنىغا كېلىپ: مانا مـانى ئېلىـڭ، بۇمـۇ ياخ شـىمىش، بـۇنى ئېلىـڭ، بۇمـۇ بولـۇدۇ،... دەپ بىـرنهچچه كىتـاپنى تاشـلىدى. كىتاپخــانىچى تاللىغــان كىتــاپلارنى پاقىلــدىتىپ يهرگه تاشــلىغاندا ھهر قېتىمــدا ئۇنىڭغــا گويــا چېقى لىــ پ كېتىدىغان نازۇك دەرسىنى دىققهتسىزلىك بىلهن تاشلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، يۈرىكى زىرقىراپ كېتهتتى. ـدى ـۆرۈنگهنگه قـاراپلا تاللىـ ـى چىرايلىـق كـ ـۈچنى تاللىـدى. پهقهت مۇقاۋىسـ ـدىن ئـۆزىچه ئـ ئـۇ تاللانغـانلار ئىچىـ دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئاندىن نهچچه پۇل؟ دەپ سوراشنى ئېغىر ئېلىپ، پۈتۈن پۇلدىن بىرنى تهڭلىدى. بايا دېدىمغۇ، باكالىق، بهرىبىر ئهخلهتكه كېتىدىغان نېمه. ئهكىتىۋېرىڭ. بىكاغا ئالمايمهن. بولدى، كۆڭلىڭىزنى چۈشهندىم، ھهرگىز باشقىچه ئويلاپ قالماڭ، ئهكىتىۋېرىڭ. ئاخىرى ئۇ قىزارغـان ھالـدا پـۇلىنى يانچۇقىغـا، كىتـاپلارنى بىـر پلاسـتىك خالتىغـا سـېلىپ چىقىـپ كهتتـى. ئ همما قېلىۋاتقـان، ھېلـى ئهخلهتـكه تاشـلىنىدىغان كىتاپلارغـا چىـدىماي، يىغـا تـۇتتى. ئهمـدى، ئۇيغـۇرچه كىتـاپ ســاتىدىغان كىتاپخانــا يــوق. ئهتىــدىن باشــلاپ دۇنيانىــڭ ھىچيېرىــدىن بۇنــداق كىتاپخــانىنى تاپالمايســهن! ئــۇ ئارقىسىغا يېنىپ، يهنه بىـرنهچچه كىتـاپ ئېلىۋالمـاقچى بولـدى. ئهممـا، ئـۈگهنگهن ياسـىما ئالىپتهلىـك تۇيغۇسـى يول قويمىدى. شۇئان ئۇنىڭ قولىدا تۇتـۇپ تـۇرغىنى مانـا شـۇ ئـاخىرقى كىتـاپلار ئىچىـدىكى بىرسـى ئىـدى. ئـۇ ھهقىقهتهنمـۇ ياخشــى كىتــاپ چىقىــپ قالــدى. كــۆپ ئوقــۇدى. دايىمــلا ئىچــى پۇشســا ئاشــۇنى قولىغــا ئــالاتتى. ئاتــا - ئانىســىنى سېغىنسىمۇ ئاشۇنى قول ىغا ئـالاتتى. چـۈنكى ئـۇ بـۇ ئـارقىلىق ئاتـا - ئانىسـىنى تېخىمـۇ كونكرېـت ئهسـلىيهلهيتى. ـر ـىمۇ، ئـۇ يېزىشـنى بهرىبىـ ـۈن كـۆپ كـۈچىگهن بولسـ ـۇش يېزىشـنى ئۈگۈتـۈش ئۈچـ دادىسـى ئۇنىڭغـا ئۇيغـۇرچه ئوقـ ئۈگۈنهلمىگهنىدى. باشتا قاغـا پۇتىـدەك ئهپـلهپ يېزىپمـۇ يـۈردى، لـېكىن بۇنىـڭ تۇرمۇشـتا ھىچقانـدا ق قوللۇنـۇش سورۇنى بولمىغان يېزىـق بولغاچقـا، تېـزلا تاشـلىۋەتتى. ئاتـا - ئانىسـىمۇ زېرىكىـپ، سـۈيلىمىدى. ئهممـا ئـۇ قۇرئـان كۇرسىدا ئوقۇيدۇغان بولغاچقـا، ئۆيـدىكى مهشـقلىرىدە ئۇيغـۇرچه تهرجىـمه قۇرئـان ئىشـلىتهتتى. بۇمـۇ دادىسـىنىڭ » ئــانچه - مــۇنچه ئوقۇغانلىرىنىــڭ مهنىســى نــېمىكهن، قــا راپ قويۇشــقا پايدىســى بــار، بىلىپــراق ئوقۇســاڭ تېخىمــۇ ياخشى « دەپ تاپىلىشـىدىن بولغـان ئىـش ئىـدى. شـۇڭا ئـۇ ئوقۇشـنى ئۇنتـۇپ كهتمىـدى. شۇغۇنىسـى ئۇمـۇ باشـقا تىلدا مهكتهپ ئوقۇغان بولغاچقـا، ئۇيغـۇرچه سـۆزلهرنى بهك كـۆپ بىلمهيتـى. قۇرئاننىـڭ تهرجىمىسـىنى ئوقۇۋاتقـاچ ئىككىـدە بىـر بـۇ نـېمه دېـگهن گهپ؟ دەپ سـورايتى. ياخشـىكى بـالىلىق ئۆسـمۈرلۈك دەۋرىـدە ئوقۇغـان، ئـۈگهنگهن نهرسه ئهسـته چىـڭ تـۇرۇدىغىنى، بولمىسـا قانـداق بـولاتتىكىنه؟ دادىسـىمۇ بهك ئوقۇغـانلاردىن ئهمهس، باشـلانغۇچ مهكتهپ پۈتتۈرگهن بىر ئىخلاسمهن مۇسۇلمان ئىـدى. شـۇڭا، ئۇيغـۇرچه سـۆزلهرنىڭ ھهممىسـىنى بىلىشـى ناتـايىن بولسىمۇ ، ئهپلهپ - سهپلهپ، قىزىغا جاۋاپ بېرىپ قۇتۇلاتتى. ئۇنىڭ سۆھبهتدىشـى بولغـان يهنه بىـر مومـاي بهك يـېقىن ئـارىلىقتىمۇ ئهمهسـتى. ئاشـۇ ئـۈچىنچى كىتاپخانـا ئۇچۇرىنى بېرىپ، بىرنهچچه يىلدىن كېيىن ئۇمۇ ئۆلـۈپ كهتتـى. شـۇنىڭ بىـلهن ئۇنىـڭ ئۇيغـۇرچه سۆزلۈشـۈدىغان بىرمــۇ سۆھبهتدىشــى قالمىغانىــدى. بهلكىــم، ئاشــۇ ســهۋەپتىنمىكىن، ئــۇ كىتــاپن ى ســۆھبهتداش قىلىۋېلىــپ، كۆپرەك كىتاپ ئوقۇيدۇغان بولـۇپ قالغـان بولسـا كېـرەك. ئۇنىـڭ ئـۆمرى ئـۇزۇن بـولغىنى ياخشـى ئىـش بولـدىمۇ، يامان ئىشمۇ؟ ئۆزىمۇ بىرنېمه دېيهلمهي قالاتتى. ھايات ئۆزى تاتلىق نهرسـه دېيىلسـىمۇ، بهزىـدە كىشـىگه ياشاشـمۇ ھاشاردەك تۇيۇلۇپ قالىدىغان ئىش بولۇ دۇكهن ئهمهسمۇ؟! دۇنيادا ئۇيغۇرچه سۆزلۈشـۈدىغان يهنه باشـقا ئـادەملهر بارمىـدۇر؟ يوقمىـدۇر؟ بهلكىـم ئـۇزاق ئهلـ ـ لهردە ئۇنىڭـدەك ئۇزۇن ياشىغان بىرلىرى بولۇشىمۇ مۈمكىن. لـېكىن ئۇنىـڭ مۇھىتىـدا ئـۇ ئاخىرقىسـى. مهيلـى قانچىلىـك يىـراق يهردە بولســىمۇ بىــرەر ئۇيغۇرنىــڭ بــارلىقىنى بىلســه، ئۇنىــڭ بىــلهن بىــر سۆز لۈشۈۋالغۇســى كېلهتتــى. » بــۇرۇنلاردا ئۇيغــۇردىن ئــۆزىنى قــاچۇرۇپ يۈرىــدىغان ئىشــلارمۇ بــولاتتى. ۋاي ئېســىت، بۈگــۈنكى ئهقلىــم بولۇدۇغــان بولســا، قېنىپ - قېنىپ سۆزلىشىۋالاركهنمهن! « ئۇزاق ئهل ـ لهردە چوقـۇم بىـرەر كىشـى بولسـىمۇ بولسـا كېـرەك، ئهممـا كىـم مهن ئۈچۈن بۇنى سۈرۈشته قىلىـپ ب ېرىـدۇ؟ بـالىلىرى ئۇنىـڭ يوقلـۇق ئىزترابىنـى چۈشـۈنهرمىدى؟ گويـا بـالىلارمۇ ئۇنىڭغـــا يـــات ئىـــدى. ئېرىچـــۇ؟ ئۇمـــۇ يـــات بىـــر ئـــادەم. پهقهت ئـــائىله ھارۋىســـىنى بىـــرلىكته ئىتتىرىشـــكه ھهمكارلىشىۋاتقان بىر ئورتاق. ئــۇ ئۆســمۈرلۈك دەۋرىــدە بىــر قېــتىم بىــر ئۇيغــۇرنى ئاغرىــپ قــاپتۇ دەپ ئــاڭلاپ، يــوقلاپ چىقمــاقچى بولغــان ئانىسىغا قوشۇلۇپ، كېسهلنىڭ ئۆيىگه كىرگىنى ئېسـىدە. كېسـهل يهرلىكـلهر بىـلهن تـوي قىلغـان بىرسـىدى. ئـۇ چاغلاردا بۇنداق ئىشلار خېلى تاڭسۇق بولۇپ، پۈتۈن شهھهردە بۇنداقتىن بىـر ئىككىسـى بارىـدى. گهرچه مۇسـۇلمان دېيىلســىمۇ، قېنىمىــز ئ وخ شــاش دېيىلســىمۇ، يهنىــلا قانــداقتۇر بىــر پهرق ھىــس قىلىنــاتتى ؛ يىلتىزىمىــز بىــر دېيىلســىمۇ شــېخىمىز باشــقىدى. ھېيــت كــۈنلىرى بولغاچقــا، كېســهل يــوقلاپ كىــرگهنلهر خېلــى غولغــۇن بىــر جامائهت بولۇپ كهتكهنىد ى ئاشۇ كېسهل شۇ چاغدا شۇنداق دېگهنىدى: ياشلىقتا بهك بىلىنىپ مـۇ كهتمهمـدۇ، ئۇقالمىـدىم، يـات دېـگهن بهرىبىـر يـات بولـۇدۇكهن، سـىلهرگه مهنـدىن بىر نهسىههت بولۇپ قالسۇن، ھهرگىز ، ھهرگىز باشقا مىللهت بىـلهن تـوي قىلمـاڭلار. مېنـى يهرلىكـلهر بىـلهن تـوي قىلغىــنىم ئۈچــۈن ئۆزەمنىــڭ يۇرتداشــلىرىم تىــزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋەتكهنــدەك بولــدى، ھىچكىــم ئارى لاشــمىدى. يىــتىم ئىــدىم. بــالىلىرىممۇ يــاتتهكلا... مانــا ســىلهر، شــۇنچه يىللاردىــن كېــيىن مېنــى يادىڭلارغــا ئاپســىلهر، قاتارىڭلاردا دەپ ھېساپلاپسىلهر، ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇ شۇنداق دەپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كهتكهنىدى. ئهســلىدە بىزنىڭمــۇ يادىمىزغــا ئــالغىنىمىز، قاتــاردا ســ انىغىنىمى ز غهلهت ئىــدى. ئهســلىدە ئاشــۇ بىنــادا ئولتۇرۇشـلۇق باشـقا بىـر ئۇيغۇرنىـڭ ئـۆيىگه پهتىـگه كىرىـپ، بۇنىسـى يـادىمىزدىمۇ يـوق، چىقىـپ كېتىۋاتقانـدا، يهرلىكلهرنىڭ قىزلىرىدىن بىرى كارىدوردا يولۇقۇپ: دادام كېســهل، ھهمشــهھهرلىرىنى كۆرســه كــۆڭلى ئېچىلىــپ قــالاتتى، بىزگىمــۇ په ته قىلىــپ قويســاڭلار، دېگهندىن كېيىن، كونىلاردىن، چوڭلاردىن بىرى ئاندىن ئېسىگه ئېلىپ: ھه توغرا بىزنىڭ پالانىهاجىمنىڭ قىزى ئوخشايدۇ، مۇشۇ بىنادا ئولتـۇرۇدۇكهن - دە، يـۈرۈڭلار بولۇپتـۇ، كىرىـپ ئۆتهيلى، دېگهنىدى. ئۇنىــڭ ئۆســمۈرلۈك قهلــبىگه ئورنــاپ كهتــكهن بــۇ نهســىههت ، بــۇ تهجــرىبه ئــۇنى دايىــم ئاگاھلانــدۇرۇپ تۇرغــان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بالاغهتكه يهتكهنـدە ئۇنىڭغـا لايىـق ئۇيغـۇر چىقمىغانىـدى. دېمىسـىمۇ ئۇلارنىـڭ توپىـدىكىلهر خېلــى بارىــدى. بۇلارنىــڭ ھهممىســىگه ئۇيغــۇر يىگىتلىــرى نهدە بــار؟ قىــز بــالا دېگهننــى ســاقلاپ ئولتــۇرۇۋەرگىلى بولامــدۇ؟ ئاتــ ا - ئانىنىــڭ ئهڭ چــوڭ غېمــى قىزلىرىنىــڭ بېشــىنى ئوڭشــاپ قۇتۇلــۇش؛ بولمىســا بــۇ بىــر ئىلــلهت دېمهكتۇر، بۇ بىزنىڭ كۈلتۈرىمىز. شۇڭا، ئۇنىمۇ يهرلىكلهرگه بېرىشـكهن ئىـدى. راسـت دېگهنـدەك ياشـلىقىدا ئـانچه بىلىنمىدى. ھهتتـا ئۇيغۇرلارغـا تهكـكهن قىزلارنىـڭ قاخشاشـلىرىغا سېلىشـتۇرۇپ، بـۇ خ هق ئوبـدانراقمىكهن نـېمه دەپمۇ ئويلاپ قالغانىـدى. ئهممـا، ھايـات سـهپىرى ئۇزىغانسـېرى، باشـقا كېلىـدىغان قىسـمهتلهرنىڭ ئوخشـىمىغان تۈرلىرىـــدىكى ئىنكـــاس، تۇتۇملىرىنىـــڭ ئوخشـــاش بولمايـــدىغانلىقى ھامـــان بىلىنىـــپ، قانـــداقتۇر بىرخىـــل يۇقۇشماسلىق يۈرەكنىڭ قېتىدا تولدۇرۇپ بولغۇسىز بى ر ھاڭ پهيدا قىلىۋاتقانلىقى سېزىلهتتى. ئۇ ۋەتىنىنى غۇۋا ئېسىگه ئالاتتى. شۇنداق بولسىمۇ يوشـۇرۇن ئېڭىـدا ۋەتهننىـڭ ئوخشـىمايدىغان مهنزىرىسـى، ئوخشــىمايدىغان ھاۋاســى، ئاســمىنى، تــاغلىرى، چــۆللىرى، توقــايلىرى، بوســتانلىرى بىــر خىــل مىهىــر، ســۆيگۈ، مۇھهببهت قىيانىدەك دولقـۇن كۆ تـۈرۈپ تـۇراتتى. ئـۇ ئېنىـق تهسـۋىرلهپ بېرەلمىسـىمۇ قانـداقتۇر ئوخشـىمايدىغان بىــر ھىــس قۇچىقىــدا، خىياللىرىــدا ئهلــ ـ لهيلهنگىنىدە ھامــان ئــۆزىنى باشــقا بىــر دۇنياغــا تهۋەدەك ســېزەتتى. ئاتــا - ئانىسى ئۇنى ئۇزاق بىر سهپهرگه ئېلىپ ماڭغاندا ئارىسىدىن، يېنىـدىن، باغرىـدىن ئـۆتكهن ئاشـۇ قۇملـۇق چۆلـ ـ لهر، سايلار، بوستانلىقلار، توقايلار، قاقـاس تـاغلار ئـۇنى دائىمـا تهكـرار بىـر كېلىشـكه چىللاۋاتقانـدەك، شهكىلسـىز بىـر خىــل ســېغىنچ، خــۇددى پهقهت چۈشــلهردىلا كۆرۈلــۈپ يــاكى ھىــس قىلىنىــپ تۇتــۇق بهرمهيــدىغان، يهتكىلــى بولمايدىغان لهززەت مهنبهسىدەك ئۇنى ئىتىلدۈرسه، ئ ۇنىڭـدىكى ئـۆزگىچه تـاد سـهرەتاندىكى مهيىـن سـالقىن يـۈزگه ئۇرۇلغاندىكى غىل - پاللىق بىلهن كىشـىنى قانـدۇرمايلا غايىـپ بـولاتتى. ئـۇلار شـۇ يوسـۇن بهك ئـۇزاق - بهك ئـۇزاق مېڭىشقان ئىدى. كېـيىن ئهتـراپتىن پهقهت خىتـايچه سـۆزلهرلا ئاڭلىنىـدىغان بىـر يهرلهرگه كهلگىنـى يادىـدا. ئاتـا - ئانى ســىنىڭ تهشۋىشــلىك پىچىرلاشــلىرىدىن ئۇمــۇ يۇقۇملۇنــۇپ، خهتهرلىــك بىــر نهرســىگه دۇچ كهلگهنلىكىنــى سېزەتتى. ئاشۇنداق، دەككه - دۈككه، قورقـۇنچ، تهشۋىشـلهر ئارىلىشـىپ كهتـكهن ئـۇزاق سـهپهردىن كېـيىن، تېخىمـۇ تىلىنــى ئــۇققىلى بولمايــدىغان خهقلهرنىــڭ يۇرتىغــا كهلگىنــى يادىــدا. ئۇلارنىــڭ تو پىــدا خېلــى كــۆپ ســهپهرداش بارىدى. كىچىك بالىلار، ئاياللار، ئهرلهر، ھهتتا قېرىلار... ئانىسـى ئۇنىڭغـا بـۇ سـهپهرنىڭ مهنزىلىنـى چۈشهندۈرۈشـكه تىرىشقىنىدا » ھىجرەت « دېگهن بىـرلا سـۆز ئۇنىڭغـا تهكـرار ئاڭلانغاچقـا، گهرچه مهنىسـىنى بىلمىسـىمۇ، ھىجـرەت قىلىۋېتىپتۇق، دەپ بىلگهنىدى. ھىجـرەت دېـگهن ھهجهپ قىـيىن ئىشـكهن دېـگهن بىـر خىـل تونـۇش ئۇنىـڭ مېڭىسـىدىن ئـورۇن ئالغانىـدى. چــۈنكى بــۇ ســهپىرىدە ئۇلارنىــڭ تــارتمىغىنى قالمىــدى. ھهتتــا، كېــيىن بىــر ئېتىشــمىلار بولۇدۇغــان يهرلهردىمــۇ بولۇشتى. گۈمبۈرلىگهن سادالار ھهر ياقتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تونۇشـلار ئىچىـدىكى بىرلىرىنـى، ھهتتـا بـالىلاردىن ـۇ، دېيىشــــىپ دۇئــــا قىلى ـېهىت بولۇپتـــ ـى شـــ بهزىلىرىنـــ شــــاتتى. قورقۇنــــۇچ ئىچىــــدە كهچــــكهن بــــالىلىقى تۈپهيلىدىنمىكىن، ئۇ تولىمۇ تارتىنچاق ھهم قورقۇنچاق بولۇپ قالغانىدى. ئاشۇ سهپهرداشلارنىڭ بهك كۆپلىرى ھېلىقى ئېتىشـمىلار بولغـان جـايلاردا ھاياتقـا ۋىـدا ئهتتـى. ئهسـلىدە ئـۇلار ئــونمىڭلارنى ئاشــ قان بىــر تــوپ ئىكهنلىكىنــى كېــيىن بىلــدى. ســاق قېلىــپ تېــنچ ھاياتقــا ئېرىشــكهنلهرنىڭمۇ ھهممىسى بىر تىپتـا ئهمهس، بىـر تهبىقىـدە ئهمهس ئىـدى. ھامـان سـهدىقىلهرگه تايىنىـپ ياشـىغانلارمۇ، بىـر قهدەر پــاراۋان ھاياتقــا ئېرىشــكهنلهرمۇ بولــدى. ئىشــقىلىپ، ئۇنىــڭ دىمهتلىــرى بولغــان بــالىلار بــ الاغهتكه يېتىــپ ، ئــۆز ئاياقل ىرىدا تۇرالىغۇدەك يىللارغا كهلگهندە ئاندىن ھايات ئىزغـا چۈشـكهندەك بولـدى. شۇغۇنىسـى ئـۇلار ھهر تهرەپـكه تېرىلىپ كهتكهچـكه، بىـر جامـائهت بولالمىـدى. ئـۇلار يهرلىـك توپلۇمغـا تېـزلا سـىڭىپ يوقۇلۇشـقا يـۈز تۇتقانىـدى. ـالغۇ ـېرى يـ ـۇ كۈنسـ ـقا باشــلىغاندىلا ئـ ـاپ، ھهقــقه قايتىشـ ـۆمرىنى ياشـ ـلىرىمۇ ئـ ـڭ تهڭتۇشـ ئۇنىـ ز قېلىۋاتقــانلىقىنى، ـۈرەك ـر يىغىنىـڭ يـ ـىدەك، چهكسـىز بىـ ـڭ تهسهلىيسـىز يىغىسـ ـل قـارا يىتىمنىـ يالغۇزسـىراۋاتقانلىقىنى، بىـر خىـ - باغرىنى تولدۇرۇپ، قىياندەك بېسىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سهزدى. شۇ چاغلارغا كهلگهنـدە ھېلىقـى يهرلىكـلهر بىـلهن تــوي قىلغــان تــۇنجى ئهۋلات ئۇيغــۇرلاردىن بــولمى ش كېســهلنىڭ ئېيتقــانلىرى، تاپىلاشــلىرى دايىمــلا ئېســىگه كېلىپ، خۇددى ئاشۇ كېسهل تهرىپىدىن ھىس قىلىنغان ئىزتراپلارنى كونكرېت ھىس قىلىشقا باشلىدى. ســۇدىن ئايرىلغــان بېلىقنىــڭ كــۆپ ياشــالمىغىنى، ئــۈنگهن يېرىــدىن يۇلــۇپ تاشــلانغان كۆكاتنىــڭ ئــۇزۇن يېشىرىپ تۇرالمىغىنىدەك ئاجاي ىپ ھال ئىـدى بـۇ! ئىنسـان بالىسـىمۇ ئـۆزى ئـۈنگهن تـۇپراقتىن ئايرىلسـا نهقهدەر يامان - ھه! ئـۇ خىيـاللاردىن قـايتتى. خىيـال ھهرقـانچه ياخشـى بولسـىمۇ رىياللىققـا بهرىبىـر قايتمـاي بولمـايتى. ھازىرغـا قايتتى. قولىدا تېخىچه ھېلىقى مىڭ يېرىدىن يهملهنـگهن كىتـاپ تـۇراتتى. ئۇنىڭـدەك ئـۇز ۇن ياشاشـنىڭمۇ تـاتقى قالمامــدۇ نــېمه؟ تىلىڭنــى بىلىــدىغان ئىككىنچــى بىــر ئــادەم يــوق ھالــدا ياشــاش نهقهدەر مهنىســىز؟ بــۇ يوقلــۇق شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىدىكى، خۇددى ئاسمان ھاڭلىرىغـا ئوخشـايتى؛ ئـۇنى بىـر شـهيئى بىـلهن تولدۇرۇشـنىڭ ئىمكانى يوق ئىدى. رەسۇل ھهمزەتوۋ نىڭ : » ئهگهر تىلىم ئهته يوقۇلۇدۇغان بولسـا، مهن بۈگـۈن ئۆلۈشـنى خـالايمهن « دېـگهن سـۆزنى ئـۇ ئـاڭلاپ باقمىغـان بولۇشـىغا قارىمـاي، خـۇددى شـۇ مهزمۇنـدىكى بىـر ئـارزۇ ئۇنىـڭ كۆڭلىـدىنمۇ كېچهتتى. خۇددى ھىچكىم قالمىغان دۇنيادا تهنها ياشاشنىڭ ئهھمىيىتى بولمىغاندەكلا بىر ھال ئىدى بۇ! ئۇ ئاستا ئاۋ ايلاپ، كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭ سۆيۈملۈك يېزىقـى، قۇرئـان يېزىقىنىـڭ قېرىندىشـى. ئانىسى ئوقۇغان يېزىق، دادىسى ئـۈگهتكهن يېزىـق. ئاشـۇ ئـۇچ - چېكـى يـوقتهك تاغلارنىـڭ باغرىـدا قالغـان يۇرتىـدا سۆزلۈنۈدىغان تىل مانا مۇشـۇ كىتاپتىكىسـى! ئۇنىـڭ كـۆزىگه يـاش كهلـدى. بىـراق، ب ىـردىنلا كىتـاپ تۈپهيلىـدىن قوزغالغان بىر خاتىرە ئۇنى ھاياجانلاندۇر دى. ئۇ بىر قېتىم مانا مۇشۇنداق كىتاپنى سىلاپ - سىپاپ ئولتـۇرۇپ: » ئاشـۇ ئـاخىرقى كىتـاپچى بارمىـدۇ ھـازىرمۇ؟ مهندىن ياشراق كۆرۈنۋاتقـان، نېمىشـقا ئادرېسـىنى سـورىۋالمىغانتىمكىنا! بىـر گهپلىشـىپ كـېلهركهنمهن! ئهممـا ھېلىمۇ تاپقىلى بولار بهلكىم، ئاشۇ دۇكـاننى بىلىمهنغـۇ، دۇكـاننى ئېچىـپ ئولتۇرغـان بولسـا،... بهلكىـم دۇكـاننى باشقىسىغا ئۆتكۈزۈۋەتتىمىكىن؟ نېمىلا بولمىسۇن، ئاشۇ دۇكانچى بىلىشـى مـۈمكىن! « دېـگهن خىيالغـا كهلـگهن ۋە بۇ خىيال ھهقىقهتهنمۇ ھاياجانبهخش ئىدى. يهنه بىـر ئۇيغۇرنىـڭ مهۋجۇتلـۇق ئۇچـۇرى ئۇنىڭغـا ھاياتنىـڭ تېخـى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ خاتىمىسى كهلمىگهنلىكىنى جاكالىماقتا ئىدى. ئـۇ خهق نـېمه دەپ قـالار دەپمـۇ ئويلىمىدى. چوقۇم ئاشۇ كىشىنى ئىزدەپ تېپىش قارارىغا كهل گهنىدى بالىلارغـا بۇيرۇسـا، ئـۇلار چوقـۇم » يـوقكهن « ، ھهتت ا » ئۆلۈپتۇ « دېـگهن گهپ بىلهنـلا قۇتۇلـۇدۇ؛ چـۈنكى ئـۇلار تولـۇق ئۇيغـۇر بولمىسـا، ئۇيغۇرلـۇق ئۈچـۈن يـۈرىكى ئېچىشاتتىمۇ؟ ئۆزى بېـرىش قارارىغـا كهلـدى. بـاردى. تارتىنىپقىنـا دۇكانغـا كىرىـپ كهلـدى. ئهسـلىدە بـۇ قاۋاقخانـا ئىدى! ئۇ نهدىنمـۇ بۇلارغـا دىقـقهت قىلسـۇن؟ قاۋاقخانىچىنىـڭ قۇۋلـۇق بىـلهن كۈلۈمسـىرەۋاتقان كۆرۈنۈشـىدە » بـۇ مومايغا بۇ يهردە نېمه بار؟ « دەۋاتقاندەك ئالامهتنى كۆرۈپ ئاندىن چۆچـۈپ قارىغانىـدى، شـۇندىلا بـۇ يهرنىـڭ قاۋاقخانـا ئىكهنلىكى بىلىندى. ئۇ ھولۇققان ھالدا: مهن بىــر نهرســه ســورىماقچىدىم،.... مۇشــۇ دۇكــان بــۇرۇن كىتاپخانىــدى، شــۇ كىتاپخــانىنى ئاچقــانلارنى سورىماقچىدىم... چوڭنـا، ـان ـانلىقىنى بىلمهيـمهن، يـ ـكهم، ئۇنىـڭ نهدە ئولتۇرۇدۇغـ ـاننى ئۆتكـۈزۈۋەتكىنى نىـ ـى بـۇ دۇكـ ئـۇ كىشـ تهرەپكه ئۆتسىڭىز بىر ئانتىكىچى بار، شۇنىڭ بىلهن يېقىندەك ئىدى، شۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭ. ئۇ مىـڭ خىجـالهت بولـۇپ، قاۋاقخانىـدىن چىقىۋالـدى. » تونۇشـلاردىن بىـرى كۆرسـه؟ « دېـگهن خىيـال تېنىنـى شــۈركهندۈرۈۋەتتى. يــان تهرەپتىكــى ئانتىكىچىنىــڭ دۇكىنىنــى تــاپتى، ئهممــا ئىككىلىنىــپ قالــدى. يهنه بىــر سهتچىلىككه قالىدىغان ئىـش بولمىغـاي دەپ قورقـاتتى. ئهگهر كهتسـه، شـۇنچه يهر د ىـن كېلىـپ، بـۇ ئىشـنىڭ بـار - يــوقىنى ئــايرىۋەتمهيلا كهتســ ه چوقــۇم پۇشــايمان قىلىــدىغانلىقىنى بىلهتتــى. شــۇڭا، قهتئىــي نىــيهتكه كېلىــپ، بوسۇغىدىن ئاتلىدى. مۈكچۈيۈپ بىر نېمىگه لوپا ئهينهك بىلهن سىنچىلاۋاتقان بوۋاينىڭ ئـۆزىگه دىقـقهت قىلىشـىنى كـۈتتى. بـوۋاي خېلىــدىن كېــيىن دىقــقهت قىلــدى، ئهممــا تــازا ئىشــهنچ قىلغىلــى بولمايــدىغان بىــر خىــل خۇنــۇك نهزەر بىــلهن قاراۋاتاتتى. مهن.... بىر نهرسه سورايتىم... ئانتىكىمۇ؟ ياق، بىر ئادەمنى... بۇ دۇكان مانا، باشقا ئادەم يوق. ئــۇ شــۇنداق، مېنىــڭ ســورايدىغىنىم، بــۇر ۇ نقى بىــر كىتــاپچى، قوشــنىڭىز، مــاۋۇ يانــدىكى دۇكانــدا بولغــان كىتاپچى... ھه، سىز ئۇيغۇرلا ردىنمۇ؟ ھه ھه ھه...! ئۇ شۇنچىلىك ھاياجانلاندىكى، تۇنجى قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغـۇر ئىكهنلىكىنـى شـۇنچىلىك تولــۇق مهنىســى بىــلهن، شــۇنچىلىك مــۇكهممهل ئۆلچهمــدە ھىــس قىلــدىكى، پۈتــۈن ھاياتىــدا بۇنىــڭ شــۇنچىۋالا ھاياجان قوزغىغۇدەك بىر ئاتاق ئىكهنلىكىنى ، بۇنچىۋالا تـاتلىق بىـر سـۆز، ئىپتىخـارلىق بىـر ئاتـاق ئىكهنلىكىنـى ئــويلاپ كۆرمىگهنىــدى. ھهتتــا ھاياتىنىــڭ خېلــى زور بىــر بۆلىكىــدە ئۇيغــۇر ئىكهنلىكىنىمــۇ بىلمهيتــى يــاكى بىلم هيدىغا نــدەكلا ئىــدى. ئاشــۇ ســهپهردە ۋە تــاكى ھېلىقــى ســوقۇش بولۇۋاتقــان جــايلاردىن قۇتۇلــۇپ خېلــى يىللارغىچىمۇ » ئۇيغۇر بىز « دېگهنگه يـېقىن كېلىشـمىگهنىدى. بىـز مۇسـۇلمان دېـيىش كېرەكلىكـى، مىللهتنـى دېســه بولمايــدىغانلىقى تهلقىنلىــرى ئۇنىــڭ مېڭىســىنى تولدۇرغانىــدى. كېيىــنچه ئۇيغــۇر ئىكهنلىكىنــى قوبــۇل قىلىشــقا باشــلىدى. بــارا - بــارا بــۇ ئۇيغۇرلــۇق شــۇنچىلىك قىمــمهت قازىنىشــقا باشــلىدىكى، خــۇددى » ئۆلگهنــدىن كېيىن رەھمهتلىك « دېگهننىڭ ئـۆزىلا ئىـدى. شـۇئاندا ئـۇ خېلـى ئـۇزۇن يىللاردىـن كېـيىن ئـۆزىنى » ئۇيغـۇر « دەپ ئاتاۋاتقــان ئــاۋازدىن زىلــزىلىگه كهلــدى. بــۇ ئىســىمنىڭ نهقهدەر ســۆيۈملۈك ئىكهنلىكى نــى شــۇنچىلىك كونكرېــت ھىس قىلدىكى، يۈرىكى خۇددى ئېرىتىلگهن يـاغنى قۇيغانـدەك، ھهم يانـدى، ھهم ئىللىقلىـق ھىـس قىلـدى. كـۆز جىيهكلىرى كىرتىيىپ كهتتى، چاناقلىرىغـا تىقىلغـان يـاش تېخىمـۇ مـول مهنىـلهرگه ئىـگه ئىـدى ، ھه ھه، مهن ئۇيغۇرمهن، دېدى ئۇ تۇنجى قېتىم تولۇق ئىپتىخار بىلهن. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئىدى، دە، شۇنىڭ ئۈچۈن پهرەز قىلدىم. توغرا شۇ ئۇيغۇرنى سورايتىم... ئهپسۇسكى، ئۆلۈپ كهتتى، ھهقنىڭ رەھمىتىگه ئۇلاشتى... بۇ قاچـان بولغـان ئىـش؟ ئـۇ خـۇددى ئۆزىنىـڭ يېقىنلىـرى ھهققىـدىكى ئۆلـۈم خهۋىرىنـى ئاڭلاۋاتقانـدەك، پۈتۈن كۆكسى يىغىنىڭ بېسىمى بىلهن چىڭقىلىپ، ھـېلىلا ھۆكـۈرەپ يىغلىۋەتمهسـلىك ئۈچـۈن ئـۆزىنى تهسـته بېسىپ، ئالدىرىغانچه سورىدى. بهك كۆپ بولمىدى، ئهتىياز كۈنلىرىمىدى، ئۈچ ئايچه بولدىمىكىن دەيمهن... ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىدە كىم بارىدى؟ خانىمى؟ باشقا ... ؟ خانىمىنىــڭ ئــۆلگىنىگه ئــۇزاق بولغــان،... شــۇئان بــالىلىرى بولســا كېــرەك ، ئــۇلار بىــلهن ئهھبــابلىقىم بولمىغاچقا بىلمهيمهن. رەھمهت... ئۇ شۇنى ئاران دىيهلىدى. ئهمدىلا يىتىم قالغانلىقىنى تولـۇق ھىـس قىلـدى. يـاكى ئهسـلىدىكى يىتىملىكـى ئهمدىلا تاكامۇللاشقاندەك بولدى. بۇ ھهقى قهتهنمۇ مۇكهممهل يىتىملىك ئىدى. » ئــۈچ ئــاي - ھه! مهن كــالۋا نېمىشــقا ئــۈچ ئاينىــڭ ئالدىــدا كــېلهي دېمىگهنــدىمهن؟ بهلكىــم كېســهل ياتقــان چاغلىرى بولغىيدى، كېسهل يوقلىغان بولۇپ بېرىش تامامهن مۈمكىن ئىش ئىـدى! ۋاي، ئېسـت! پهقهت ئـۈچ ئـاي، ئــۈچ ئــايلا! « ئىلگىــرى نېمىشــقا بىلمىــدى؟ ئــ ۆز تىللىــق بىــر مۇڭداشــنىڭ بــۇ قهدەر قىممهت لىــك بولۇشــىنى نىمىشــقىمۇ بىلمىــدىكىن؟ ئــۇ بىــر چــاغلاردا ئــائىلىچه ئازارلاشــقان، يىــراقتىن كۆرســىلا باشــقا تهرەپــكه بۇرۇلــۇپ كېتىشىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئهسلهپ، لهۋلىرىنى بىلىـنهر - بىلىـنمهس چىشـلىدى. شـۇلارنىمۇ سـېغىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىــراپ قىلــدى. ئهگهر تاســادىپىي مــۆجىزە يــۈز بېرىــپ ئا شــۇ ئــاداۋەتتىكى ئۇيغــۇرلاردىن بىــرەرى ئــۇچراپ قالغــان تهقدىردىمۇ، ھىچ خىجىل بولمايلا ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ، قېنىپ - قېنىـپ يىغلاشـقا تهييـار ئىكهنلىكىنـى، ئۇ ئاداۋەتلهرنىڭ نهقهدەر بىمهنه ئىكهنلىكىنى ئويلاپ كهتتى. ئهتراپىغى مۇ قارىماستىن قايتتى. قاراشـقا ھـاجهت بـارمۇ؟ دۇنيـادا ئۆزىـدىن باشـقا ئـادەم يوقىـدى. يـالغۇز ئىـدى. كاشكى باشقا بىرەر ئۇيغۇر ھهققىدە يىپ ئۇچى بىلـگهن بولسـىدى، ئهمـدى ئۇنـداق دىلىغۇللـۇق قىلمـايلا چوقـۇم ئىزدەپ بـاراتتى. شۇغۇنىسـى كىـم ئۇنىڭـدەك كـۆپ ياشـايدۇ؟ ئـۇ ھېرىـپ قـالغۇدە ك بولـدى بـۇ ياشاشـتىن. ئۇنىـڭ ھهمرىيىمۇ نهۋاق كهتكىلى ، ئهمدى ئۇ كىچىك ئوغلىنىڭ يېنىـدا، يـات كېلىننىـڭ دۈشـمهنچه قاراشـلىرى ئاسـتىدا زېرىكىشـلىك ھايـاتنى داۋام قىلماقتـا ئىـدى. ئهنه شـۇ كـېلىن، ئۇنىـڭ كىتـاپلىرىنى ئاچىقىـپ تاشـلىۋەتكهنىدى. پهقهت مۇشۇ بىرسى ياستۇقى ئاستىدا قا لغـاچقىلا ئامـان قالغـان. بولمىسـا قانـداقمۇ ياشـار ئىـدىكىن؟ كىتـاپلىرى تا شــ لىنىپ كهتكهنلىكىنــى بىلگىنىــدە خــۇددى باللىرىــدىن ئايرىلىــپ قالغــان ئانىنىــڭ ئــازابى بىــلهن ئــۆزىنى تۇتالماي يىغلىغان، ئهمما كېلىن يات بولغاچقـا ئۇنىڭغـا ئـاچچىق قىلالمىغانىـدى. ئهگهر ئۇيغـۇر كـېلىن بولغـا ن ـېلىن ـات كـ ـولاتتى. يـ ـان بـ ـارلارچه تۇرغـ ـتۇرۇپ، گۇناھكـ ـول قوشـ ـۇ قـ ـى، ھهم ئۇمـ ـى بېرەلهيتـ ـڭ ئهدىپىنـ ـىدى، ئۇنىـ بولسـ چېۋىقىغىمۇ ئالماستىن: ئهسـكى - تۈسـكىلهرنى يىغىـپ سـاقلايدىغان مۇزىيمـۇ بـۇ،... دەپ غـۇدراپلا ئۆتكـۈزۈۋەتكهن، ئـۇ بولسـا قېينـى ئــانىلىقنى ئهپلهشــتۈرەلمهي، ئــۈن چىقارماســتىن ھوجرىســىغا كىرىۋېلىــپ يىغلىغانىــدى. » ئــاھ ئانــام، بولغــان بولســاڭ بوينۇڭغــا ئېســىلىپ تــۇرۇپ، قېنىــپ - قېنىــپ يىغلىۋالســام « دەپ ئارمــان ق ىلغانىــدى. ئانىســىدىن ئايرىلغاندىمۇ بۇنچىلىك ئازاپلانمىغانلىقىنى، بۇنچىلىـك كـۆپ يـاش تـۆكمىگهنلىكىنى ھىـس قىلـدى. شـۇنداقلا بۇ زادى قانداق بىر ئىشتۇ؟ دېگهننى ئويلاپ ئۆزىمۇ ھهيـران بولـدى. » ھهجهپ قىپكهتتىمـا؟ ئانـام بىـلهن دادامـدىنمۇ موھىمدەك؟ « ـ ـى، ئـ ـاخىرقى ھهمراھىنـ ـۇ ئـ ئاشـ اخىرقى » ـۇر ئۇيغـ « ـدى ئــۇ ـاتتى. ئهمـ ـاقلاپ كېلىۋاتـ ـپ سـ ـز بىلىـ ـدىن ئېزىـ نى جانـ كىتاپنى ئوقۇش ئۈچۈن ساقلاۋاتىدۇ دېيىشكىمۇ ئاساس يوق. ئۇ خۇددى بىر ھهمراھ ئىـدى، مۇڭـداش ئىـدى. ئۇنىـڭ بارلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىـڭ ئۈچـۈن تهسـهللىي ئىـدى. ئوقۇسـىمۇ بىرىنچـى بهتـتىن بىـر ئابزاسـتنى ئوقـۇش بىل هنـلا خىياللار ئالىمىگه پهرۋاز قىلىپ كېتهتتى. ئـۇ ئىلگىـرى تـازا بىلمهيـدىغان بهزى ئۇيغـۇرچه سـۆزلهرنىمۇ بىلىـدىغان بولۇپ كهتكهندەكلىدى. نهقهدەر تاتلىق تىل ئىـدى؟ ئانىسـىنىڭ ئهلـ ـ لهيلىرى مانـا مۇشـۇ تىلـدا ئىيتىلماپمىـدى؟ دادىسىنىڭ خامانلىقتىكى » لاي - لاي « ىنى مۇشۇ تىلدا ئې يتقانلىقى ئۇنىـڭ خاتىرىسـىدىن كهچتـى، ئـۇ شـۇ چاغـدا ساتمىدا دادىسىغا قـاراپ ئولتـۇراتتى. ئانىسـىنىڭ مىـڭ تۈرلـۈك قوشـاقلارنى قوشـۇپ ئهركىلىتىشـلىرىچۇ؟ ئاشـۇمۇ مۇشـۇ تىـل ئىـدى. بىـر دىخـان، دىخـان بالىسـى ئۇيغۇرلـۇقىنى قانچىلىـك ھېسـاپقا ئـالاتتى، بىلگىلـى بولمـايتى؛ ئۆزلىرىنىڭ ھايا تىدا ئالاقه قـورالى بولـۇپ خىـزمهت قىلىۋاتقـان بـۇ تىلنىـڭ ئۇيغـۇر تىلـى دەپ ئاتىلىـدىغانلىقىمۇ ئۇلارنىڭ خىيالىغا كهلگهن ئهمهس. دىخانغا بۇلارنى دەپ ئولتۇرۇش، بىلىپ ئولتۇرۇشـنىڭ نـېمه لازىمـى دېگـ ۈ دەكلا. لېكىن ئۇلار تىلغا ئېلىپ ئاتاپ باقمىسـىمۇ دىللىرىـدا بىلهتتـى. شۇغۇنى سـى بـۇ تىلنىـڭ ئۇلۇغلـۇقىنى، شـانىنى نهدىن بىلهتتىكى؟ ئـۇ كىتاپنىـڭ مۇقاۋىسـىنى ئېچىشـى بىلهنـلا قـۇرلار جانلىنـاتتى؛ خامـانلىقتىكى دىخـان لاي - لايغـا باشلىسـا، سۇچى يىراقتىن ناخشا ياڭرىتىپ كېلهتتـى... ئۇنىـڭ ئهتراپىنـى گويـا بىـر تـوپ مۇڭـداش ئۇيغـۇر ئـورۇۋالاتتى. مانـا مۇشۇنداق ق هدىرلىك كىتاپ ئىدى بۇ. ئۇنى يالغۇزلۇقتىن قۇتقۇزۇدۇغان، ئـۇنى پهپىلهيـدىغان، ئهلـ ـ لهيلهيدىغان بىـر ھهمرا ئىدى. بۇ تىلدىكى گـۈزەللىكنى ئـۇ كۈنسـېرى تولـۇق مهنىسـى بىـلهن ھىـس قىلماقتـا ئىـدى: ئۇنىڭـدا تـاغ سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، ت ومۇچۇقلارنىـڭ شـوخلۇق بىـلهن سايراشـلىرى، » ئـابۇ چهشـمه « مۇقامىنىـڭ مـۇڭى، » راك « نىــڭ مهردانه مېلودىيىســى، ئه تىرگۈلنىــڭ خۇشــپۇرىقى، تــۇنجى مۇھهببهتنىــڭ مىهــرى، زوقــى، شــوخ ۋە تاتلىقلىقى بارىدى. ھهتتا، ھايات نىڭ جىمى خوۋلۇقى، خوشـلۇقى، لهززىتـى، تـاتقى مۇشـۇ تىلـدا مۇجهسسـه م ئىـدى. موماي بۇلارنى بۇ شهكىلدە تهسۋىرلىيهلىگۈ دەك ساۋاتقا ئىـگه ئهمهس، بـۇلارنى پهقهت پۈتـۈن ۋۇجـۇدى، پۈتـۈن قهلبـى بىلهنلا ھىس قىلاتتى. ئۇنىڭ قولىدىكى ئاشۇ كىتاپتىن باشقا بىر يهردە ئۇيغـۇرچه خهت تـاپقىلى بولمـايتى. ئېلگىـرى ئاشـۇ ئۇيغـۇرلار مهركهزلهشــكهن كوچىــدا ۋىۋىســكىلارنىڭ ئۇيغــۇرچه خهتلىــرىگ ه قانچىلىــك دىقــقهت قىلغــان ئىــدىكىن؟ ئىككــى تهرەپــته ئۇيغــۇرچه ۋىۋىســكىلار بولغــان كوچىــدىن مېڭىشــنىڭ ھــوزۇرى، كۆڭــۈلنى پهۋەس تولــدۇرۇدۇغان ئىپتىخــار تۇيغۇســىنى ھىــس قىلغانمىــدىكىن؟ ئهمــدىلىكته ئــۇ يهرلهردە ئۇنــداق دۇكــانلار يــوق يــاكى ۋىۋىســكىلاردىكى ئۇيغۇرچه خهتلهرگه ھاجهت قالم ىغان. ئۇ بىر قېتىم ئاشۇ قولىدىكى كىتاپتىن باشقا بىر يهردە ئۇيغـۇرچه خهت بولـۇش ئىهتىمـاللىقىنى ئويلاۋېرىـپ، ئاخىرى ھهقىقهتهنمۇ مۆجىزىدەكلا مانا شۇ ئۇيغۇرچه خهت بار يهرنـى ئېسـىگه كهلتۈرگهنمـۇ بولـدى: ئاتـا ئانىسـىنىڭ قهۋرە تېشــىدا ئۇلارنىــڭ ئىســىملىرى يېزىقلىــق ئىــدى! گهرچه بــۇ ئىســىملارنى ئــۇ دېيهلهيــدىغان بولســىمۇ، نېمىشكىدۇر تاشقىي بىر ئوبېكىت ئۈستىدە كۆرۈش ۋە شـۇ يهردىـن ئوقۇشـنىڭ ھايـاجىنىنى ئـويلاپ قالـدى. ئۆيـدە يــالغۇز قالىــدىغان كۈنــدۈزلهرنىڭ بىرىــدە بىــر تاكســىغا ئولتــۇرۇپ قهۋرىســتانلىققا بــاردى. تاكســىچى ھىچقانــداق ھېيت ياكى ئالاھىدە بولمىغـ ان كۈنـدە قهۋرە زىيـارىتىگه كهلـگهن مومايغـا ھهيـران ئىـدى. ئـۇ بولسـا پهقهت ئىككـى ئىسىمنى قهۋرە تېشىدىن ئوقۇپ، ئانا تىلىدىن ھوزۇرلۇنۇشتهك غهلىته ھهۋەس بىلهنـلا كهلگهنىـدى. ئـۇ قهۋرىلهرنـى ئارىلاپ، ئاتا ئانىسىنىڭ يانمۇ - يان قهۋرىسىنى تـاپتى. ئىككـى ئىسـىمنى ئوقۇشـقا سـائهتل هر كېتهتتىمـۇ؟ بىـر كـۆز ئېتىشتا پۈتهتتى. ئهمما ئۇ تۈگۈمهس بىر قامۇسنى ئوقۇۋاتقاندەك تاشقا تىكىلگىنىچه سائهتلهپ تۇردى. ئهينى ۋاقىتتا قهۋرە تېشى ئورنۇتۇش - ئورناتماسلىق توغرىسىدا بولۇنغان تـالاش - تارتىشـلارنى ئهسـلهپ، چۆچـۈپ كهتتى! ئهگهر قهۋرە تېشى قويۇلمىغان بولسا، ئۇيغۇرچه خهتنـى يهنه قهيهردىـن تاپـاتتىم! دېـگهن خىيـال كۆڭلىـدىن كهچتى. ئهمدى ئۇ گويا ئوقۇسا - ئوقۇسا تۈگۈمهيـدىغان يهنه بىـر قامۇسـقا ئېرىشـكهندەك كـۆڭلى كۆتۈرۈلـۈپ قالـدى. كىتــاپنى ئوقۇۋەرگهنــدىن بهزى - بهزىــدە قهۋرىــگه كېلىــپ زىيــارەت قىلغــاچ، قهۋرە تېشــىدىكى ئىســىملارنى ئوقــۇش قانـداق ياخشـى! ئانـا تىلىنىـڭ يېزىقـى بىـلهن يېزىلغـان ئىككـى ئىسـىمنى سـائهتلهپ ئوقـۇپ قايتىشـنى ئـادەت قىلىۋالغانىدى. شۇغۇنىســى، بــۇ كۆڭــۈل خۇشــىدىنمۇ ئايرىلىــپ قالــدى: بهك قېرىــپ كهتكهچــكه، قهۋرە زىيــارىتىگه بېرىــپ كهلگــۈدەك مــادارى يوقىــدى. يــول يۈرۈشــتىن قالغانىــدى. ئوغلىغــا خهقىــ ش قىلســا ئــوغلى ئاپىرىشــى مــۈمكىن بولسىمۇ، يات كېلىندىن قورقۇپ ئېغىز ئاچالمايتى. ئهمـدى شـۇ قولىدىكىـدىن باشـقا ھهمراسـى يـوق، شـۇنىڭدىن باشقا » ئۇيغۇر « يوق. ئهتىچۇ؟ ئهته نېمه بولۇدۇ؟ ئهته بهلكىم پۈتۈن دۇنيادا بىرمـۇ ئۇيغـۇر قالمايـدۇ. ئۇيغـۇر قالمىسـا نـېمه بولـۇدۇ؟ يهرشـارى يهنىـلا چۆگلهۋېرەمـدۇ؟ ھايـات يهنىـلا داۋام قىلىۋېرەمـدۇ؟ باشـقىلار يهنىـلا ئوينـاپ كۈلهمـدۇ يــاكى مۇســىبهتلىك چىــراي بىــلهن، قــايغۇلۇق تۈســته ياشــارمۇ؟ تهبىئهتــ ته ھىچقانــداق ئۆزگــۈرۈش بولماســمۇ؟ مهســىلهن، ھــاۋادا ئوكســېگىن ئــازلاپ، نهپهســلهرنى قىيىنلاشــتۇرۇدۇغان، ۋەھشــىي ھــايۋانلار كۆپۈيــۈپ، يــۇرتلارنى بېسىپ كېتىدىغان، يهرلهر يېرىلىپ، ئادەملهرنى يۇتۇپ كېتىـدىغان،... دېگهنـدەك بىـر ئىشـلار بولماسـمۇ؟ خـۇددى ـلهپ قالمىغانـدە ھىچنـېمه كهمـ ـۈنكى ـازاپلىق ئىـدى. چـ ـهۋۋۇر قىلىـش ئـ ـڭ داۋاملىشـىدىغانلىقىنى تهسـ كلا ھاياتنىـ ئۇيغۇر يوق بىر دۇنيا!