ﺋﻪﺗﻪ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺗﻮﻻ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷـﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ،ﺑـﺎﻧﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ-ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﭼﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺗﯘﺭﯗﺩﯗﻏـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ، ﺗﻮﻻ ﻳﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﺎۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼپ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻨﻰ ھـﯧﻠﯩﻼ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨـﺪﻯ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﭼﻘﯘﺳﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ،ﻣﯘﻗﺎۋﯨﻨﻰ ﺳﯩﻼپ ،ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﺋـﯘ ﮔﻮﻳـﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻘﺎ ﺑﺎﺷـﻼﻳﻤﯘ ،ﺑﺎﺷـﻠﯩﻤﺎﻳﻤﯘ؟ ﺩەپ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧــﺪەﻙ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺑﯩــﺮ ﻗﺎﺭﺍﺷــﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﻗﻠــﻰ ،ﺧﯩﻴــﺎﻟﻰ ﺑــﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻪﻣﻪﺳــﺘﻪﻙ ،ﺋﺎﺷــﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘــﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪەﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻘﯩﺪەﻛﻼ ﺗﯘﻳﯘﻟـﯘپ ﻛﯧﺘﯩـﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﯩـﯔ ﺋـﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛـﯚﺯ ﺗﺎﺷـﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﻪﭼــﭽﻪ ﺋــﻮﻥ ﻳﯩــﻞ ﺋــﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩــﺰ .ﺷــﯘﯕﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺳــﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﯩــﺪەﻙ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩــﺰﺩە ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ؛ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎۋﺍﻟﻘﻰ ﺋﯩﺸـﺘﻪﻙ ،ﺋـﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﺳـﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧـﺮﻯ ﻳﺎﺷـﺎۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎڭ ھﺎﻳـﺎﺕ ﺷـﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴـﻘﯩﻜﻰ ،ﺗﯧﺨـﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔـﯜﻥ ﺋﯚﺳـﺘﻪڭ ﻗﯩﺮﻟﯩﺮﯨـﺪﺍ ﻳﺎﻟﯩﯖـﺎچ ﻳﯜﮔﺮەپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺷـﯘﻧﭽﻪ ﺗﯧـﺰﻻ ﺳـﺎﻗﺎﻟﻐﺎ ﺋـﺎﻕ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻣﯜﻛﭽﯜﻳـﯜپ ﻗـﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ،ھﺎﻳﺎﺕ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ھﻪﺟﻪﭘﻤـﯘ ﻗﯩﺴـﻘﺎ ﻧـﯧﻤﯩﻜﻪﻥ ،ﺩەپ ﻗﺎﻟﯩﺴـﻪﻥ .ﺷﯘﻏﯘﻧﯩﺴـﻰ ﺑﻪﺯەﻥ ﺑـﯘ ﻣﯘﺳـﺎﭘﻪ ﺷـﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻕ... ﺋـﯘ ﺑﻪﻙ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺳـﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧـﺪەﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺷـﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩـﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﻛـﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳـﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴـــﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧـــﺪەﻙ ﻗﯩﻠﻐـــﺎﻥ :ﺋـــﯘ ﺋﯘﻳﻐـــﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘـــﺎپ ﺳـــﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋـــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻐـــﺎ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩـــﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩـــﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺩﯗﻛـــﺎﻥ ﻛﯚﭼﯜﺩﯨﻐﺎﻧـــﺪەﻙ ،ھﻪﻣـــﻤﻪ ﻛﯩﺘـ ــﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐـ ــﺎ ﺩﯙۋﻟﻪپ ﻗﻮﻳﯘﺷـــﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋـ ــﯘ ﻧـــﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻛﯚﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯗﻛـﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑﯩـﺮ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﺩﯗﻛﺎﻧﻐـﺎ ﺋـﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻻﺵ ۋە ﺗﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺯ ﭘﻪﺩﺍﺯ ﺑﯧـﺮﯨﺶ ﻣﻪﺷـﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑـﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩـﺪە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳـﯜﺭﯨﻜﻰ ﺷﯘﺭﺭﯨﺪە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ-ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻟـﺪە ﺑـﯘ ﺷـﻪھﻪﺭﺩە ﺋـﯜچ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧـﺎ ﺑﺎﺭﯨـﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩـﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺴـﯧﺮﻯ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﺳـﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗـﯘپ ﺋﻮﻟﺘــﯘﺭﯗﺵ ،ﺩﯗﻛﺎﻧﻐــﺎ ﺋﯩﺠــﺎﺭە ﺗــﯚﻟﻪﺵ ...،ﻛﯩﻤــﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩــﺮ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳــﺪﯗ؟ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺭﻭھﯩﻨــﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩــﭗ ﺋﯩﭽﻜﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ،ھﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳـﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـﯩﻨﺎپ ﺑﺎﻗﻤـﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﺘﻰ-ﺩە. ﺋﯩﻜﻜـ ــﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧـ ــﺎ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩـــﭗ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴـــﻰ ﻗﺎﻟﻐـــﺎﻥ ،ﺑﯘﻣـــﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩـ ــﭗ ،ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳـ ــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐـ ــﺎﻥ؛ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍﺭ ﺑﯩـﺮ ﻳـﺎﻛﻰ ﺑﯩـﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﻭﺳـﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺷـﯩﺮە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐـﺎ ﺋﻮﻟﯘﺷـﯘپ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗپ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐـﺎ ﭼﯜﺷـﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚپ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯜﮔﺪەپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﯘﻣـﺎﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤـﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳـﯩﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴـﯩﻤﯘ ،ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻨﯩـﯔ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧـﺪە ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﻛـﯚپ ﺋﯚﺗﯜﺩﯨﻐـﺎﻥ ﺑـﯘ ﻳﻮﻟـﺪﺍ ﺋـﯘ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋـﺎﺩەﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ۋﯨﯟﯨﺴﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻐـﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺴـﯩﻤﯘ ،ﻧﯧﻤﯩﺸـﻜﯩﺪﯗﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩـﯔ ﺑﯩـﺮ ﻛﻮﭼﯩﺴـﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧـﺪەﻙ ﺑـﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ، ﻛــﯚﯕﻠﻰ ﺋــﺎۋﯗﻧﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧــﺪەﻙ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩــﯔ ۋﯨﻴﯟﯨﺴﻜﯩﺴــﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩــﺪﺍ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩﺴــﯩﻢ ،ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩـﯔ ۋﯨﯟﯨﺴﻜﯩﺴـﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩـﺪە ﺑﯩـﺮ ﺧﯩـﻞ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳـﯩﺰ ﻳﻮﻗﯘﺗـﯘﺵ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﻛـﯚﺭﻣﻪﻱ ﺋﯚﺗـﯜپ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻱ ،ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﺧﯘﺩﯗﻛﺴـﯘﻧﯘپ ،ﺋﺎﺭﻗﯩـﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘـﻜﻪ ،ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺗﻪﺭەﭘــﻜﻪ ﺑﻮﻳﯘﻧــﺪﺍپ ﻗــﺎﺭﺍپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩــﺪﻯ .ﻳــﺎﻕ ،ﻳــﻮﻕ .ﺩﯗﻛــﺎﻥ ﻣﺎﻧــﺎ ﻣﯘﺷــﯘ ﺷــﯘ .ﺋــﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﻐــﺎ ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﻛﯩﺘــﺎپ ﺋﯩــﺰﺩەپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪەﻙ ﻛﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩـﻖ ﺋﯘﻗﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩـﻨﻼ ﻗﺎﻧـﺎﺋﻪﺕ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ ۋە ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼۋﯦﺘﯩﭗ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧـﺪەﻙ ۋەھﯩـﻤﻪ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳـﯩﻐﺎ ،ﻳﻮﻗﻠـﯘﻕ، ﮔﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻗـﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘـﺎپ ﺳـﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳـﺪە ﻗﻮﻳـﯘپ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐـﺎ ﺋﯚﻛﯜﻧـﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋـﯚﺗﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩـﺪﯨﻦ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ،ﺑﯩـﺮ ﭘﺎﻳﻨـﺎپ ﻛﻮﭼﯩـﺪﺍ ﺋﯩـﻜﻪﻥ .ﺋـﯘ ﺑﯩـﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮ ﺩەﺭﺗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷـﯘ ﻣﻮﻣﺎﻳـﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨـﺪﺍ ﺗـﯜﮔﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺸـﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴـﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩـﻖ ﺑﯩـﺮ ﺗـﻮۋﺍﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸـﻘﺎ ﺋﺎﻟـﺪﯨﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴـﺎﺕ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑــﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩــﺰﺩەپ ﺗﯧﭙﯩــﭗ ،ﺑﯩــﺮ ﻛﯚﯕﻠﯩــﺪە ﭘﯜﺗــﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــﺎﻧﯩﻨﻰ ھ ـﺎپ ﺋﯧﺘﯩــﭙﻼ ﻳﯘﺗﯘۋﺍﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺋـﺎﭼﻜﯚﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴـﯩﻤﯘ ،ﭘﯘﻟﻐــﺎ ﭼﯩــﺪﯨﻤﺎﻱ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩﺘــﺎپ ﺋــﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯩﭙﺎﻳﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﺘﻰ ،ھﺎﻳـﺎﺕ ھﻪﺭﻛﯩـﻢ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻣﯜﺷـﻜﯜﻝ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩـﯔ ﻗﯩﺰﺯﯨـﻖ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘــﻰ .ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــﺎﻧﯩﭽﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻣﻪﺳــﻠﯩﻬﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ،ﺑﯩــﺮ ﺭﻭﻣــﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪۋﺳــﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ،ھﻪۋەﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭘﻤـﯘ ﻛﻪﺗﻤﯩـﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷـﯩﻜﺎﭘﻘﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳـﺪﻯ .ھﺎﻣـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻛـﯜﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻧﻐﯘ ،ﺩەپ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﯩﭻ ﺑﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﻧﻪۋﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ: ﻧــﯧﻤﻪ ﺑــﯘ ،ﺋﻪﺭەﭘــﭽﻪ ﻛﯩﺘــﺎپ؟ ﻗﯘﺭﺋــﺎﻧﻤﯘ؟ ﺩەپ ﺳــﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳــﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﺳــﺎﻧﺠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧــﺪەﻙ ﺑﻮﻟــﯘپ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨــﻰ ﺋﯧﻨﯩــﻖ ﻳﺎﺩﯨــﺪﺍ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏــﺎ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﭼﻪ ﺋﯜﮔﯜﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩــﺪﻯ ،ﻧﻪۋﺭﯨــﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳــﯧﻘﯩﻦ ﻳﻮﻻﺗﻘﯩﻠﯩﻤــﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪەﻛﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ ،ھﺎﻣـﺎﻥ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﻛﯜﻟﻜﯜﻟـﯜﻙ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﺸـﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧـﺪەﻙ ﻛﯜﻟﯜﺷﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘ ھﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺳـﻪﺑﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﻪﺗﺘـﻰ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺑﻪﻙ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋـﺎﭼﭽﯩﻘﻼپ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺘـﻰ .ﺋﯧـﺮﻯ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏـﺎ ﻳﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ: ﻧـﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴـﯩﺰ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻻپ؟ ﻳـﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﺴــﻪ ،ﺑﯩـﺮﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴـﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴـﺎ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩـﺪﻯ ،ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﻣﻪۋﺯﯗﻣﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺩﯗﻏﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ھﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎپ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣـﺎﻱ ،ﺋﻪﺭەﭘـﭽﻪ ﺯەﻥ ﺋﯧﺘﯩﺸـﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻣﻪﺩەﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪەﻙ ،ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋـﯘ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ،ﻛﯩﺘـﺎپ ﺋـﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧـﺮﻯ ﺗﯘﺭﺳـﺎ ،ھﯩﭽﻜﯩـﻢ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴـﺎ ،ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯەﯕﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﻤﯩﻨـﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸـﻘﺎ ﺳﺎﻗﻼﻳﺴـﻪﻥ؟ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻧـﺪەﻙ ﺧﯘﺩﯗﻛﺴـﯩﺮەﺵ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺗـﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺭﺍﺳــﺘﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧــﺪەﻙ ﻛﯩﺘــﺎپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﻳﯧﻘﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺑــﯘ ﺋﯩﭙﺘﯩــﺪﺍﺋﯩﻲ ﺭﻭﻣــﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟــﯘپ، ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﭽﯩﻨﯩــﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸــﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻣﻪﺷـﻬﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴــﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺶ .ﻗﯩﺰﯨﻘــﺎﺭﻟﯩﻖ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜــﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﭼﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ» .ھﻪ ،ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎپ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨـﻰ ﺷـﯘﯕﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳـﺪﯨﻜﻪﻥ-ﺩە ،ﺧﻪﻕ« ﺩەپ ﺋـﻮﻳﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ. ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻛﯩﺘـﺎپ ﺳـﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ﺑﯘﻧﯩﻤـﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨـﺎﻧﯩﭽﻰ ﻛﯩﺸـﻰ ﺗﻪۋﺳـﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﺋـﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺶ ھﺎﺭﭘﯩﺴﻰ ﺋﯩـﺪﻯ .ﻳـﯜﺭﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺗﺘﯩـﺪە ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ! »ﻳـﺎھ ...،ھﯧﻠﯩﻤـﯘ ﻳﺎﺧﺸـﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﻪﺗﯩـﮕﻪ ﻗﺎﻟﺴـﺎﻡ ﻳـﻮﻕ ﺑـﻮﻻﺭﻛﻪﻥ« ﺩەپ ﺋـﻮﻳﻼپ ،ﺋﯩﺸـﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﺷـﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ،ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤـﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﺎﺯﯨﺮﻻۋﺍﺗﻘـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸـﺘﻰ .ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨـﺪﺍ ﭘﯩﻼﺳـﺘﯩﻜﻼﺭ ،ﺗﺎﻣـﺪﯨﻦ ﺳﻮﻳﯘۋﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﺗﯩﻖ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻠﻪﺭ ،ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗـﻠﻪﺭ ﺩﯙۋﯨﺴـﻰ ﺋﯩﭽﯩـﺪە 50-40ﭼﻪ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﯨـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗـﯘﭘﻼ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧـ ــﺪەﻙ ﺑﻮﻟـــﺪﻯ .ﺧـ ــﯘﺩﺩﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩـ ــﯔ ﺋـ ــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛـــﯜﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧـ ــﺪەﻙ ﺑﯩـ ــﺮ ھﯩـ ــﺲ ﺋـــﯘﻧﻰ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐـ ــﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .ﺋﯩﺸﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﯘﺗﻠﯘﺷﯘپ ﺗﯘﺭﯗۋەﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻳﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ...،ﻛﯩﺘﺎپ ....ﺩەپ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ،ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ. ﻛﯩﺘﺎﭘﻘــﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯩﺘﯩﯖﯩــﺰ؟ ﺋﺎﻳﻨﯩﻜــﺎ ،ﺋﺎﺷــﯘ ﺩﯙۋﯨــﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩــﯔ ،ﺑﻪﺭﯨﺒﯩــﺮ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩــﭗ ﺗﺎﺷــﻼﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻛﯩﺘﻪﻟﯩﺴــﯩﯖﯩﺰ ھﻪﻣﻤﯩﻨــﻰ ﺋﻪﻛﻪﺗﺴــﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟــﯘﺩﯗ ،ﺋــﯘ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەپ ﻣﻪﺳــﺨﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸــﺎپ ﻛﯧﺘﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺯﺩە ﻛﯜﻟﺪﻯ. ﺑــﯘ ھــﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ھــﺎﺭ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺗﯩﻠﯩــﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻪڭ ﺋــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩــﺮ ﻗﯩﺴــﻤﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗــﻜﻪ ﺗﺎﺷـﻼﻧﻤﺎﻗﭽﯩﻜﻪﻥ! ﺑـﯘ ﺋـﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺭﺍﺳـﺘﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪە ﺋـﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩـﯔ ھﻪﻣﻤﯩﻨـﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸـﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩـﻞ ﺋﯩـﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺋﻪﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺘﻰ؛ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻧﻪﺭﯨﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺩﯗ؟ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷـﯘﺩﯗ ،ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ .ﺑﯩﻜـﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳـﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩـــﯔ ﺋﯜﺳـ ــﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗـ ــﻜﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐـــﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳـــﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـ ــﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـ ــﺎ ﮔﻮﻳـــﺎ ﺩﯨـ ــﯟﺍﻧﯩﻼﺭﭼﻪ ﺑﯩـــﺮ ﺳـ ــﺎﻻھﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﯖﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧــﺪەﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟــﯘپ ،ﺑﯩﺮﻧﯩﻤــﯘ ﺋﺎﻟﻤــﺎﻱ ﻛﯧﺘﯩــﺪﯨﻐﺎﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﻟــﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨــﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘــﺎﭘﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺩﯙۋﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳـﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩـﭗ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻳﯩﺮﺗﯩـﻖ ﺧﻪﺭﯨـﺘﻪ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨـﻰ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ،ﻛﯩﺘـﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﯗﻛﺴـﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩـﻞ ﺭﻭھـﻰ ھـﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩـﺪە ﻛﯚﺭﯛﺷـﻜﻪ ﺑﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ .ﻗﯘﺭﯗﻧﯘﺷـﺘﯩﻦ ﺑﻪﺩﯨﻨـﻰ ﻗﻮﺭﯗﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧـﺪەﻙ، ﺗﯜﮔﯜﻟـﯜپ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺑﯩـﺮﺩﯨﻨﻼ» ،ﭘـﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺋﺎﻟﺴـﺎﻡ ﺑﻮﻟـﺪﯨﻐﯘ ،ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺴـﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﻤـﺎﻱ ﭘـﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ،ﺳـﻪﺩﯨﻘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴـﺎﺟﯩﻢ ﻳﻮﻗﻠـﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠـﺪﯛﺭﯛپ ﻗﻮﻳﺴـﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩـﺪﯨﻤﯘ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧـﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩـﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼـﯜﺭﯛپ ،ﺑﯩـﺮﺩﯨﻨﻼ ﻳﯧـﻨﯩﻜﻠﻪپ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺗــﺎﺯﺍ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـــﻤﻪﻥ ،ﻗﯩﺰﯨــﻖ ﻛﯩﺘـ ــﺎﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﻨــﻰ ﺗﯧﭙﯩـــﭗ ﺑﯧﺮەﻣﺴــﯩﺰ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩـ ــﯔ ﺧﻪﻗــﻠﻪ ﻳﺎﺧﺸـ ــﻰ ﻛﯚﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ. ھﻪھ ...ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ھﺎﺷﺎﺭﻏﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻧﺪەﻙ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙۋﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ﻣﺎﻧﺎ ﻣـﺎﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﯔ ،ﺑﯘﻣـﯘ ﻳﺎﺧﺸـﯩﻤﯩﺶ ،ﺑـﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩـﯔ ،ﺑﯘﻣـﯘ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ ...،ﺩەپ ﺑﯩـﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻨﻰ ﺗﺎﺷـﻠﯩﺪﻯ. ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــﺎﻧﯩﭽﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐــﺎﻥ ﻛﯩﺘــﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﻗﯩﻠــﺪﯨﺘﯩﭗ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷــﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤــﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﮔﻮﻳــﺎ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩــﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺩەﺭﺳﯩﻨﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘپ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺯﯨﺮﻗﯩﺮﺍپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋـﯘ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐـﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩــﺪﯨﻦ ﺋـﯚﺯﯨﭽﻪ ﺋــﯜﭼﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩـﺪﻯ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﻗﺎۋﯨﺴــﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩـﻖ ﻛــﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗـﺎﺭﺍﭘﻼ ﺗﺎﻟﻠﯩــﺪﻯ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﯘﻝ؟ ﺩەپ ﺳﻮﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻳﺎ ﺩﯦﺪﯨﻤﻐﯘ ،ﺑﺎﻛﺎﻟﯩﻖ ،ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﻤﻪ .ﺋﻪﻛﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﯔ. ﺑﯩﻜﺎﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ ،ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ ،ﺋﻪﻛﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﯔ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏـﺎﻥ ھﺎﻟـﺪﺍ ﭘـﯘﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐـﺎ ،ﻛﯩﺘـﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩـﺮ ﭘﻼﺳـﺘﯩﻚ ﺧﺎﻟﺘﯩﻐـﺎ ﺳـﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﻪﺗﺘـﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ،ھﯧﻠـﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗـﻜﻪ ﺗﺎﺷـﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏـﺎ ﭼﯩـﺪﯨﻤﺎﻱ ،ﻳﯩﻐـﺎ ﺗـﯘﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣـﺪﻯ ،ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘـﺎپ ﺳــﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧــﺎ ﻳــﻮﻕ .ﺋﻪﺗﯩــﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷــﻼپ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩــﯔ ھﯩﭽﻴﯧﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧــﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺴــﻪﻥ! ﺋــﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺘـﺎپ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻤـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ،ﺋـﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﺎﺳـﯩﻤﺎ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﻪﻟﯩـﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳـﻰ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﺋﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗـﯘپ ﺗـﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧـﺎ ﺷـﯘ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳـﻰ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤـﯘ ﻳﺎﺧﺸــﻰ ﻛﯩﺘــﺎپ ﭼﯩﻘﯩــﭗ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻛــﯚپ ﺋﻮﻗــﯘﺩﻯ .ﺩﺍﻳﯩﻤــﻼ ﺋﯩﭽــﻰ ﭘﯘﺷﺴــﺎ ﺋﺎﺷــﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐــﺎ ﺋــﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺗــﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴــﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋـﺎﻻﺗﺘﻰ .ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺋـﯘ ﺑـﯘ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗـﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴـﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦـﺖ ﺋﻪﺳـﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺘﻰ. ﺩﺍﺩﯨﺴـﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺋﻮﻗــﯘﺵ ﻳﯧﺰﯨﺸـﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗـﯜﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﻛـﯚپ ﻛـﯜﭼﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴــﯩﻤﯘ ،ﺋـﯘ ﻳﯧﺰﯨﺸـﻨﻰ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩــﺮ ﺋﯜﮔﯜﻧﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻗﺎﻏـﺎ ﭘﯘﺗﯩـﺪەﻙ ﺋﻪﭘـﻠﻪپ ﻳﯧﺰﯨﭙﻤـﯘ ﻳـﯜﺭﺩﻯ ،ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩـﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷـﺘﺎ ھﯩﭽﻘﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧـﯘﺵ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨـﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﺗﯧـﺰﻻ ﺗﺎﺷـﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺗـﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴـﯩﻤﯘ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩـﭗ ،ﺳـﯜﻳﻠﯩﻤﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﺋـﯘ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﺋﯚﻳـﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷـﻘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩـﻤﻪ ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﺋﯩﺸـﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺑﯘﻣـﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴـﯩﻨﯩﯔ »ﺋــﺎﻧﭽﻪ-ﻣــﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴــﻰ ﻧــﯧﻤﯩﻜﻪﻥ ،ﻗــﺎﺭﺍپ ﻗﻮﻳﯘﺷــﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴــﻰ ﺑــﺎﺭ ،ﺑﯩﻠﯩﭙــﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺳــﺎڭ ﺗﯧﺨﯩﻤــﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ« ﺩەپ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﺸـﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺶ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﯕﺎ ﺋـﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘـﯘپ ﻛﻪﺗﻤﯩـﺪﻯ .ﺷﯘﻏﯘﻧﯩﺴـﻰ ﺋﯘﻣـﯘ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻛـﯚپ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘـﻰ .ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩـﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴـﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘۋﺍﺗﻘـﺎچ ﺋﯩﻜﻜﯩـﺪە ﺑﯩـﺮ ﺑـﯘ ﻧـﯧﻤﻪ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﻪپ؟ ﺩەپ ﺳـﻮﺭﺍﻳﺘﻰ .ﻳﺎﺧﺸـﯩﻜﻰ ﺑـﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳـﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩەۋﺭﯨـﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏـﺎﻥ ،ﺋـﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﺳـﺘﻪ ﭼﯩـﯔ ﺗـﯘﺭﯗﺩﯨﻐﯩﻨﻰ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴـﺎ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﺑـﻮﻻﺗﺘﯩﻜﯩﻨﻪ؟ ﺩﺍﺩﯨﺴـﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﻗﯘﻏـﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴـﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸـﻰ ﻧﺎﺗـﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﭘﻠﻪپ-ﺳﻪﭘﻠﻪپ ،ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺟﺎۋﺍپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚھﺒﻪﺗﺪﯨﺸـﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻣﻮﻣـﺎﻱ ﺑﻪﻙ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﺋـﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳـﺘﻰ .ﺋﺎﺷـﯘ ﺋـﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧـﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚﻟـﯜپ ﻛﻪﺗﺘـﻰ .ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﺷـﯜﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣــﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﺪﯨﺸــﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ .ﺑﻪﻟﻜﯩــﻢ ،ﺋﺎﺷــﯘ ﺳــﻪۋەﭘﺘﯩﻨﻤﯩﻜﯩﻦ ،ﺋــﯘ ﻛﯩﺘــﺎﭘﻨﻰ ﺳــﯚھﺒﻪﺗﺪﺍﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩــﭗ، ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﻛﯩﺘﺎپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ﻛﯧـﺮەﻙ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋـﯚﻣﺮﻯ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﺑـﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸـﻰ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟـﺪﯨﻤﯘ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻤﯘ؟ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ .ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳـﻪ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴـﯩﻤﯘ ،ﺑﻪﺯﯨـﺪە ﻛﯩﺸـﯩﮕﻪ ﻳﺎﺷﺎﺷـﻤﯘ ھﺎﺷﺎﺭﺩەﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻛﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯜﺷـﯜﺩﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋـﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯩـﺪﯗﺭ؟ ﻳﻮﻗﻤﯩـﺪﯗﺭ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﻟــﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪەﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ .ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯘھﯩﺘﯩـﺪﺍ ﺋـﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴـﻰ .ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ ﻳﯩـﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴــﯩﻤﯘ ﺑﯩــﺮەﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩــﯔ ﺑــﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴــﻪ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﺳﯚﺯﻟﯜﺷﯜۋﺍﻟﻐﯘﺳــﻰ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘــﻰ» .ﺑــﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗــﺎﭼﯘﺭﯗپ ﻳﯜﺭﯨــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸــﻼﺭﻣﯘ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ۋﺍﻱ ﺋﯧﺴــﯩﺖ ،ﺑﯜﮔــﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩــﻢ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻏــﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴــﺎ، ﻗﯧﻨﯩﭗ-ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ!« ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﻟـﻠﻪﺭﺩە ﭼﻮﻗـﯘﻡ ﺑﯩـﺮەﺭ ﻛﯩﺸـﻰ ﺑﻮﻟﺴـﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ﻛﯧـﺮەﻙ ،ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﻛﯩـﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺪﯗ؟ ﺑـﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻳﻮﻗﻠـﯘﻕ ﺋﯩﺰﺗﺮﺍﺑﯩﻨـﻰ ﭼﯜﺷـﯜﻧﻪﺭﻣﯩﺪﻯ؟ ﮔﻮﻳـﺎ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـــﺎ ﻳـ ــﺎﺕ ﺋﯩـ ــﺪﻯ .ﺋﯧﺮﯨﭽـ ــﯘ؟ ﺋﯘﻣـــﯘ ﻳـ ــﺎﺕ ﺑﯩـ ــﺮ ﺋـ ــﺎﺩەﻡ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋـــﺎﺋﯩﻠﻪ ھﺎﺭۋﯨﺴـ ــﯩﻨﻰ ﺑﯩـ ــﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸـ ــﻜﻪ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ. ﺋــﯘ ﺋﯚﺳــﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩەۋﺭﯨــﺪە ﺑﯩــﺮ ﻗﯧــﺘﯩﻢ ﺑﯩــﺮ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻧﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨــﭗ ﻗــﺎﭘﺘﯘ ﺩەپ ﺋــﺎﯕﻼپ ،ﻳــﻮﻗﻼپ ﭼﯩﻘﻤــﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ،ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴـﯩﺪە .ﻛﯧﺴـﻪﻝ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳـﯩﺪﻯ .ﺋـﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﺎﯕﺴﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﺑﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴـﻰ ﺑﺎﺭﯨـﺪﻯ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴــﯩﻤﯘ ،ﻗﯧﻨﯩﻤﯩــﺰ ﺋﻮﺧﺸــﺎﺵ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴــﯩﻤﯘ ،ﻳﻪﻧﯩــﻼ ﻗﺎﻧــﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩــﺮ ﭘﻪﺭﻕ ھﯩــﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨــﺎﺗﺘﻰ؛ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﯩــﺰ ﺑﯩــﺮ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴــﯩﻤﯘ ﺷــﯧﺨﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷــﻘﯩﺪﻯ .ھﯧﻴــﺖ ﻛــﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘــﺎ ،ﻛﯧﺴــﻪﻝ ﻳــﻮﻗﻼپ ﻛﯩــﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠــﻰ ﻏﻮﻟﻐــﯘﻥ ﺑﯩــﺮ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ: ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻤـﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﻣـﺪﯗ ،ﺋﯘﻗﺎﻟﻤﯩـﺪﯨﻢ ،ﻳـﺎﺕ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩـﺮ ﻳـﺎﺕ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗﻛﻪﻥ ،ﺳـﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧـﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ،ھﻪﺭﮔﯩﺰ ،ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤـﺎﯕﻼﺭ .ﻣﯧﻨـﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗـﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩــﻨﯩﻢ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺋﯚﺯەﻣﻨﯩــﯔ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷــﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯩــﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛۋەﺗﻜﻪﻧــﺪەﻙ ﺑﻮﻟــﺪﻯ ،ھﯩﭽﻜﯩــﻢ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷــﻤﯩﺪﻯ. ﻳﯩــﺘﯩﻢ ﺋﯩــﺪﯨﻢ .ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﻳــﺎﺗﺘﻪﻛﻼ ...ﻣﺎﻧــﺎ ﺳــﯩﻠﻪﺭ ،ﺷــﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨــﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨــﻰ ﻳﺎﺩﯨﯖﻼﺭﻏــﺎ ﺋﺎﭘﺴــﯩﻠﻪﺭ، ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﭘﻼﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ،ﺋﺎﻟﻼھ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺳــﻠﯩﺪە ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤــﯘ ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏــﺎ ﺋــﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ،ﻗﺎﺗــﺎﺭﺩﺍ ﺳــﺎﻧﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻏﻪﻟﻪﺕ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﻪﺳــﻠﯩﺪە ﺋﺎﺷــﯘ ﺑﯩﻨــﺎﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـﻠﯘﻕ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺑﯩـﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩـﯔ ﺋـﯚﻳﯩﮕﻪ ﭘﻪﺗﯩـﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ،ﺑﯘﻧﯩﺴـﻰ ﻳـﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻳـﻮﻕ ،ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧـﺪﺍ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘپ: ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﯧﺴــﻪﻝ ،ھﻪﻣﺸــﻪھﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳــﻪ ﻛــﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩــﭗ ﻗــﺎﻻﺗﺘﻰ ،ﺑﯩﺰﮔﯩﻤــﯘ ﭘﻪﺗﻪ ﻗﯩﻠﯩــﭗ ﻗﻮﻳﺴــﺎﯕﻼﺭ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ،ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ: ھﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﻧﯩﻬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗﺩﯗﻛﻪﻥ-ﺩە ،ﻳـﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘـﯘ ،ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ ،ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﯚﺳــﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﻪﻟــﺒﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﻧــﺎپ ﻛﻪﺗــﻜﻪﻥ ﺑــﯘ ﻧﻪﺳــﯩﻬﻪﺕ ،ﺑــﯘ ﺗﻪﺟــﺮﯨﺒﻪ ﺋــﯘﻧﻰ ﺩﺍﻳﯩــﻢ ﺋﺎﮔﺎھﻼﻧــﺪﯗﺭﯗپ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧـﺪە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻻﻳﯩـﻖ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﺩﯦﻤﯩﺴـﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺗﻮﭘﯩـﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠــﻰ ﺑﺎﺭﯨــﺪﻯ .ﺑﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴــﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩــﺮﻯ ﻧﻪﺩە ﺑــﺎﺭ؟ ﻗﯩــﺰ ﺑــﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨــﻰ ﺳــﺎﻗﻼپ ﺋﻮﻟﺘــﯘﺭﯗۋەﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣــﺪﯗ؟ ﺋﺎﺗ ـﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺋﻪڭ ﭼــﻮڭ ﻏﯧﻤــﻰ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺑﯧﺸــﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸــﺎپ ﻗﯘﺗﯘﻟــﯘﺵ؛ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴــﺎ ﺑــﯘ ﺑﯩــﺮ ﺋﯩﻠــﻠﻪﺕ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸـﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺭﺍﺳـﺖ ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﻳﺎﺷـﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋـﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ .ھﻪﺗﺘـﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏـﺎ ﺗﻪﻛـﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻗﺎﺧﺸﺎﺷـﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸـﺘﯘﺭﯗپ ،ﺑـﯘ ﺧﻪﻕ ﺋﻮﺑـﺪﺍﻧﺮﺍﻗﻤﯩﻜﻪﻥ ﻧـﯧﻤﻪ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﻮﻳﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤـﺎ ،ھﺎﻳـﺎﺕ ﺳـﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯨﻐﺎﻧﺴـﯧﺮﻯ ،ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴـﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸـﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨـ ــﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻜـ ــﺎﺱ ،ﺗﯘﺗﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩـ ــﯔ ﺋﻮﺧﺸـ ــﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳـــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﺎﻣـــﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩـــﭗ ،ﻗﺎﻧـــﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﺧﯩـ ــﻞ ﻳﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭەﻛﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗپ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ھﺎڭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺰﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﻏﯘۋﺍ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﺷـﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﯖﯩـﺪﺍ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﺋﻮﺧﺸـﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴـﻰ، ﺋﻮﺧﺸــﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎۋﺍﺳــﻰ ،ﺋﺎﺳــﻤﯩﻨﻰ ،ﺗــﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ،ﭼــﯚﻟﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﻮﻗــﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﻮﺳــﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﻣﯩﻬﯩــﺮ ،ﺳــﯚﻳﮕﯜ، ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﯩﻴﺎﻧﯩﺪەﻙ ﺩﻭﻟﻘـﯘﻥ ﻛﯚﺗـﯜﺭﯛپ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋـﯘ ﺋﯧﻨﯩـﻖ ﺗﻪﺳـﯟﯨﺮﻟﻪپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﺴـﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﻮﺧﺸـﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ھﯩــﺲ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩــﺪﺍ ،ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨــﺪﺍ ﺋﻪﻟــﻠﻪﻳﻠﻪﻧﮕﯩﻨﯩﺪە ھﺎﻣــﺎﻥ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺑﯩــﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏــﺎ ﺗﻪۋەﺩەﻙ ﺳــﯧﺰەﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺗــﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ،ﻳﯧﻨﯩـﺪﯨﻦ ،ﺑﺎﻏﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺋـﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺷـﯘ ﻗﯘﻣﻠـﯘﻕ ﭼﯚﻟــﻠﻪﺭ، ﺳﺎﻳﻼﺭ ،ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ،ﺗﻮﻗﺎﻳﻼﺭ ،ﻗﺎﻗـﺎﺱ ﺗـﺎﻏﻼﺭ ﺋـﯘﻧﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤـﺎ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﺑﯩـﺮ ﻛﯧﻠﯩﺸـﻜﻪ ﭼﯩﻠﻼۋﺍﺗﻘﺎﻧـﺪەﻙ ،ﺷﻪﻛﯩﻠﺴـﯩﺰ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩــﻞ ﺳــﯧﻐﯩﻨﭻ ،ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯜﺷــﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﻛﯚﺭﯛﻟــﯜپ ﻳــﺎﻛﻰ ھﯩــﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ﺗﯘﺗــﯘﻕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﺗﻜﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﻪﺯﺯەﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪەﻙ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﺳﻪ ،ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻜﻰ ﺋـﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺗـﺎﺩ ﺳـﻪﺭەﺗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﯩـﻦ ﺳـﺎﻟﻘﯩﻦ ﻳـﯜﺯﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﯩﻞ-ﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸـﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧـﺪﯗﺭﻣﺎﻳﻼ ﻏﺎﻳﯩـﭗ ﺑـﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺋـﯘﻻﺭ ﺷـﯘ ﻳﻮﺳـﯘﻥ ﺑﻪﻙ ﺋـﯘﺯﺍﻕ-ﺑﻪﻙ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋﻪﺗـﺮﺍﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﯩﺘـﺎﻳﭽﻪ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭﻻ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨـﻰ ﻳﺎﺩﯨـﺪﺍ .ﺋﺎﺗـﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴــﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸــﻠﯩﻚ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﺷــﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻣــﯘ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻧــﯘپ ،ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩــﻚ ﺑﯩــﺮ ﻧﻪﺭﺳــﯩﮕﻪ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺳﯧﺰەﺗﺘﻰ .ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺩەﻛﻜﻪ-ﺩﯛﻛﻜﻪ ،ﻗﻮﺭﻗـﯘﻧﭻ ،ﺗﻪﺷﯟﯨﺸـﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸـﯩﭗ ﻛﻪﺗـﻜﻪﻥ ﺋـﯘﺯﺍﻕ ﺳـﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ،ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﺗﯩﻠﯩﻨــﻰ ﺋــﯘﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐــﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨــﻰ ﻳﺎﺩﯨــﺪﺍ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺗﻮﭘﯩــﺪﺍ ﺧﯧﻠــﻰ ﻛــﯚپ ﺳــﻪﭘﻪﺭﺩﺍﺵ ﺑﺎﺭﯨﺪﻯ .ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ،ھﻪﺗﺘﺎ ﻗﯧﺮﯨﻼﺭ ...ﺋﺎﻧﯩﺴـﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺑـﯘ ﺳـﻪﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻨـﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷـﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻨﯩﺪﺍ »ھﯩﺠﺮەﺕ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮﻻ ﺳـﯚﺯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺗﻪﻛـﺮﺍﺭ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﭼﻘـﺎ ،ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴـﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴـﯩﻤﯘ ،ھﯩﺠـﺮەﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘﻕ ،ﺩەپ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ھﯩﺠـﺮەﺕ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ھﻪﺟﻪپ ﻗﯩـﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸـﻜﻪﻥ ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ﺧﯩـﻞ ﺗﻮﻧـﯘﺵ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴـﯩﺪﯨﻦ ﺋـﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ. ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺑــﯘ ﺳــﻪﭘﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺗــﺎﺭﺗﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩــﺪﻯ .ھﻪﺗﺘــﺎ ،ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺑﯩــﺮ ﺋﯧﺘﯩﺸــﻤﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻏــﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤــﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ .ﮔﯜﻣﺒﯜﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ھﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺗﻮﻧﯘﺷـﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨـﻰ ،ھﻪﺗﺘـﺎ ﺑـﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨــ ــﻰ ﺷــ ــﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘــ ــﯘ ،ﺩﯦﻴﯩﺸــ ــﯩﭗ ﺩﯗﺋــــﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸــ ــﺎﺗﺘﻰ .ﻗﻮﺭﻗﯘﻧــــﯘچ ﺋﯩﭽﯩــــﺪە ﻛﻪﭼــ ــﻜﻪﻥ ﺑــ ــﺎﻟﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻨﻤﯩﻜﯩﻦ ،ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﭽﺎﻕ ھﻪﻡ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﻯ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸـﻤﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺟـﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ھﺎﻳﺎﺗﻘـﺎ ۋﯨـﺪﺍ ﺋﻪﺗﺘـﻰ .ﺋﻪﺳـﻠﯩﺪە ﺋـﯘﻻﺭ ﺋــﻮﻧﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷ ـﻘﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺗــﻮپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠــﺪﻯ .ﺳــﺎﻕ ﻗﯧﻠﯩــﭗ ﺗﯧــﻨﭻ ھﺎﻳﺎﺗﻘــﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸــﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﭙﺘـﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩـﺪە ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩـﺪﻯ .ھﺎﻣـﺎﻥ ﺳـﻪﺩﯨﻘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩـﭗ ﻳﺎﺷـﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ،ﺑﯩـﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﭘــﺎﺭﺍۋﺍﻥ ھﺎﻳﺎﺗﻘــﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸــﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟــﺪﻯ .ﺋﯩﺸــﻘﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺩﯨﻤﻪﺗﻠﯩــﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑــﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑ ـﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩــﭗ ،ﺋــﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﯘﺩەﻙ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﺰﻏـﺎ ﭼﯜﺷـﻜﻪﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟـﺪﻯ .ﺷﯘﻏﯘﻧﯩﺴـﻰ ﺋـﯘﻻﺭ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘـﻜﻪ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼـﻜﻪ ،ﺑﯩـﺮ ﺟﺎﻣـﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘﻻﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩـﻚ ﺗﻮﭘﻠﯘﻣﻐـﺎ ﺗﯧـﺰﻻ ﺳـﯩﯖﯩﭗ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺷـﻘﺎ ﻳـﯜﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﯩـﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺗﻪﯕﺘﯘﺷــﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋــﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺷــﺎپ ،ھﻪﻗــﻘﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸــﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋــﯘ ﻛﯜﻧﺴــﯧﺮﻯ ﻳــﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﺳـﯩﺮﺍۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩـﺮ ﺧﯩــﻞ ﻗـﺎﺭﺍ ﻳﯩﺘﯩﻤﻨﯩــﯔ ﺗﻪﺳﻪﻟﯩﻴﺴـﯩﺰ ﻳﯩﻐﯩﺴــﯩﺪەﻙ ،ﭼﻪﻛﺴـﯩﺰ ﺑﯩــﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩـﯔ ﻳــﯜﺭەﻙ- ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗپ ،ﻗﯩﻴﺎﻧﺪەﻙ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺩﻯ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪە ھﯧﻠﯩﻘـﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜـﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗــﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺗــﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪۋﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑــﻮﻟﻤﯩﺶ ﻛﯧﺴــﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘــﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﺎﭘﯩﻼﺷــﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻳﯩﻤــﻼ ﺋﯧﺴــﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺗﺮﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺳــﯘﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐــﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻘﻨﯩــﯔ ﻛــﯚپ ﻳﺎﺷــﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ،ﺋــﯜﻧﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨــﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟــﯘپ ﺗﺎﺷــﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺎﺗﻨﯩــﯔ ﺋــﯘﺯﯗﻥ ﻳﯧﺸﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەﻙ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ھﺎﻝ ﺋﯩـﺪﻯ ﺑـﯘ! ﺋﯩﻨﺴـﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴـﯩﻤﯘ ﺋـﯚﺯﻯ ﺋـﯜﻧﮕﻪﻥ ﺗـﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴـﺎ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ-ھﻪ! ﺋـﯘ ﺧﯩﻴـﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗـﺎﻳﺘﺘﻰ .ﺧﯩﻴـﺎﻝ ھﻪﺭﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸـﻰ ﺑﻮﻟﺴـﯩﻤﯘ ﺭﯨﻴﺎﻟﻠﯩﻘﻘـﺎ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩـﺮ ﻗﺎﻳﺘﻤـﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﺘﻰ .ھﺎﺯﯨﺮﻏـﺎ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻣﻠﻪﻧـﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘـﺎپ ﺗـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪەﻙ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺷﺎﺷـﻨﯩﯖﻤﯘ ﺗـﺎﺗﻘﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣــﺪﯗ ﻧــﯧﻤﻪ؟ ﺗﯩﻠﯩﯖﻨــﻰ ﺑﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽــﻰ ﺑﯩــﺮ ﺋــﺎﺩەﻡ ﻳــﻮﻕ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻳﺎﺷــﺎﺵ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﻣﻪﻧﯩﺴــﯩﺰ؟ ﺑــﯘ ﻳﻮﻗﻠــﯘﻕ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﯩﺪﯨﻜﻰ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ھﺎﯕﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺋﻮﺧﺸـﺎﻳﺘﻰ؛ ﺋـﯘﻧﻰ ﺑﯩـﺮ ﺷـﻪﻳﺌﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺷـﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺭەﺳﯘﻝ ھﻪﻣﺰەﺗﻮۋﻧﯩﯔ» :ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺩﯗﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯜﮔـﯜﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷـﻨﻰ ﺧـﺎﻻﻳﻤﻪﻥ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺳـﯚﺯﻧﻰ ﺋـﯘ ﺋـﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤـﺎﻱ ،ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺷـﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋـﺎﺭﺯﯗ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩـﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯧﭽﻪﺗﺘﻰ .ﺧﯘﺩﺩﻯ ھﯩﭽﻜﯩﻢ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪھﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻛﻼ ﺑﯩﺮ ھﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ! ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎۋﺍﻳﻼپ ،ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﯧﺰﯨﻘـﻰ ،ﻗﯘﺭﺋـﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸـﻰ. ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻖ ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋـﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨـﻖ .ﺋﺎﺷـﯘ ﺋـﯘچ-ﭼﯧﻜـﻰ ﻳـﻮﻗﺘﻪﻙ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨـﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩـﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯜﻧﯜﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷـﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻜﯩﺴـﻰ! ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻛـﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳـﺎﺵ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑﯩـﺮﺍﻕ ،ﺑﯩـﺮﺩﯨﻨﻼ ﻛﯩﺘـﺎپ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩـﺪﯨﻦ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺋﯘﻧﻰ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺳﯩﻼپ-ﺳﯩﭙﺎپ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﯗپ» :ﺋﺎﺷـﯘ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯩﺘـﺎﭘﭽﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩـﺪﯗ ھـﺎﺯﯨﺮﻣﯘ؟ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺮﺍﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ،ﻧﯧﻤﯩﺸـﻘﺎ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴـﯩﻨﻰ ﺳـﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻤﻜﯩﻨﺎ! ﺑﯩـﺮ ﮔﻪﭘﻠﯩﺸـﯩﭗ ﻛـﯧﻠﻪﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ! ﺋﻪﻣﻤـﺎ ھﯧﻠﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ،ﺋﺎﺷﯘ ﺩﯗﻛـﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻐـﯘ ،ﺩﯗﻛـﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩـﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏـﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ...،ﺑﻪﻟﻜﯩـﻢ ﺩﯗﻛـﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛۋەﺗﺘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ؟ ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﺎﺷﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﭽﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸـﻰ ﻣـﯜﻣﻜﯩﻦ!« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐـﺎ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ۋە ﺑﯘ ﺧﯩﻴﺎﻝ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺒﻪﺧﺶ ﺋﯩﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩـﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠـﯘﻕ ﺋﯘﭼـﯘﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩـﯔ ﺗﯧﺨـﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋـﯘ ﺧﻪﻕ ﻧـﯧﻤﻪ ﺩەپ ﻗـﺎﻻﺭ ﺩەﭘﻤـﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺪﻯ .ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەپ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏـﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳـﺎ ،ﺋـﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗـﯘﻡ »ﻳـﻮﻗﻜﻪﻥ«، ھﻪﺗﺘﺎ »ﺋﯚﻟﯜﭘﺘﯘ« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﮔﻪپ ﺑﯩﻠﻪﻧـﻼ ﻗﯘﺗﯘﻟـﯘﺩﯗ؛ ﭼـﯜﻧﻜﻰ ﺋـﯘﻻﺭ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴـﺎ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟـﯘﻕ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻳـﯜﺭﯨﻜﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺎﺗﺘﯩﻤﯘ؟ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯧـﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐـﺎ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺑـﺎﺭﺩﻯ .ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭙﻘﯩﻨـﺎ ﺩﯗﻛﺎﻧﻐـﺎ ﻛﯩﺮﯨـﭗ ﻛﻪﻟـﺪﻯ .ﺋﻪﺳـﻠﯩﺪە ﺑـﯘ ﻗﺎۋﺍﻗﺨﺎﻧـﺎ ﺋﯩﺪﻯ! ﺋﯘ ﻧﻪﺩﯨﻨﻤـﯘ ﺑﯘﻻﺭﻏـﺎ ﺩﯨﻘـﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴـﯘﻥ؟ ﻗﺎۋﺍﻗﺨﺎﻧﯩﭽﯩﻨﯩـﯔ ﻗﯘۋﻟـﯘﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴـﯩﺮەۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷـﯩﺪە »ﺑـﯘ ﻣﻮﻣﺎﻳﻐﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟« ﺩەۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼـﯜپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ ،ﺷـﯘﻧﺪﯨﻼ ﺑـﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩـﯔ ﻗﺎۋﺍﻗﺨﺎﻧـﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺋﯘ ھﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ: ﻣﻪﻥ ﺑﯩــﺮ ﻧﻪﺭﺳــﻪ ﺳــﻮﺭﯨﻤﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ ....،ﻣﯘﺷــﯘ ﺩﯗﻛــﺎﻥ ﺑــﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩــﺪﻯ ،ﺷــﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨــﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ... ﭼﻮﯕﻨـﺎ ،ﺋـﯘ ﻛﯩﺸــﻰ ﺑـﯘ ﺩﯗﻛــﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﯛۋەﺗﻜﯩﻨﻰ ﻧﯩــﻜﻪﻡ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻧﻪﺩە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺩﯗﻏــﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـﻤﻪﻥ ،ﻳــﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺘﯩﻜﯩﭽﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪەﻙ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍپ ﺑﯧﻘﯩﯔ. ﺋﯘ ﻣﯩـﯔ ﺧﯩﺠـﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟـﯘپ ،ﻗﺎۋﺍﻗﺨﺎﻧﯩـﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟـﺪﻯ» .ﺗﻮﻧﯘﺷـﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩـﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳـﻪ؟« ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴـﺎﻝ ﺗﯧﻨﯩﻨـﻰ ﺷــﯜﺭﻛﻪﻧﺪﯛﺭﯛۋەﺗﺘﻰ .ﻳــﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜــﻰ ﺋﺎﻧﺘﯩﻜﯩﭽﯩﻨﯩــﯔ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻨــﻰ ﺗــﺎﭘﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩــﭗ ﻗﺎﻟــﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩــﺮ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩـﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻱ ﺩەپ ﻗﻮﺭﻗـﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻪﺗﺴـﻪ ،ﺷـﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﻛﯧﻠﯩـﭗ ،ﺑـﯘ ﺋﯩﺸـﻨﯩﯔ ﺑـﺎﺭ- ﻳــﻮﻗﯩﻨﻰ ﺋــﺎﻳﺮﯨﯟەﺗﻤﻪﻳﻼ ﻛﻪﺗﺴ ـﻪ ﭼﻮﻗــﯘﻡ ﭘﯘﺷــﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘــﻰ .ﺷــﯘﯕﺎ ،ﻗﻪﺗﺌﯩــﻲ ﻧﯩــﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩــﭗ، ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺪﻯ. ﻣﯜﻛﭽﯜﻳﯜپ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻟﻮﭘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮۋﺍﻳﻨﯩﯔ ﺋـﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯨﻘـﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸـﯩﻨﻰ ﻛـﯜﺗﺘﻰ .ﺑـﻮۋﺍﻱ ﺧﯧﻠﯩــﺪﯨﻦ ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺩﯨﻘــﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠــﺪﻯ ،ﺋﻪﻣﻤــﺎ ﺗــﺎﺯﺍ ﺋﯩﺸــﻪﻧﭻ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠــﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩــﺮ ﺧﯩــﻞ ﺧﯘﻧــﯘﻙ ﻧﻪﺯەﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍۋﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ....ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﯩﻢ... ﺋﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ... ﺑﯘ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﻣﺎﻧﺎ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﻮﻕ. ﺋــﯘ ﺷــﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﯧﻨﯩــﯔ ﺳــﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ،ﺑــﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺑﯩــﺮ ﻛﯩﺘــﺎﭘﭽﻰ ،ﻗﻮﺷــﻨﯩﯖﯩﺰ ،ﻣــﺎۋﯗ ﻳﺎﻧــﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻛﺎﻧــﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﭽﻰ... ھﻪ ،ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻨﻤﯘ؟ ھﻪ ھﻪ ھﻪ !...ﺋﯘ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻜﻰ ،ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺷـﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻟــﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﺴــﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ،ﺷــﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣــﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣــﺪە ھﯩــﺲ ﻗﯩﻠــﺪﯨﻜﻰ ،ﭘﯜﺗــﯜﻥ ھﺎﻳﺎﺗﯩــﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩــﯔ ﺷــﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﯘﺩەﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺑﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺗـﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩـﺮ ﺳـﯚﺯ ،ﺋﯩﭙﺘﯩﺨـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺗـﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺋــﻮﻳﻼپ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﯩــﺪﻯ .ھﻪﺗﺘــﺎ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩــﯔ ﺧﯧﻠــﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﯩــﺮ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩــﺪە ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤــﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘــﻰ ﻳــﺎﻛﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧــﺪەﻛﻼ ﺋﯩــﺪﻯ .ﺋﺎﺷــﯘ ﺳــﻪﭘﻪﺭﺩە ۋە ﺗــﺎﻛﻰ ھﯧﻠﯩﻘــﻰ ﺳــﻮﻗﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺟــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟــﯘپ ﺧﯧﻠــﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﯩﻤﯘ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺰ« ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳـﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸـﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ .ﺑﯩـﺰ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯦـﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜـﻰ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨـﻰ ﺩﯦﺴــﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﻟﻘﯩﻨﻠﯩــﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴــﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩــﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩــﻨﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﻗﻮﺑــﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸــﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﻯ .ﺑــﺎﺭﺍ-ﺑــﺎﺭﺍ ﺑــﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟــﯘﻕ ﺷــﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤــﻤﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸــﻘﺎ ﺑﺎﺷــﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ،ﺧــﯘﺩﺩﻯ »ﺋﯚﻟﮕﻪﻧــﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭەھﻤﻪﺗﻠﯩﻚ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋـﯚﺯﯨﻼ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺷـﯘﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋـﯘ ﺧﯧﻠـﻰ ﺋـﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨـﻦ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ »ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎۋﺍﺗﻘــﺎﻥ ﺋــﺎۋﺍﺯﺩﯨﻦ ﺯﯨﻠــﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟــﺪﻯ .ﺑــﯘ ﺋﯩﺴــﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺳــﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺷــﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦــﺖ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ،ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳـﺎﻏﻨﻰ ﻗﯘﻳﻐﺎﻧـﺪەﻙ ،ھﻪﻡ ﻳﺎﻧـﺪﻯ ،ھﻪﻡ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩـﻖ ھﯩـﺲ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﻛـﯚﺯ ﺟﯩﻴﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﺗﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﭼﺎﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﺗﯩﻘﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻳـﺎﺵ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﻣـﻮﻝ ﻣﻪﻧﯩـﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩـﮕﻪ ﺋﯩـﺪﻯ ،ھﻪ ھﻪ ،ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﻪﻥ ،ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩە ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﺭەﺯ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﯩﻢ... ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ھﻪﻗﻨﯩﯔ ﺭەھﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻻﺷﺘﻰ... ﺑﯘ ﻗﺎﭼـﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋﯩـﺶ؟ ﺋـﯘ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩـﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟـﯜﻡ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨـﻰ ﺋﺎﯕﻼۋﺍﺗﻘﺎﻧـﺪەﻙ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯚﻛﺴﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ،ھـﯧﻠﯩﻼ ھﯚﻛـﯜﺭەپ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﺳـﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋـﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳـﺘﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻐﺎﻧﭽﻪ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺑﻪﻙ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺪﻯ ،ﺋﯜچ ﺋﺎﻳﭽﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩەﻳﻤﻪﻥ... ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭﯨﺪﻯ؟ ﺧﺎﻧﯩﻤﻰ؟ ﺑﺎﺷﻘﺎ...؟ ﺧﺎﻧﯩﻤﯩﻨﯩــﯔ ﺋــﯚﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋــﯘﺯﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ...،ﺷــﯘﺋﺎﻥ ﺑــﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴــﺎ ﻛﯧــﺮەﻙ ،ﺋــﯘﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋﻪھﺒــﺎﺑﻠﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺭەھﻤﻪﺕ... ﺋﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯨﻴﻪﻟﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ھﯩـﺲ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﻳـﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳـﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻜـﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻼﺷﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻳﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. »ﺋــﯜچ ﺋــﺎﻱ-ھﻪ! ﻣﻪﻥ ﻛــﺎﻟﯟﺍ ﻧﯧﻤﯩﺸــﻘﺎ ﺋــﯜچ ﺋﺎﻳﻨﯩــﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨــﺪﺍ ﻛــﯧﻠﻪﻱ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧــﺪﯨﻤﻪﻥ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩــﻢ ﻛﯧﺴــﻪﻝ ﻳﺎﺗﻘــﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺪﻯ ،ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﯩـﺪﻯ! ۋﺍﻱ ،ﺋﯧﺴـﺖ! ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋـﯜچ ﺋـﺎﻱ، ﺋــﯜچ ﺋــﺎﻳﻼ!« ﺋﯩﻠﮕﯩــﺮﻯ ﻧﯧﻤﯩﺸــﻘﺎ ﺑﯩﻠﻤﯩــﺪﻯ؟ ﺋــﯚﺯ ﺗﯩﻠﻠﯩــﻖ ﺑﯩــﺮ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷــﻨﯩﯔ ﺑــﯘ ﻗﻪﺩەﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩــﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷــﯩﻨﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸــﻘﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩــﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﺋــﯘ ﺑﯩــﺮ ﭼــﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋــﺎﺋﯩﻠﯩﭽﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭﻻﺷــﻘﺎﻥ ،ﻳﯩــﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﺳــﯩﻼ ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺗﻪﺭەﭘــﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟــﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ،ﻟﻪۋﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩـﻨﻪﺭ-ﺑﯩﻠﯩـﻨﻤﻪﺱ ﭼﯩﺸـﻠﯩﺪﻯ .ﺷـﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳـﯧﻐﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩــﺮﺍپ ﻗﯩﻠــﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﺳــﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﻣــﯚﺟﯩﺰە ﻳــﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﺋﺎﺷــﯘ ﺋــﺎﺩﺍۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩــﺮەﺭﻯ ﺋــﯘﭼﺮﺍپ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ،ھﯩﭻ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ،ﻗﯧﻨﯩﭗ-ﻗﯧﻨﯩـﭗ ﻳﯩﻐﻼﺷـﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴـﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﺍۋەﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ .ﻗﺎﺭﺍﺷـﻘﺎ ھـﺎﺟﻪﺕ ﺑـﺎﺭﻣﯘ؟ ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺋـﺎﺩەﻡ ﻳﻮﻗﯩـﺪﻯ .ﻳـﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩـﺪﻯ. ﻛﺎﺷﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠـﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴـﯩﺪﻯ ،ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﺋﯘﻧـﺪﺍﻕ ﺩﯨﻠﯩﻐﯘﻟﻠـﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤـﺎﻳﻼ ﭼﻮﻗـﯘﻡ ﺋﯩﺰﺩەپ ﺑـﺎﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻏﯘﻧﯩﺴـﻰ ﻛﯩـﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪەﻙ ﻛـﯚپ ﻳﺎﺷـﺎﻳﺪﯗ؟ ﺋـﯘ ھﯧﺮﯨـﭗ ﻗـﺎﻟﻐﯘﺩەﻙ ﺑﻮﻟـﺪﻯ ﺑـﯘ ﻳﺎﺷﺎﺷـﺘﯩﻦ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ھﻪﻣﺮﯨﻴﯩﻤﯘ ﻧﻪۋﺍﻕ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩـﺪﺍ ،ﻳـﺎﺕ ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﯩـﯔ ﺩﯛﺷـﻤﻪﻧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷـﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸـﻠﯩﻚ ھﺎﻳـﺎﺗﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﻛـﯧﻠﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩـﭗ ﺗﺎﺷـﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐـﺎﭼﻘﯩﻼ ﺋﺎﻣـﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴـﺎ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻗﻤﯘ ﻳﺎﺷـﺎﺭ ﺋﯩـﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﻛﯩﺘـﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺷ ـﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨــﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩــﺪە ﺧــﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨــﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩــﭗ ﻗﺎﻟﻐــﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩــﯔ ﺋــﺎﺯﺍﺑﻰ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘـﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﺋـﺎﭼﭽﯩﻖ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩـﺪﻯ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻛـﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴــﯩﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﯩــﯔ ﺋﻪﺩﯨﭙﯩﻨــﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳﺘــﻰ ،ھﻪﻡ ﺋﯘﻣــﯘ ﻗــﻮﻝ ﻗﻮﺷــﺘﯘﺭﯗپ ،ﮔﯘﻧﺎھﻜــﺎﺭﻻﺭﭼﻪ ﺗﯘﺭﻏــﺎﻥ ﺑــﻮﻻﺗﺘﻰ .ﻳــﺎﺕ ﻛــﯧﻠﯩﻦ ﭼﯧﯟﯨﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ: ﺋﻪﺳـﻜﻰ-ﺗﯜﺳـﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩـﭗ ﺳـﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻴﻤـﯘ ﺑـﯘ ...،ﺩەپ ﻏـﯘﺩﺭﺍﭘﻼ ﺋﯚﺗﻜـﯜﺯﯛۋەﺗﻜﻪﻥ ،ﺋـﯘ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ﻗﯧﻴﻨـﻰ ﺋــﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﭘﻠﻪﺷــﺘﯜﺭەﻟﻤﻪﻱ ،ﺋــﯜﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳــﺘﯩﻦ ھﻮﺟﺮﯨﺴــﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩــﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ» .ﺋــﺎھ ﺋﺎﻧــﺎﻡ ،ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴــﺎڭ ﺑﻮﻳﻨﯘﯕﻐــﺎ ﺋﯧﺴــﯩﻠﯩﭗ ﺗــﯘﺭﯗپ ،ﻗﯧﻨﯩــﭗ-ﻗﯧﻨﯩــﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﺍﻟﺴــﺎﻡ« ﺩەپ ﺋﺎﺭﻣــﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ .ﺋﺎﻧﯩﺴــﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ ﻛـﯚپ ﻳـﺎﺵ ﺗـﯚﻛﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯩـﺲ ﻗﯩﻠـﺪﻯ .ﺷـﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﯘ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ھﻪﻳـﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟـﺪﻯ» .ھﻪﺟﻪپ ﻗﯩﭙﻜﻪﺗﺘﯩﻤـﺎ؟ ﺋﺎﻧـﺎﻡ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣـﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﻮھﯩﻤﺪەﻙ؟« ﺋﺎﺷــﯘ ﺋــﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھﻪﻣﺮﺍھﯩﻨــﻰ ،ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ »ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ«ﻧﻰ ﺟﺎﻧــﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨــﺰ ﺑﯩﻠﯩــﭗ ﺳــﺎﻗﻼپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗــﺎﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣــﺪﻯ ﺋــﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺎﻗﻼۋﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﻮﻕ .ﺋﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ھﻪﻣﺮﺍھ ﺋﯩـﺪﻯ ،ﻣﯘﯕـﺪﺍﺵ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺗﻪﺳـﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋﻮﻗﯘﺳـﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ ﺑﻪﺗـﺘﯩﻦ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﺑﺰﺍﺳـﺘﻨﻰ ﺋﻮﻗـﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧـﻼ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﻪﺭۋﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ .ﺋـﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﻯ ﺗـﺎﺯﺍ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺳـﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪەﻛﻠﯩﺪﻯ .ﻧﻪﻗﻪﺩەﺭ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯩﻞ ﺋﯩـﺪﻯ؟ ﺋﺎﻧﯩﺴـﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟــﻠﻪﻳﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧـﺎ ﻣﯘﺷـﯘ ﺗﯩﻠـﺪﺍ ﺋﯩﻴﺘﯩﻠﻤﺎﭘﻤﯩـﺪﻯ؟ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ »ﻻﻱ-ﻻﻱ«ﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴـﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﺘـﻰ ،ﺋـﯘ ﺷـﯘ ﭼﺎﻏـﺪﺍ ﺳﺎﺗﻤﯩﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗـﺎﺭﺍپ ﺋﻮﻟﺘـﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .ﺋﺎﻧﯩﺴـﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩـﯔ ﺗﯜﺭﻟـﯜﻙ ﻗﻮﺷـﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷـﯘپ ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﯩﺸـﻠﯩﺮﯨﭽﯘ؟ ﺋﺎﺷـﯘﻣﯘ ﻣﯘﺷـﯘ ﺗﯩـﻞ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺑﯩـﺮ ﺩﯨﺨـﺎﻥ ،ﺩﯨﺨـﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴـﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟـﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩـﻚ ھﯧﺴـﺎﭘﻘﺎ ﺋـﺎﻻﺗﺘﻰ ،ﺑﯩﻠﮕﯩﻠـﻰ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﺘﻰ؛ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗـﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ﺧﯩـﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺑـﯘ ﺗﯩﻠﻨﯩـﯔ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺗﯩﻠـﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺩﯨﺨﺎﻧﻐﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩەپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ،ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷـﻨﯩﯔ ﻧـﯧﻤﻪ ﻻﺯﯨﻤـﻰ ﺩﯦﮕـﯜﺩەﻛﻼ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴـﯩﻤﯘ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨـﺪﺍ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘـﻰ .ﺷﯘﻏﯘﻧﯩﺴـﻰ ﺑـﯘ ﺗﯩﻠﻨﯩـﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠـﯘﻗﯩﻨﻰ ،ﺷـﺎﻧﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻜﻰ؟ ﺋـﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩـﯔ ﻣﯘﻗﺎۋﯨﺴـﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸـﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧـﻼ ﻗـﯘﺭﻻﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨـﺎﺗﺘﻰ؛ ﺧﺎﻣـﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺩﯨﺨـﺎﻥ ﻻﻱ-ﻻﻳﻐـﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴـﺎ، ﺳﯘﭼﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘـﻰ ...ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨـﻰ ﮔﻮﻳـﺎ ﺑﯩـﺮ ﺗـﻮپ ﻣﯘﯕـﺪﺍﺵ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺋـﻮﺭﯗۋﺍﻻﺗﺘﻰ .ﻣﺎﻧـﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎپ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ .ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺩﯗﻏﺎﻥ ،ﺋـﯘﻧﻰ ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﻪﻟــﻠﻪﻳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩـﺮ ھﻪﻣﺮﺍ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔـﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋـﯘ ﻛﯜﻧﺴـﯧﺮﻯ ﺗﻮﻟـﯘﻕ ﻣﻪﻧﯩﺴـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ھﯩـﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘـﺎ ﺋﯩـﺪﻯ :ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﺍ ﺗـﺎﻍ ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﺷﻠﯩﺮﻯ ،ﺗﻮﻣﯘﭼﯘﻗﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺷـﻮﺧﻠﯘﻕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺳﺎﻳﺮﺍﺷـﻠﯩﺮﻯ» ،ﺋـﺎﺑﯘ ﭼﻪﺷـﻤﻪ« ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻨﯩـﯔ ﻣـﯘﯕﻰ، »ﺭﺍﻙ«ﻧﯩــﯔ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﻣﯧﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴــﻰ ،ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﻨﯩــﯔ ﺧﯘﺷــﭙﯘﺭﯨﻘﻰ ،ﺗــﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩــﯔ ﻣﯩﻬــﺮﻯ ،ﺯﻭﻗــﻰ ،ﺷــﻮﺥ ۋە ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﯨﺪﻯ .ھﻪﺗﺘﺎ ،ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺟﯩﻤﻰ ﺧﻮۋﻟﯘﻗﻰ ،ﺧﻮﺷـﻠﯘﻗﻰ ،ﻟﻪﺯﺯﯨﺘـﻰ ،ﺗـﺎﺗﻘﻰ ﻣﯘﺷـﯘ ﺗﯩﻠـﺪﺍ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴـﻪﻡ ﺋﯩـﺪﻯ. ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻴﻪﻟﯩﮕﯜﺩەﻙ ﺳﺎۋﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩـﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑـﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯜﺗـﯜﻥ ۋﯗﺟـﯘﺩﻯ ،ﭘﯜﺗـﯜﻥ ﻗﻪﻟﺒـﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ھﯩﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺗـﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤـﺎﻳﺘﻰ .ﺋﯧﻠﮕﯩـﺮﻯ ﺋﺎﺷـﯘ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷــﻜﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩــﺪﺍ ۋﯨﯟﯨﺴــﻜﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﯩــﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩــﻚ ﺩﯨﻘــﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ﺋﯩــﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﺋﯩﻜﻜــﻰ ﺗﻪﺭەﭘــﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﭼﻪ ۋﯨﯟﯨﺴــﻜﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩــﺪﯨﻦ ﻣﯧﯖﯩﺸــﻨﯩﯔ ھــﻮﺯﯗﺭﻯ ،ﻛﯚﯕــﯜﻟﻨﻰ ﭘﻪۋەﺱ ﺗﻮﻟــﺪﯗﺭﯗﺩﯗﻏﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨــﺎﺭ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳــﯩﻨﻰ ھﯩــﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩــﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﺋﻪﻣــﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋــﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯘﻧــﺪﺍﻕ ﺩﯗﻛــﺎﻧﻼﺭ ﻳــﻮﻕ ﻳــﺎﻛﻰ ۋﯨﯟﯨﺴــﻜﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ھﺎﺟﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺑﻮﻟـﯘﺵ ﺋﯩﻬﺘﯩﻤـﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼۋﯦﺮﯨـﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺪەﻛﻼ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﻧـﻰ ﺋﯧﺴـﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻤـﯘ ﺑﻮﻟـﺪﻯ :ﺋﺎﺗـﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴـﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪۋﺭە ﺗﯧﺸــﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺋﯩﺴــﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻘﻠﯩــﻖ ﺋﯩــﺪﻯ! ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑــﯘ ﺋﯩﺴــﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋــﯘ ﺩﯦﻴﻪﻟﻪﻳــﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴــﯩﻤﯘ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﯩﺪﯗﺭ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﯧﻜﯩﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻛﯚﺭﯛﺵ ۋە ﺷـﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻨﯩﯔ ھﺎﻳـﺎﺟﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋـﻮﻳﻼپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ .ﺋﯚﻳـﺪە ﻳــﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﯩــﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧــﺪﯛﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨــﺪە ﺑﯩــﺮ ﺗﺎﻛﺴــﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘــﯘﺭﯗپ ﻗﻪۋﺭﯨﺴــﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑــﺎﺭﺩﻯ .ﺗﺎﻛﺴــﯩﭽﻰ ھﯩﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ھﯧﻴﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺑﻮﻟﻤﯩﻐـﺎﻥ ﻛﯜﻧـﺪە ﻗﻪۋﺭە ﺯﯨﻴـﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﻣﻮﻣﺎﻳﻐـﺎ ھﻪﻳـﺮﺍﻥ ﺋﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﺑﻮﻟﺴـﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻪۋﺭە ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘپ ،ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ھﻮﺯﯗﺭﻟﯘﻧﯘﺷﺘﻪﻙ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ھﻪۋەﺱ ﺑﯩﻠﻪﻧـﻼ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩـﺪﻯ .ﺋـﯘ ﻗﻪۋﺭﯨﻠﻪﺭﻧـﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼپ ،ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﻤﯘ-ﻳﺎﻥ ﻗﻪۋﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗـﺎﭘﺘﻰ .ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯩﺴـﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷـﻘﺎ ﺳـﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻤـﯘ؟ ﺑﯩـﺮ ﻛـﯚﺯ ﺋﯧﺘﯩﺸﺘﺎ ﭘﯜﺗﻪﺗﺘﻰ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﯜﮔﯜﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪەﻙ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪپ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﻪۋﺭە ﺗﯧﺸﻰ ﺋﻮﺭﻧﯘﺗﯘﺵ-ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﺗـﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸـﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳـﻠﻪپ ،ﭼﯚﭼـﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻪۋﺭە ﺗﯧﺸﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻨـﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨـﻦ ﺗﺎﭘـﺎﺗﺘﯩﻢ! ﺩﯦـﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴـﺎﻝ ﻛﯚﯕﻠﯩـﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﺘﻰ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ-ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺗﯜﮔﯜﻣﻪﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻗﺎﻣﯘﺳـﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸـﻜﻪﻧﺪەﻙ ﻛـﯚﯕﻠﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟـﯜپ ﻗﺎﻟـﺪﻯ. ﻛﯩﺘــﺎﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘۋەﺭﮔﻪﻧــﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ-ﺑﻪﺯﯨــﺪە ﻗﻪۋﺭﯨــﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩــﭗ ﺯﯨﻴــﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐــﺎچ ،ﻗﻪۋﺭە ﺗﯧﺸــﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴــﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗــﯘﺵ ﻗﺎﻧـﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸـﻰ! ﺋﺎﻧـﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩـﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐـﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﺋﯩﺴـﯩﻤﻨﻰ ﺳـﺎﺋﻪﺗﻠﻪپ ﺋﻮﻗـﯘپ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸـﻨﻰ ﺋـﺎﺩەﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻏﯘﻧﯩﺴــﻰ ،ﺑــﯘ ﻛﯚﯕــﯜﻝ ﺧﯘﺷــﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩــﭗ ﻗﺎﻟــﺪﻯ :ﺑﻪﻙ ﻗﯧﺮﯨــﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼــﻜﻪ ،ﻗﻪۋﺭە ﺯﯨﻴــﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨــﭗ ﻛﻪﻟﮕــﯜﺩەﻙ ﻣــﺎﺩﺍﺭﻯ ﻳﻮﻗﯩــﺪﻯ .ﻳــﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷــﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩــﺪﻯ .ﺋﻮﻏﻠﯩﻐــﺎ ﺧﻪﻗﯩ ـﺶ ﻗﯩﻠﺴــﺎ ﺋــﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺸــﻰ ﻣــﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻳﺎﺕ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻳﺘﻰ .ﺋﻪﻣـﺪﻯ ﺷـﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﯩـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ھﻪﻣﺮﺍﺳـﻰ ﻳـﻮﻕ ،ﺷـﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻳﻮﻕ .ﺋﻪﺗﯩﭽﯘ؟ ﺋﻪﺗﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗ؟ ﺋﻪﺗﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮﻣـﯘ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳـﺪﯗ .ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴـﺎ ﻧـﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟـﯘﺩﯗ؟ ﻳﻪﺭﺷـﺎﺭﻯ ﻳﻪﻧﯩـﻼ ﭼﯚﮔﻠﻪۋﯦﺮەﻣـﺪﯗ؟ ھﺎﻳـﺎﺕ ﻳﻪﻧﯩـﻼ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮەﻣـﺪﯗ؟ ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩـﻼ ﺋﻮﻳﻨـﺎپ ﻛﯜﻟﻪﻣـﺪﯗ ﻳــﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳــﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩــﺮﺍﻱ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ،ﻗــﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﺗﯜﺳــﺘﻪ ﻳﺎﺷــﺎﺭﻣﯘ؟ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗــﺘﻪ ھﯩﭽﻘﺎﻧــﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔــﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳــﻤﯘ؟ ﻣﻪﺳــﯩﻠﻪﻥ ،ھــﺎۋﺍﺩﺍ ﺋﻮﻛﺴــﯧﮕﯩﻦ ﺋــﺎﺯﻻپ ،ﻧﻪﭘﻪﺳــﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻼﺷــﺘﯘﺭﯗﺩﯗﻏﺎﻥ ،ۋەھﺸــﯩﻲ ھــﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯜﻳــﯜپ ،ﻳــﯘﺭﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﺗﯘپ ﻛﯧﺘﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ...،ﺩﯦﮕﻪﻧـﺪەﻙ ﺑﯩـﺮ ﺋﯩﺸـﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳـﻤﯘ؟ ﺧـﯘﺩﺩﻯ ھﯩﭽﻨـﯧﻤﻪ ﻛﻪﻣــﻠﻪپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧـﺪەﻛﻼ ھﺎﻳﺎﺗﻨﯩــﯔ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸـﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳــﻪۋۋﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋــﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩـﺪﻯ .ﭼــﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ!
Enter the password to open this PDF file:
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-
-